بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: يىللىق دوكلاتتا ھەق ئېلىنمايدۇ، ئالدىنىپ قالماڭ
ھەر يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، تىجارەت سۇبيېكتلىرى دۆلەت كارخانىلار ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسىدا بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆتكەن يىللىق دوكلاتنى يوللىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. يىللىق مەلۇمات پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، يىللىق مەلۇمات ئالدامچىلىرىمۇ ئاستا-ئاستا جانلىنىشقا باشلىدى. بۇ يەردە، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇ: يىللىق دوكلاتتا ھەق ئېلىنمايدۇ، كۆپچىلىك ئالدىنى ئېلىش ئېڭىڭلارنى كۈچەيتىپ، «يىللىق مەلۇمات ئالدامچىلىقى»دىن ئېھتىيات قىلىڭلار.
قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يىللىق مەلۇمات ۋە ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەق تاپشۇرۇش كېرەك، دېيىش. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تېلېفون قىلىش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش ياكى ئۈندىدارنى قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ يىللىق مەلۇمات مەلۇم قىلمىغانلىقى ياكى ئىناۋىتىدە مەسىلە بارلىقىنى ئېيتىپ، بەلگىلىك ھەق تاپشۇرۇپ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ياكى يىللىق مەلۇماتنى تاماملاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزىلىرى يەنە ئۇلانما بار قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، بانكا كارتا نومۇرىنى كىرگۈزۈش، ھەق تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككىنچى، ساختا كىرىش ئېغىزى ۋە سودا سۇپىسى قۇرۇش. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ساختا يىللىق مەلۇمات كىرىش ئېغىزى ياكى سودا سۇپىسى قۇرۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى چېكىش ھەم تولدۇرۇشقا يېتەكلەپ، شۇ ئارقىلىق بانكا كارتىسى ھېسابات نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر قاتارلىق مۇھىم شەخسىي سىر ئۇچۇرلىرىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ. ئۈچىنچى، قانۇنسىز ئۇلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىش. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق قانۇنسىز ئۇلانما بار ئۇچۇرلارنى يوللاپ، كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى چېكىپ بېقىشقا قىزىقتۇرىدۇ ھەمدە قانۇنسىز سودا سۇپىسىدا ئالدامچىلىق قىلىدۇ. تۆتىنچى، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تېز يوللانمىلاردىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تېز يوللانمىلارنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ، تاپشۇرۇپ بېرىپ، كارخانىلاردىن توشۇش ھەققى تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، خەت-چەكلەردە ئاتالمىش «كارخانىنى يىللىق تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى» بار بولۇپ، كارخانىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى «يىللىق تەكشۈرۈش»نى قوبۇل قىلىشقا ھەمدە ھەق تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ. بەشىنچى، ئۈچىنچى تەرەپ ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار كېلىشىم بويىچە ھەق ئالىدۇ. ساختا 3-تەرەپ ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار تىجارەتچىلەرگە ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق، كېلىشىم ئىمزالاش ھەمدە پۇل تۆلەپ يىللىق مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەقنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يەنە ئېچىۋېتىلدى
گۆش تۈرىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىلدى
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ
61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى
كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟
ئۈندىداردىن پۇل چىقىرىشتا رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟