ئىدىقۇت رايونى تەك بارىڭىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى

文摘   2024-11-05 12:36   新疆  
ئىدىقۇت رايونى تەك بارىڭىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئىختىيارىي مۇخبىرى لەن شېڭۋېن خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندىن بۇيان، ئىدىقۇت رايونى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەك بارىڭىنى ئۆزگەرتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

دېھقانلار تەك باراڭلىرىنى ئۆزگەرتمەكتە.


10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ چاجاڭ كەنتىدىكى تەكزارلىقتا، كەنت ئاھالىلىرى تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەك باراڭلىرىنى ئۆزگەرتىۋاتاتتى. كەنت ئاھالىسى ئابلا ئابدۇشۈكۈر مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ ئالتە مو تەك يېرى بار، ھۆكۈمەت ھەر مو يەرگە 40 تال سېمونت تۈۋرۈك ياردەم قىلدى. تەك بارىڭىنى ئۆزگەرتىش ماشىنىلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىشقا، باراڭنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
يار بازىرىنىڭ لۈزۈن كەنتىگە جايلاشقان فۇلەن سېمونت تۈۋرۈك زاۋۇتىدا، ئىشچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەك بارىڭىغا ئىشلىتىلىدىغان سېمونت تۈۋرۈك ياساۋاتتى. زاۋۇت مەسئۇلى جاڭ ۋەنفۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بىز ئىشلەپچىقارغان 100 مىڭ تال سېمونت تۈۋرۈك سېتىلىپ بولدى، يەنە 15 مىڭ تال تۈۋرۈك ياسايمىز، ھازىرقى شارائىتتا كۈنىگە 800 تال تۈۋرۈك ياسىغىلى بولىدۇ.

فۇلەن سېمونت تۈۋرۈك زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار سېمونت تۈۋرۈك ياسىماقتا.

يار بازارلىق يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى پەرىخە غاپپار مۇنداق دېدى: بۇ يىل، كەنت بويىچە تەك بارىڭىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىيىتدېھقان كەنتى بىلەن چاجاڭ كەنتىدىكى 2613 مو يەردىكى تەك بارىڭىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدۇق. نۆۋەتتە، 100 مىڭ تال سېمونت تۈۋرۈك تەييارلىدۇق، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ۋەزىپىنى تاماملايمىز. توققۇز تېخنىك خادىمنى ئىككى كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەك بارىڭىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە مەخسۇس يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ يىللىق تەك بارىڭىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنىڭ سۈپەتلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

دېھقانلار سېمونت تۈۋرۈكلەرنى يۆتكىمەكتە.

زامانىۋى ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، تېرىقچىلىق ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئىدىقۇت رايونى 2016 - يىلىدىن باشلاپ تەك بارىڭىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، 105 مىڭ مو يەردىكى باراڭنى ئۆزگەرتىش تاماملاندى. ئىدىقۇت رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۇي خۇڭيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئىدىقۇت رايونى 28 مىڭ مو يەردىكى تەك بارىڭىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى، يېڭى تىپتىكى تەك بارىڭى ھاۋا ئۆتۈشۈشكە ۋە قۇياش نۇرىنىڭ يېتەرلىك چۈشۈشىگە، زىيانداش ھاشارات ۋە كېسەللىكلەرنى ئازايتىشقا، ئۈزۈمنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ماشىنىلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىغا قولايلىق يارىتىپ، ئەمگەك كۈچى سەرپىياتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章