خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
“经常挨打”和“从不挨打”的孩子,过的是两种人生
«دائىم تاياق يەيدىغان» بالا بىلەن «ئەزەلدىن تاياق يېمەيدىغان» بالىنىڭ ھاياتى ئىككى خىل بولىدۇ
ღ ღ ღ
你被爸妈揍过吗?为人父母的你打过孩子吗?今晚的夜读和你聊聊“挨打”的话题。
ئاتا-ئانىڭىز سىزنى ئۇرۇپ باققانمۇ؟ بالىڭىزغا ئاتا-ئانا بولغان سىز ئۇنى ئۇرۇپ باققانمۇ؟ بۈگۈن كەچتىكى مەزمۇنىمىزدا سىز بىلەن «تاياق يېيىش» تېمىسىدا پاراڭلىشىمىز.
被打的孩子,身心都受伤
تاياق يەيدىغان بالا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىدۇ.
有位网友分享过自己的经历。有一年期末考后,和一位叔叔吃饭。饭桌上两家人聊起孩子的成绩,爸爸听到叔叔儿子的成绩比他好,回到家就踹了他好几脚,说他不争气,嫌他丢人。这些打骂行为,频频出现在他的成长历程中。
بىر تورداش ئۆزىنىڭ مۇنداق بىر كەچۈرمىشىنى ھەمبەھرىلىگەن، بىر يىلى مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندىن كېيىن ئۇياق ۋە ئۇياقنىڭ دادىسى ئىككەيلەن تاغا سۈپەت بىر كىشى بىلەن تاماق يەپ قالىدۇ. ئۈستەلدىكى ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، دادىسى ئۇ كىشىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئۆزىدىن ياخشىلىقىنى ئاڭلايدۇ ھەمدە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇنى بىر نەچچىنى تېپىپ، «يارىماس، يۈزۈمنى چۈشۈردى» دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سەپىرىدە بۇنداق تىللىنىش ۋە تاياق يېيىشلەر پات-پاتلا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
高考后,他才告别自己的挨打生涯。原以为人生终于可以步入正轨,可当他工作后才清楚地意识到,十多年的挨打经历,让他的内心十分脆弱,习惯了自己浑身都是错,常常会有种挫败感。
ئۇ داشۆ ئىمتىھانىدىن كېيىنلا ئاندىن تاياق يەيدىغان ھايات بىلەن خوشلىشىدۇ. ئۇ ئەسلىدە تۇرمۇشىنى شۇنىڭ بىلەن نورمال رېتىمغا چۈشتى دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ئون نەچچە يىللىق تاياق يېيىش كەچۈرمىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بەكلا ئاجىزلىتىۋەتكەنلىكىنى، توختىماي سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ھەمىشە مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى ھېس قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىدۇ.
有父母觉得,打孩子是一种教育方法。可很多时候,这只是父母的情绪宣泄。而被打的经历将成为孩子人生中最恐怖的过往,未来要花费很长的时间才能疗愈这种创伤。
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئۇرۇشنى بىر خىل تەربىيە ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ. بىراق، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇ پەقەتلا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى سىرتقا چىقىرىشى بولۇپ قالسا، تاياق يېيىش بالىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشكە ئايلىنىپ، كەلگۈسىدە بۇ خىل زەخىمنى داۋالاشقا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
父母的暴力,也会影响孩子
ئاتا-ئانىلارنىڭ زوراۋانلىقلىرىمۇ بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
一位心理学家做过一个实验,他找了一群3-6岁的孩子,把他们分成两组。第一组孩子看到一个人在殴打房间里的玩偶的视频,第二组孩子没有观看影片。
بىر پىسخولوگ ئىلگىرى تەجرىبە ئىشلەپ 6-3 ياشقىچە بولغان بىر توپ بالىنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىيدۇ. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى بالىلار بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆيدىكى قونچاقنى ئۇرۇۋاتقانلىقى خاتىرىلەنگەن سىننى كۆرىدۇ، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى بالىلارغا بۇ سىن كۆرسىتىلمەيدۇ.
随后,这些孩子被带到另一个房间自由玩耍。结果发现:那些没有观看影片的孩子,很少有攻击行为。那些看了别人暴力举动的孩子,很多都出现了攻击行为。
ئارقىدىن، بۇ بالىلار يەنە بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىلىپ ئەركىن ئويناشقا قويۇپ بېرىلگەندە، مۇنداق ئەھۋال بايقىلىدۇ: سىننى كۆرمىگەن بالىلاردا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى ناھايىتى ئاز ئىپادىلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى كۆرگەن بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى ئىپادىلىنىدۇ.
其实父母打孩子,也是一样的道理。生活在暴力之下的孩子,渐渐地也会把暴力当成解决问题的方式。当孩子学会举起拳头的时候,就是另一个悲剧的开始。
ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئۇرۇشىنىمۇ ئوخشاش قائىدە بويىچە چۈشىنىشكە بولىدۇ. زوراۋانلىق ئىچىدە ياشىغان بالىلارمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ زوراۋانلىقنى مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى قىلىۋالىدۇ، بالىلار مۇشتۇمىنى كۆتۈرۈشنى ئۆگىنىۋالغاندا بولسا، يەنە بىر تىراگېدىيە باشلىنىدۇ.
孩子的优秀,不是打出来的
مۇنەۋۋەر بالىلارنى ئۇرمايمۇ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ.
真正持久有效的教育,源于父母的爱和智慧。钟南山院士曾说过一段小时候的经历。上学时,他每个月都要给学校交一笔伙食费。有一次,父母把这笔钱给了他,但他却拿着这笔钱去买零食。
ئۇزۇنغىچە ھەقىقىي ئۈنۈمى بولىدىغان تەربىيە ئاتا-ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىدىن كېلىدۇ. ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى بىر مەزگىللىك كەچۈرمىشى ئۈستىدە توختىلىدۇ. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىدا، مەكتەپكە ھەر ئايدا مۇئەييەن سوممىدا تاماق پۇلى تاپشۇرىدىغان بولۇپ، بىر قېتىم ئاتا-ئانىسى بۇ پۇلنى بەرگەندە، ئۇ پۇللارغا ئۇششاق يېمەكلىك ئېلىپ يەيدۇ.
临近学期末,父亲知道了这件事,他顿时觉得自己要大难临头,爸爸肯定会痛打他一顿。可是,父亲只是问他:“南山,你好好想想,这个事你做得对不对?”钟南山说,父亲这番话,比打他一顿的刺激还要大。虽然父亲没有骂他,更没有打他,却让他认真反省,意识到自己错在哪里。
مەۋسۈم ئاخىرلىشىشقا ئاز قېلىپ دادىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندا، ئۇ ئۆزىنى بېشىغا چوڭ بالا-قازا كېلىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، دادىسىنى ئۆزىنى چوقۇم قاتتىق ئۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ. بىراق، دادىسى ئۇنىڭدىن: «نەنشەن، ئوبدان ئويلاپ باق، بۇ ئىشتا قىلغىنىڭ توغرىمۇ، خاتا؟» دەپ سورايدۇ. جۇڭ نەنشەن دادىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ تەسىرىنىڭ ئۆزىنى ئۇرغاندىنمۇ بەكرەك كۈچلۈك بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چۈنكى، دادىسى ئۇنى تىللىماي، ھەتتا ئۇرماي تۇرۇپمۇ ئۆزى ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاندۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ قەيەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى تونۇتقۇزىدۇ.
可见,暴力不是教育的必须,父母的循循善诱才是孩子健康成长最需要的养分。有句话说“孩子成为什么样的人,在于他有怎样的‘观念’,接受过怎样的教育。”决定孩子将来变成什么人的要素,都渗透在父母的一言一行中。
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالا تەربىيەسىدە زوراۋانلىق زۆرۈر ئۇسۇل ئەمەس، ئاتا-ئانىلارنىڭ ماھىرلىق بىلەن قىلغان تەربىيەسىىلا بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشتە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئوزۇقلۇق. مۇنداق بىر سۆز بار: «بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى ئۇلاردا قانداق <قاراش> بارلىقى، قانداق تەربىيەنى قوبۇل قىلغانلىقىغا باغلىق». بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەمگە ئايلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزىگە سىڭىپ كېتىدۇ.
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق
◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ
◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش
◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج
◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا
◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟