ئامېرىكىدا زەھەر يامراشنىڭ مەنبەسى ئۆزىدە

时事   2024-12-21 09:01   北京  

جۇڭگو تەرەپ: ئامېرىكىدا زەھەر يامراشنىڭ مەنبەسى ئۆزىدە، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىمۇ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆز قولىدا

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، بەزى مۇخبىرلار ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ «جۇڭگونىڭ ئامېرىكا فېنتانىل كىرىزىسىدىكى رولىغا زەربە بېرىش» ئۈچۈن قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

 لىن جيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ پاكىتنى بۇرمىلىشى، ساختا ئۇچۇر تارقىتىشى، جۇڭگو تەرەپنىڭ زەھەر چەكلەش تىرىشچانلىقىغا قارا چاپلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

جۇڭگو زەھەر چەكلەشتە ئەڭ قەتئىي، سىياسىتى ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل، خاتىرىسى ئەڭ ياخشى دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ماددىلار ئەڭ كۆپ، باشقۇرۇش تۈزۈمى ئەڭ قاتتىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگونىڭ زەھەر چەكلەش تارماقلىرى زەھەر ياسايدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە باشتىن-ئاخىر قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىشىنى قېلىپلاشتۇردى.

 ئامېرىكىدا زەھەر يامراشنىڭ مەنبەسى ئۆزىدە، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىمۇ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆز قولىدا. ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنى ئىچكى كېسەلنى سىرتتىن داۋالاشقا، مەسئۇلىيەتنى دۆڭگەشكە، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىشقا ئۇرۇنماي، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، دۆلەت ئىچىدىكى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى ئازايتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇشقا دەۋەت قىلىمىز،

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

جۇڭگونىڭ چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى

ئۇدا ئالتە كۈن دەم ئېلىشقا بولىدۇ! (ھەممە ئادەم ئەمەس)

ھەق ئېلىنمايدۇ، ئالدىنىپ قالماڭ

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى

كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章