شى جىنپىڭ سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشتى

文摘   2024-11-03 16:08   新疆  
شى جىنپىڭ سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشتى

  

11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى  (مۇخبىر دۇڭ شۆ) 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. تۆتتىن ئۈچ ئەسىر داۋاملاشقان تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ھاياتىي كۈچكە تولدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزۈلدى. بىز جۇڭگو ـ سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدۇق، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېڭى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىلوۋاكىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو ـ سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىپ، ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۆت جەھەتتىن سىجىل تۈرتكە بولسا بولىدۇ. بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرسا بولىدۇ. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە ئېتىبار بەرسە بولىدۇ. ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتسە بولىدۇ. يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى  ئارا ھەمكارلىق كومىتېتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، قاتناش ـ ئەشيا ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتسە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنى سىلوۋاكىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، شۇنداقلا سىلوۋاكىيە تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بازار ئېچىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئۈچىنچى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ. سىياسىي پارتىيەلەر، يەرلىكلەر، ياشلار، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، كۇڭزى شۆيۈەنى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاشقا بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىلوۋاكىيە پۇقرالىرىغا چېگرادىن جۇڭگوغا كىرگەندە 15 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مۇئامىلىسى بېرىشنى قارار قىلدى. تۆتىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە بولىدۇ. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك پىشىپ يېتىلىش ۋە مۇقىملىقنى نامايان قىلىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپپاراتىنىڭ جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوغا قارىتا ئاكتىپ، ئەمەلىي سىياسەت قوللىنىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ـ تىزگىنلەپ، ئىقتىساد ـ سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. فىسو جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: سىلوۋاكىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت دەپ قارايدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ قېتىم مەن نۇرغۇن مۇھىم ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ۋە كارخانىچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدىم، بۇنىڭدىكى مەقسەت سىلوۋاكىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئاكتىپ ئارزۇسىنى بىلدۈرۈش. جۇڭگو تەرەپنىڭ سىلوۋاكىيە پۇقرالىرىغا چېگرادىن كىرگەندە 15 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، سىلوۋاكىيە تەرەپ ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ سىلوۋاكىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ئالقىشلايدۇ، يەككە تەرەپچىلىك ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىغا پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىزچىل پىرىنسىپال مەيدانىنى بايان قىلدى، سىلوۋاكىيە تەرەپنىڭ ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە، ئادىل پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلىدى، سىلوۋاكىيە ۋە مەقسەت ـ نىشانى بىردەك بولغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالدى. فىسو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئادىل، ئوبيېكتىپ بولۇپ، مول ئىجادىيلىققا ئىگە، سىلوۋاكىيە تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسى بويىچە «تىنچلىق دوستى» گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章