نۇربىيە سالام «ۋاڭخۇڭ»غا ئايلاندى

文摘   2024-11-06 17:46   新疆  

نۇربىيە سالام «شۇجى»دىن «ۋاڭخۇڭ»غا ئايلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا كۈچ قوشتى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاپپار ساتتار


«دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىشتە مەن بار. كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر! مېنىڭ ئىسمىم نۇربىيە سالام، تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىدىكى بىر نەپەر كەنتتە تۇرۇشلۇق شۇجى... » يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرىنىڭ قاراسۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 - شۇجى نۇربىيە سالام ھەركۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كوللېكتىپى بىلەن بىللە دېھقانلار ھويلىسىدىكى «شۇجى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى»گە بېرىپ، ئۆزىنىڭ «ئىككىنچى كەسپى» بولغان −بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى باشلايدۇ. 

بۇ يىل، نۇربىيە كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى «مال تونۇشتۇرىدىغان رىياسەتچى»گە ئايلىنىپ، يۇرتىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، توردا ئوبدانلا تونۇلدى. 

2023 - يىلى 9 - ئايدا، نۇربىيە قاراسۇ كەنتىگە كېلىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى. ئۇ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ شەخسىي سىن نومۇرى ۋە دوۋيىن نومۇرى ئېچىپ، قىسقا سىن ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق، كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش نىيىتىگە كەلدى. 

«بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، يۇرتداشلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىشى، سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، يۇرتداشلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرسەم دەيمەن» دېدى نۇربىيە سەمىمىيلىك بىلەن. 

ئۇ دېگىنىنى قىلدى. ھەر كۈنى قولىدىكى ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ كۆڭۈل قويۇپ سىنغا ئالدى. ئۇنىڭ دوۋيىن نومۇرىدا قاراسۇ كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدىكى قىسقا سىن 140تىن، قويۇلۇش مىقدارى 3 مىليوندىن ئاشتى. ياپيېشىل جۈسەيدىن كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدىغان ساپسېرىق ئۆرۈككىچە، چۈرۈك، شىرنىلىك قوغۇندىن تاتلىق، شېرىن ئۈزۈمگىچە... قاراسۇ كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى نۇربىيەنىڭ كامېراسى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تورداشلارغا تونۇشتۇرۇلدى. 

 نۇربىيە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك قىسقا سىننىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش ۋە ئىنچىكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. تۇرپاننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى دەل جايىدا ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇ ھەربىر كۆرۈنۈشنى ئەستايىدىل لايىھەلىدى، مەنزىرە تاللاشتىن بەدىئىي تۈزۈلۈشكىچە، نۇردىن رەڭگىچە بولغان ھەربىر ھالقىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، تاماشىبىنلارغا راھەت كۆرۈش سېزىمى بېغىشلىدى. نۇربىيەنىڭ قىسقا سىنى ئارقىلىق تۇرپاننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تاۋار سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دېھقانلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە سەمىمىي ھېسسىياتى ئىپادىلەندى. ئۇ كامېرا تىلى ئارقىلىق خاس مەھسۇلاتلارنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، تاماشىبىنلارنى مەھسۇلاتنىڭ لەززىتىنى، شۇنداقلا تۇرپاندىن كەلگەن ئىللىقلىق ۋە دوستلۇق مېھرىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكى ۋە ئىجتىھاتى ئارقىلىق، قىسقا سىن سۇپىسىدا تېز سۈرئەتتە نۇرغۇن مەستانىلەرنى توپلىدى. 

تور سۇپىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئاسان ئىش ئەمەس، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى، مەھسۇلات سۈپىتىنى كونترول قىلىش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق ھەربىر ھالقىنى كۆڭۈل قويۇپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. لېكىن ئۇ باشتىن - ئاخىر ئۈمىدۋار روھىي ھالەت ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادنى ساقلاپ، دېھقانلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن بىرلىكتە ئۆتتى. 

ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 50 نەچچە ئائىلىلىك دېھقاننىڭ جۈسەي، ئۆرۈك، قوغۇن، ئۈزۈم قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىپ، جەمئىي 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىندى. 

«كەلگۈسىدە، مەن داۋاملىق تىرىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىمەن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، كەنتىمىز جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باياشات بولىدۇ» دېدى نۇربىيە.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章