ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

文摘   2024-11-13 12:03   新疆  
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، ئۈرۈمچى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى


ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، سىجىل تۈردە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى


11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىغىن ئاچتى، يىغىندا، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىققەت شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىندى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى باشلامچىلىق، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئۈرۈمچى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن ـ ئاخىر مەركىزىي شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ما شىڭرۇي قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار كۆپ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئالغا سىلجىتقانىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى ئېچىشىدا ئاساسلىقى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر بولۇش فۇنكسىيەلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكى، يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى يەنىمۇ قوللاش مەقسەت قىلىنغان.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، يىغىنغا قاتناشقان ئالاقىدار يولداشلار نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۈرۈمچىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇملۇقىدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن مەركىزىي شەھەرنى ئەلالاشتۇرۇشى، كۈچەيتىشى كېرەك. ئۈرۈمچى ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ياخشى ئۈلگە بولۇش، ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىسلاھ قىلىش چارىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق قىيىن مەسىلىلەر ۋە تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى سىجىل تۈگىتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشى، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ پۇختا نەتىجە يارىتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىجىل تۈردە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن قۇۋۋەت توپلىشى، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشى كېرەك. قوللاش سالمىقىنى زورايتىش بىلەن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇق ئىش تۈرلىرىنى رايون، ناھىيەلەرگە بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئۈرۈمچىگە بولغان تۈرلۈك قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى تېزلىتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يېتەكچىلىك رولى ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشتا ئەۋزەللىكى، شارائىتى، مەسئۇلىيىتى بار. جەزمەن ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، مۇھىم پۇرسەتنى ئىگىلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە سىجىل تۈردە سالماقنى زورايتىش، سۈرئەتنى تېزلىتىش، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. مۇھىم ئىستراتېگىيە، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى زىچ چۆرىدەپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر پىلانلاپ، پۇختا پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئۈرۈمچىنىڭ كەسىپلەرنى توپلاش، نوپۇسنى مەركەزلەشتۈرۈش، فۇنكسىيەنى توپلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېتەكچى كەسىپ، تۈۋرۈك كەسىپ، خاس كەسىپلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، باش ئىشتاب ئىقتىسادىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۆي ـ جاي بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، شەھەرنى پىلانلاپ قۇرۇشنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئىشلەپ، شەھەرنىڭ باش ئورۇنلۇق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن چىقىمنى تېجەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «قانسىراش»نى توسۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، مالىيەنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى پائال، پۇختا تۈگىتىشى كېرەك؛ قەتئىي «قان توختىتىش» جاسارىتى بىلەن، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بايلىق، مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ، «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملىشى، تولۇق پۇختىلىشى كېرەك؛ «قان بېرىش» مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەركەزنىڭ تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئۆزىنىڭ «قان ئىشلەش» قابىلىيىتىنى چېنىقتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، تىرەكلىك رولى زور، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشى كېرەك. 4 ـ پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، دادىل مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، پائال نەتىجە يارىتىش كېرەك. سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئۈرۈمچى خىزمىتىنى سىياسىي جەھەتتىن ئويلىشىپ، پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىش كېرەك. تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك، سىستېمىلىق، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە يولغا قويغىلى بولىدىغان تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەت ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك يېڭى تەدبىر، قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىستىلنى ياخشىلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تۈردە قاتمال ئىدىيەلەرنى تۈگىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان ئاڭلىقلىقنى يېتىلدۈرۈپ، ئىش قىلالايدىغان قابىلىيەتنى چېنىقتۇرۇپ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان چىدامچانلىقنى تاۋلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشقا، مۇھىم مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، «قاتتىق قىيىنچىلىق»لارنى يېڭىشكە يېتەكلەش كېرەك. بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، «ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلماسلىق دەل شەكىلۋازلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى كادىرلار، ئاممىنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆت يۈرۈش بەنزىسىدىكى ئەزالار ۋە ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章