قىش پەسلىدە دائىم باش قېيىش قانداق ئىش؟
پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ دوستلۇق دوختۇرخانىسى قۇلاق، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، باش، بويۇن تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈخې
قىش پەسلىدە باش قېيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك. بۇ خىل ئەھۋال ياشانغانلار توپىدا تېخىمۇ روشەن، بولۇپمۇ ئاساس خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر (مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي كۆپىيىش كېسىلى ياكى دىيابېت كېسىلى) بار بولغان ياشانغانلاردا. مەسىلەن، كېچىسى ئۇخلىماسلىق، چارچاش قاتارلىق ئامىللار گىرەلىشىپ كەتسە، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىش پەسلى يەنە تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان گاس بولۇش ۋە باش قېيىش، دالانچە نېرۋا ياللۇغى، قۇلاق سىرتى كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل بولۇپ، بۇ كېسەللىكلەر ئوخشاشلا قىش پەسلىدە مېڭىنىڭ مىكرو ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن، باش قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. كەڭ ياشانغان دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، قىش پەسلىدە باش قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يەنە ئېچىۋېتىلدى
گۆش تۈرىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىلدى
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ
61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى
كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟
ئۈندىداردىن پۇل چىقىرىشتا رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟