سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىسەۋەبى:- سوغۇق ئۆتۈش ، شامالداش ، قار ، بوران يامغۇردا قېلىش ، ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق سۇغا چۆمۈلۈش مۇنچىدىن چىقىپلا ئۆتكۈر سوغۇق نەرسىلەرنى ئېچىش ياكى بەك سوغۇق تاماقلارنى يېيىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ . ئالامىتى : - باش ئاغرىيدۇ، لېكىن باش بەك ئېغىرلىشىۋالمايدۇ ، ئاڭلاش، سېزىش ، پۇراش، تېتىش قاتارلىق سېزىش قۇۋۋەتلىرى تۆۋەنلەيدۇ، ئۇيقۇ قاچىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ. ھاماقەتلىك، ئۆزەمچىلىككە ئوخشاش، سەۋدايى ئىشلار ھەر خىل بۇزۇق خىياللارنى كۆپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان نەرسىلەرنى كۆپ ئويلايدۇ، تومۇر سۇس سوقىدۇ، گەجگىسى ئاغرىيدۇ. داۋاسى : - باش قىسمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش لازىم ، باشنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش ، مۇنچىغا چۈشۈپ تەرلەش ، بىنەپشە ، بابۇنە ، مەرزەنجۇش قاتارلىق خوش پۇراق خوش قىلغۇچى دورىلارنى قاينىتىپ ، سۈيىدە باشنى يۇيۇش كېسەلنى ئىسسىق جايغا يۆتكەپ ئارام ئالدۇرۇش . ئىپار ، ئەنبەر ، دارچىن ، قەلەمپۇر قاتارلىق دورىلارنى پۇرىتىش ، سەلىخە ، سۇمبۇل قاتارلىق دورىلار قاينىتىپ شەربىتىگە قەنت سېلىپ قىيام قىلىپ ئىچكۈزۈش لازىم . ئوزۇقلىنىشى رېتسىپى : - توخۇ ۋە پاقلان گۆشلىرىگە دورا ئىچى ، نەزىرە چامغۇر ، سەۋزە قاتارلىقلارنى سېلىپ پىشۇرۇپ يېگۈزۈش شورپىسى ئىچكۈزۈش لازىم ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىستېمال قىلىدىغان تاماقلار ، قىزىتقۇچ تائاملار بولۇشى كېرەك .مەنبە : ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى 1 - توم باش ئاغرىقى ۋە داۋالاشبۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ