قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇرا ھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ

时事   2024-12-17 21:00   北京  

نىڭشيانىڭ جەنۇبى، شەنشىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرا ھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ

12-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 8 دىن 18-كۈنى سائەت 8 گىچە، شىنجاڭنىڭ تىيانشان رايونى، شىزاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمى، چىڭخەينىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق ياكى ئوتتۇرا ھال (2.5-4 مىللىمېتىر) قار ياغىدۇ. غەربىي جەنۇب رايوننىڭ شەرقىي جەنۇبى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرا ھال يامغۇر ياغىدۇ. شىزاڭنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا 7 بالدىن 8 بالغىچە شامال چىقىدۇ.

 12 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى سائەت 8 دىن 19 ـ كۈنى سائەت 8 گىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمى، چىڭخەينىڭ شىمالىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمى، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە گەنسۇنىڭ جەنۇبىي قىسمى، نىڭشيانىڭ جەنۇبىي قىسمى، شەنشىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرا ھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ (5~6 مىللىمېتىر). گەنسۇنىڭ جەنۇبىي قىسمى، خۇبېينىڭ غەربىي قىسمى، غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ. ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبى، شىزاڭ، چىڭخەينىڭ غەربىي قىسمى، غەربىي سىچۈەن ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا 4 بالدىن 6 بالغىچە شامال چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شىزاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا 7 بالدىن 8 بالغىچە شامال چىقىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يەنە ئېچىۋېتىلدى

گۆش تۈرىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىلدى

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى

كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟

ئۈندىداردىن پۇل چىقىرىشتا رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章