تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز پېڭ دەننى، ئالىيە غوجى) 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى شەھىرىمىزنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى سىستېمىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي ئىرادە، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈچىنى قوشىمىز.
شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، «ئىككى يېڭى» خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى موۋ تىڭجۈن مۇنداق دېدى: يېڭى تارماق، يېڭى بۇرچ ئالدىدا، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى موتور قىلىپ، دىققەتنى سەككىز تۈرلۈك ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، تۇرپاننىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەت خىزمىتى ساھەسىدە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.
«مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، بىزگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى». شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئۆمەر غوپۇر مۇنداق دېدى: بىز يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلات ۋە خىزمەتنىڭ قوش قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرپاننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىغا غەمخورلۇق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى يېتەكلەش كۈچى ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز.
يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چېن جىشىن مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆزلەشتۈرۈشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ «1535» خىزمەت تەپەككۇرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش داۋامىدىكى «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش» مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشىدىغان يېڭىچە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔