«يالغۇز پەرزەنت ئەمەسلەر پەرۋىش رۇخسىتى» ئالالامدۇ؟ بىر جايدا 10 كۈن رۇخسەت ئالغىلى بولىدۇ
يېقىندا، بېيجىڭدا پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زو فېينىڭ بېشى قاتتى. ئانىسى يۇرتىدا ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، ئۇ ئىدارىسىگە «پەرۋىش رۇخسىتى» ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان، لېكىن سىياسەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، پەقەت ئىش رۇخسىتىنىلا تەستىقلىتىشقا توغرا كەلگەن. «كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دېيىشىچە، پەرۋىش رۇخسىتى يالغۇز پەرزەنتلەرگە قارىتىلغانىكەن، بىراق مېنىڭ يۇرتتا بىر ئاكام بار.»
__ مەيلى يالغۇز پەرزەنت بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەربىر بالىنىڭ بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتى، شۇڭا سىياسەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك، دېدى زو فېي.
ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن رايونلار ئەمگەكچىلەرنىڭ بۇ تەلىپىگە دىققەت قىلدى. گۇيجوۋ، خېيلۇڭجياڭ، سىچۈەن قاتارلىق جايلار «يالغۇز پەرزەنت ئەمەس»لەرنى پەرۋىش رۇخسىتى ئوبيېكتى دائىرىسىگە كىرگۈزدى. يېقىندا، جياڭسۇنىڭ ياڭجوۋ، نەنتۇڭ قاتارلىق جايلىرى «يالغۇز پەرزەنت» قاتارلىق چەكلەش شەرتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى ياكى قويۇۋەتمەكچى بولغان.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يەنە ئېچىۋېتىلدى
گۆش تۈرىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىلدى
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى
قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى
بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ
61 سىياسەت ھۆججىتى بىكار قىلىندى
كالا سۈتىگە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان؟
ئۈندىداردىن پۇل چىقىرىشتا رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟