شوخلا
شوخلا شېرىن تەمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە مول مىقداردا لېكوپىن بار بولۇپ، ئۇ شوخلىنىڭ قىزىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېلېمېنت ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا، قان تومۇرلارنىڭ يۇمشاپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇش رولى بار
چاي
چاينىڭ سۈپىتى قانچە ياخشى بولسا، ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. چاينىڭ تۈرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېشىل چاينىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، چاي يوپۇرمىقىدىكى سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن قىزىق سۇدا تۇلۇق ئېرىيدۇ، شۇڭا چاي ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
كالا گۆشى
باشقا گۆش تۈرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، كالا گۆشى تەۋسىيە قىلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان گۆش بولۇپ، ئۇنىڭدا تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر ئاز، ئاقسىل بىر قەدەر كۆپ، يەنە كۆپ مىقداردا ۋىتامىنA بار كالا گۆشىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۇرۇش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
سۈت
سۈت بىزنىڭ ھەر كۈنى خورىغان تۈرلۈك ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، مەسىلەن مېنىرال ماددىلار، ئاقسىل، ياغ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ۋىتامىن قاتارلىقلار. سۈتنى دېزىنفېكسىيەلىگەندىن كېيىن بىۋاسىتە ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
زەنجىۋىل
زەنجىۋىل بىر خىل مۇھىم تېتىتقۇ بولۇپ، ئۇنى كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ئۇ يەنە مۇھىم بولغان جوڭگۇ تېبابىتى دورىسى ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، خام زەنجىۋىل تەركىبىدە زەنجىۋىل ئاچچىق ماددىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئوكسىگېن ئەركىن رادىكاللىرىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش، قېرىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە تاقابىل تۇرۇش رولى بار، زەنجىۋىلنىڭ يەنە قاننىڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ سوغۇقنى ھەيدەش رولى بار، سوغۇق تەگكەن، زۇكام بولغان ۋاقىتلاردا زەنجىۋىلنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئاچچىقسۇ
ئاچچىقسۇ بىر خىل تەم تەڭشىگۈچ بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭدىكى ئېنزىملار ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىش جەريانىدا شەكىللىنىدىغان پىروكسىد ماددىسى ئەركىن رادىكاللىرىنى تىزگىنلەيدۇ ۋە تۆۋەنلىتىدۇ. گۆش، سۆڭەك قاتارلىقلارنى سۇدا پىشۇرغان ۋاقىتتا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتكەندە، ئۇلاردىكى ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشىنى ۋە قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، دائىم ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىپ بېرىش سوققان تومۇرنىڭ قېتىۋېلىشنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق
سېرىق پۇرچاق
سېرىق پۇرچاقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل بولۇپ، ئۇنىڭدا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتاسى بار، ئۇنىڭ مۇسكۇللىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتىدىن ھاسىل قىلىش، تېرە، چاچ، تارماقلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار، بولۇپمۇ سېرىق پۇرچاقنى ئېزىپ پۇرچاق سۈتى ياكى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قىلغاندا، ئادەم بەدىنىگە تېخىمۇ پايدىلىق.
ئۈزۈم
ئۈزۈمدە ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە ئاز مىقداردا ئاقسىل، ياغلار بار، ئۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل، زەھەرسىز، بۇرۇنقىلار ئۈزۈمنى قان تولۇقلاشتىكى ياخشى يېمەكلىك دەپ تەرىپلەشكەن.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز