شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 1-ئورۇنغا ئۆتتى

时事   2024-12-21 15:01   北京  

شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشقان، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى ھەر مو يەرنىڭ 524.8 كىلوگىرامغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 130 كىلوگىرام يۇقىرى بولۇپ، تارىختا تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.

 9 ـ ئاينىڭ بېشىدا، قۇتۇبى ناھىيەسى ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناقتىن مول ھوسۇل ئالدى. سۈرەت\قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن

 ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇغداي، كۆممىقوناق شىنجاڭنىڭ يېتەكچى ئاشلىق زىرائىتى بولۇپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 95 تىن يۇقىرى. بۇ يىل شىنجاڭ بۇ ئىككى ئاچقۇچلۇق زىرائەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغداي، قوناق ھوسۇلىنى تەكشى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئېشىشى كۆلەم ۋە ئومۇمىي ھوسۇل جەھەتتە ئىپادىلەنگەن. شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 44 مىليون 400 مىڭ موغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2 مىليون 28 مىڭ مو كۆپىيىپ، كۆلەمنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرغان؛ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 46 مىليارد 600 مىليون جىڭ بولۇپ، 2021-يىلىدىكىدىن 4 مىليارد 220 مىليون جىڭ ئاشقان.

 سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە بۇغداي، كۆممىقوناقنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى تولۇق ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى مىليون مو كۆممىقوناق «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى»نى قۇرۇپ چىققان. ئاشلىقنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 24.7 كىلوگىرام ئاشقان، بىرلىك ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ بەش ھەسسىسىگە يېقىن بولغان.


مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئۇدا ئالتە كۈن دەم ئېلىشقا بولىدۇ! (ھەممە ئادەم ئەمەس)

ھەق ئېلىنمايدۇ، ئالدىنىپ قالماڭ

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى

كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章