دۇ جاۋسەي بىرىنچى سوتتا 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2024-يىل 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى دۇ جاۋسەينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىپ، جاۋابكار دۇ جاۋسەيگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 14 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى قوشۇمچە 4 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى؛ ئۇنىڭ جىنايەتتىن ئېرىشكەن مال-مۈلۈك ۋە ئۆسۈمى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.
قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندى: 2012-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، جاۋابكار دۇ جاۋسەي دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى يېنىك ئاتلىتكا باشقۇرۇش مەركىزى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى، جۇڭگو يېنىك ئاتلىتكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىدارە باشلىقى ياردەمچىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ مۇسابىقە ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىش، كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، توپچىلارنى يۆتكەش قاتارلىق ئىشلىرىدا ياردەم بېرىپ، باشقىلارنىڭ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 43 مىليون 410 مىڭ يۈەنلىك مال-مۈلۈكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.
ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: جاۋابكار دۇ جاۋسەينىڭ قىلمىشى پارا ئېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، سوممىسى ناھايىتى زور، شۇڭا قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. دۇ جاۋسەي ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ ئۆز مەيدانىنى كۆچۈرۈش، توپچىلارنى يۆتكەش قاتارلىق ئىشلاردا نامۇۋاپىق پايدا يەتكۈزۈپ، پۇتبول ساھەسىدىكى ئادىل رىقابەت تەرتىپى ۋە كەسىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان: باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، تەڭشەش ئىشلىرىدا مەنپەئەت يەتكۈزگەن، ئېغىرلىتىپ جازالاشقا بولىدىغان قىلمىشى بار. ئۇ دېلوغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تېخى ئىگىلىمىگەن بىر قىسىم پارا ئېلىش جىنايى پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان؛ ئۇنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىدە ئەمەلگە ئاشمىغان قىلمىشلار بار؛ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، زاڭ پۇل-ماللارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرغان، زاڭ پۇل، زاڭ مال ۋە تۇغۇندىسىنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇۋېلىنغان، قانۇن بويىچە ئۇنى يېنىكلىتىپ جازالاشقا بولىدۇ. سوت شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقاردى.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ سۈرىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى
◇ جۇڭگو پەلەستىن خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ
◇ ئاياللار ھاجەتخانىسىدىكى ئۇزۇن ئۆچرەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
◇ شىنجاڭلىقلارغا خۇش خەۋەر! توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
◇ شىنجاڭ پاختىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پاختىلارنىڭ بىرى
◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟
◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى
◇ ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك
◇ جۇڭگو — ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟