شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك زورىيىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىدا بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بىر ئەزاسى، مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەنسۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر زىممىگە ئالغان مۇقەددەس تارىخىي بۇرچ، شۇنداقلا يەرشارىنىڭ جەنۇبى تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرى دۇچ كەلگەن ئورتاق دەۋر تېمىسى. مۇنبەرگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، «جەنۇب ساداسى»نى ئورتاق ياڭرىتىپ، «جەنۇب مەسئۇلىيەتچانلىقى»نى نامايان قىلىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تىنچلىقنى قوغدايدىغان مۇقىملىق كۈچى، ئوچۇق تەرەققىي قىلىشتىكى تايانچ كۈچ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ئىجابىي كۈچ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسىتىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«يەرشارىنىڭ جەنۇبى» تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى شۇ كۈنى بىرازىلىيە سان پاۋلودا باشلاندى. مۇنبەرنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن بىرازىلىيە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، «<يەرشارىنىڭ جەنۇبى> ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش» باش تېما قىلىندى. شۇ كۈنى، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلامۇ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔