تاماقتىن كېيىن 4 ئىشنى قىلىڭ، كۆپ كېسەلدىن ساقلىنالايسىز

文摘   2024-12-03 20:02   新疆  


تاماقتىن كېيىن بۇ 4 ئىشنى قىلىڭ، كېسەلدىن يىراق بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىز


سالامەتلىكنى ئاسراشتا، ئىشنى تۇرمۇشتىكى ئاددىي نۇقتىلاردىن باشلىغان ياخشى. ساغلام تۇرمۇش ئادىتى سىزنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىڭىزگە ياردىمى بولىدۇ.

تۆۋەندە مەزمۇن سالۇنىدىكى دوستلىرىمىز بىلەن تاماقتىن كېيىن، ئاشقازان ئۈچەي ساغلاملىقىنى ياخشىلايدىغان، ئۇششاق كېسەللىكتىن يىراق قىلىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىڭىزگە ياردىمى بولىدىغان 4 تۈرلۈك ئىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

1. تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش

تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاشنىڭ پەقەت چىشنى قوغداش رولى بولۇپلا قالماي يەنە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساپ ۋە نەم تۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىم رولى، تىلنىڭ تەم سېزىش رولىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان تەم سەزگۈسىگە ئىگە قىلىدۇ، يەنى مەززىلىك تاماقلارنىڭ تەمىنى تۇلۇق تېتىيالايسىز.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئېغىز بوشلۇقى تازلىقى، ئادەم بەدىنى ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاشتەك ھەم مەدەنىي ھەم ساغلاملىققا پايدىسى بار ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ.

 

2. تاماقتىن كېيىن قورساقنى سىلاپ بېرىش

تاماق يېگەندە كۆپ چايناپ ئاز يۇتۇشنىڭ سالامەتلىككە ۋە ھەزىم قىلىشقا بولغان پايدىسى ئىنتايىن كۆپ. تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، مەيلى ئولتۇرۇپ ياكى ئورنىمىزدىن تۇرۇپ قورساقنى يىنىك چەمبەر شەكلىدە سىلاپ بەرگەندە ئىشتاھانى ۋە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، قورساق كۆپىۋالىدىغان كۆپ كېكىرىدىغان ئەھۋاللارنى ياخشىلايدۇ.

سىلاش ئۇسۇلى مۇنداق، قوش قولنى رەسىمدىكىدەك قورساققا يىنىك قۇيىمىز ۋە سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە 20 قېتىم ئاستا سىلايمىز، ئاندىن سائەت ئىستىرىلكىسىغا تەتۈر يۆنىلىشتە 20 قېتىم سىلايمىز.

ھەرگىزمۇ تاماقتىن كېيىن دەرھال يېتىپ ئۇخلىۋالماڭ، بۇنداق بولغاندا، كۆپلىگەن كىچىك كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىسىز.

 

3. تاماقتىن كېيىن بىراز دەم ئېلىپ ئاندىن مېڭىڭ

<تاماقتىن كېيىن 100 قەدەم ماڭسىڭىز، 99 ياشقا كىرەلەيسىز> دىگەن گەپ بار، تاماقتىن كېيىنكى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان تەنھەركەت دەل پىيادە مېڭىش، بۇنداق بولغاندا ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشى ياخشىلىنىدۇ، ئاشقازان سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجىرلىپ چىقىشى ۋە تاماقنىڭ تېز ھەزىم بولۇشىغا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى.

بىراق مۇنداق بىر مەسىلىگە دېققەت قىلىڭ، ھەرگىز تېز ماڭماڭ ھەم 20 مىنۇت دەم ئالغاندىن كېيىن ئاندىن مېڭىشنى باشلاڭ.

 

4. تاماقتىن كېيىن مۇزىكا ئاڭلاڭ

تاماقتىن كېيىن لىرىك مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا، بەدەننى ساغلام قىلىشقا پايدىسى بار، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا قارتا، مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ پايدىسى ئىسپاتلىنىپ چىققان، شۇڭا تاماق ۋاقتىدا ياكى تاماقتىم كېيىن تىنچ ئولتۇرۇپ لىرىك مۇزىكىدىن بەھىرلەنسىڭىز، كەيپىياتنى ياخشىلاپ قالماستىن، ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز


维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章