باش تېمىلىق ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى

文摘   2024-11-12 12:37   新疆  

«چى بەيشى سەنئىتى ئىدىقۇتقا كىردى» باش تېمىسىدىكى ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىدا باشلاندى


 

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى پېڭ دەننى، جاڭ مىڭشيەن خەۋىرى، فوتوسى: 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شياڭتەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى، ئىدىقۇت رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئىدىقۇت رايونلۇق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان «چى بەيشى سەنئىتى ئىدىقۇتقا كىردى» باش تېمىسىدىكى ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىدا باشلاندى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جوۋ لياڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.


شەھەر ئاھالىلىرى ھۆسنخەت، رەسىم ئەسەرلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

شەھەر ئاھالىلىرى ھۆسنخەت، رەسىم ئەسەرلىرى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.


جۇڭگونىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان رەسسامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چى بەيشىنىڭ رەسىملىرى ئۆتكۈرلۈكى، رەڭلىرىنىڭ ئېنىقلىقى، ئوبرازىنىڭ جانلىقلىقى بىلەن مەشھۇر. بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەرلەر مەيلى گۈل - گىياھ، قۇش، تاغ - دەريا ياكى ئادەم بولسۇن، چى بەيشى ئۇستازنىڭ چوڭقۇر سەنئەت ئاساسى ۋە گۈزەللىككە بولغان ئۆزگىچە تەسىراتى نامايان قىلىنىپ، شەھىرىمىزدىكى ھۆسنخەت، رەسىم ھەۋەسكارلىرىنى تەستە قولغا كېلىدىغان ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.


گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى چۈشەندۈرمەكتە.


كۆرگەزمە زالىدا، ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى جۇاڭ يۈنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىدىقۇت رايونلۇق 8 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 20دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى ھەربىر پارچە ھۆسنخەت، رەسىم ئەسىرىدىن تەپسىلىي ھۇزۇرلىنىپ، چى بەيشى ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى ۋە ئىجادىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە رەسىم قەلىمىنى ئېلىپ ھۆسنخەت يېزىپ، رەسىم سىزدى. جۇاڭ يۈ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مەكتەپ سىرتىدا ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭگوچە رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلىك كىتابتىن چىقىپ تۇرمۇشقا، ئۇستازلارغا يېقىنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىم. گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگوچە رەسىمنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرىمەن.


ئوقۇغۇچىلار ھۆسنخەت، رەسىم ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلماقتا.


ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە بىر ئاي داۋاملىشىپ، جەمئىي 90 پارچە ھۆسنخەت، رەسىم ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، چى بەيشى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى 30 پارچە، شياڭتەن شەھىرىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئىجاد قىلغان ھۆسنخەت، رەسىم ئەسىرى 60 پارچە. بۇ ئەسەرلەردە چى بەيشى ئۇستازنىڭ ئۆزگىچە سەنئەت ئۇسلۇبى ۋە چوڭقۇر سەنئەت ماھارىتى ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە شياڭتەن شەھىرىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقى ۋە يېڭىلىق ياراتقانلىقى نامايان قىلىنغان.

خۇنەن ئۆلكىلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، چى بەيشى خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى ۋۇ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىككى جاي خەلقى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. 




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章