بۇ خىل گۈللەر بىلەن نۇرغۇن كېسەلنى ئۆيدىلا داۋالىيالايسز!

文摘   2024-12-02 20:03   新疆  

1. تاشيارغان(虎耳草) نىڭ تەبىئىتى سوغۇق، زەھەرلىك، ئىسسىق ياندۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، زەھەر ھەيدەش رولى بار، ئادەتتە يىرىك مەنبەلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بىر گىرام يېڭى تاشيارغاننى ئىزىپ، تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ، شىرنىسىنى قۇلاققا بىر كۈندە ئۈچ، تۆت قېتىم تېمىتىپ بەرسە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.


2. جۈزە يوپۇرمىقى (橘叶) نىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى قىرتاق، جىگەرنى تازىلاش، يەلنى ھەيدەش، ياللۇغ ياندۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، رولى بار، ئادەتتە 30 گىرام جۈزە يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

3. ئالقانسىمان كاكتۇس(仙人掌)نىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى قىرتاق، يەلنى ھەيدەش، قاننى جانلاندۇرۇش، زەھەر تازالاش قاتارلىق شىپالىق رولى بار، كۆيۈك يارىسى ۋە چىقانغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئالقانسىمان كاكتۇسنىڭ تىكىنى ۋە تېرىسىنى سويىۋېتىپ، سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ جارھەت ئېغىزىغا تېڭىپ بەرسە بولىدۇ.


4. ئەتىرگۈل(玫瑰花)نىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزە تەڭشەش، ئىششىق ياندۇرۇش ۋە زەھەر ھەيدەش رولى بار. 10 گىرام ئەتىرگۈلنى قاينىتىپ سۈيىنى چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە ھەيزە ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيزە بىنورماللىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. لەيلىقازاق (吴美人)نىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل، زەھەرسىز، تولغاقنى داۋالايدۇ. قۇرۇتۇلغان گۈلىدىن 1.5گىرام ياكى  پۈتۈن تۈپىدىن 9~18 گىرامنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.


 6. سېرىق يەسىمەن (迎春花)نىڭ تەمى قىرتاق، ئىسسىق ياندۇرۇش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى بار. گۈلى بىلەن يوپۇرمىقىنى ئىزىپ يارا ئېغىزىغا تېڭىپ بەرسە زەھەر ھەيدەپ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.


يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章