شەخسلەر ياردەم تەلەپ قىلىش تور مۇلازىمەت سۇپىسى تىزىملىكى چىقتى

时事   2024-12-17 18:04   北京  

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بەلگىلەنگەن شەخسلەر ياردەم تەلەپ قىلىش تور مۇلازىمەت سۇپىسى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەيرىيەت قانۇنى»، «شەخسلەر ياردەم سوراش تور مۇلازىمەت سۇپىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «شەخسلەر ياردەم تەلەپ قىلىش تور مۇلازىمەت سۇپىسىنى تاللاش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، شەخسلەر ياردەم تەلەپ قىلىدىغان تور مۇلازىمەت سۇپىسىنى تاللاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان باھالاش كومىتېتلىرى باھالاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن باھالىدى ھەمدە شەخسلەر ياردەم تەلەپ قىلىش تور مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ بەلگىلەنگەن ئىسىملىكىنى بېكىتتى. ھازىر تۆۋەندىكىدەك ئېلان قىلىندى:

 ئېلان قىلىش ۋاقتى: 2024-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 2024-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە.

 ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 58123134 (010)

 فاكس: 58123110 (010)

 ئېلان قىلىش مەزگىلىدە، ئەگەر بېكىتىلگەن تىزىملىككە باشقىچە پىكىر بولسا، تېلېفون، فاكس قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئەينەن ئىنكاس قىلسا بولىدۇ. ئىنكاس قىلغۇچى چوقۇم ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسىنى ئۇقتۇرۇپ ياكى ئىمزالاپ، خىزمەت ئورنى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئۇقتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە ئىنكاس قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە قولايلىق يارىتىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يەنە ئېچىۋېتىلدى

گۆش تۈرىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىلدى

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى

كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟

ئۈندىداردىن پۇل چىقىرىشتا رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章