شەھىرىمىزدىكى 98 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىغا ئەمەن ۋاكسىنىسى ئەملەندى

文摘   2024-11-06 12:06   新疆  

تۇرپان شەھىرىدىكى 98 مىڭغا يېقىن ياش - ئۆسمۈرگە ئەمەن ۋاكسىنىسى ئەملەندى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى پېڭ دەننى، ئالىيە خۇجى خەۋىرى: 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، تۇرپان ئەمەن ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، بۇنىڭدىن 98 مىڭغا يېقىن ياش - ئۆسمۈر نەپكە ئېرىشتى.

مۇخبىر ئىدىقۇت رايونلۇق 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ، ئىدىقۇت رايونى يار بازارلىق شىپاخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرتىپلىك ھالدا ۋاكسىنا ئەملىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. دوختۇر - سېسترالار ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. 

بۇ قېتىمقى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ مۇددىتى بىر ھەپتە بولۇپ، مۇقىم ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىدىن 33ى، كۆچمە ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىدىن 93ى تەسىس قىلىندى، بۇ، پۈتۈن شەھەردىكى 7 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىدىكى 98 مىڭغا يېقىن ياش - ئۆسمۈرنى قاپلايدىكەن. ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ، ئالدىنقى مەزگىلدە گۇڭئەن، مائارىپ قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەۋەلىكتىكى ياش - ئۆسمۈرلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاكسىنىنى سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش ۋە ساقلاش ئۆلچەم، تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپىنى چىڭىتىپ، ۋاكسىنا ئەملەش بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. 

شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر، شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جوۋ خۇڭيۈ مۇنداق دېدى: تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى كۆزىتىش ۋە باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان بىنورمال ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章