بۇ ئىككى جاي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

文摘   2024-11-13 18:19   新疆  
تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك گېئولوگىيە يۇرتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز پېڭ دەننى، ئەنۋەر غوپۇر) 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك گېئولوگىيە يۇرتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى چېن يەنلىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى نەق مەيدانى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى پېڭ دەننى فوتوسى


كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش - ئېچىش، ئېكولوگىيە - مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.
قەيسەر قېيۇم مۇنداق بىلدۈردى: تۇرپان شەھىرى بايلىق تىپىدىكى شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، گېئولوگىيەلىك چارلاش كەسپى ھەم گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. بۇ قېتىم خۇنەن ئۆلكىلىك گېئولوگىيە يۇرتى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق دەل تۇرپان شەھىرىنىڭ چوڭ كان، ياخشى كان، جىددىي ئېھتىياجلىق كانلارنى تېپىش نىشانىنى چۆرىدەپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىزدىنىشى. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىگە تايىنىپ، ھەمكارلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش - ئېچىش سۈرئىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق بىلەن كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرپان شەھىرى كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئەۋزەل بايلىقى، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ھەم كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاش ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتى. كەلگۈسىدە ئۆز ئەۋزەللىكلىرىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق ھالدا تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىمىز.
خۇنەن ئۆلكىلىك گېئولوگىيە يۇرتى گېئولوگىيەلىك چارلاش، بايلىق ئېچىش، گېئو ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق ساھەلەردە بىرقەدەر يۇقىرى كەسىپ ئورنى ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە، ئۇزاق مۇددەتلىك گېئولوگىيە خىزمىتى داۋامىدا بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن گېئولوگىيە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، مول ئەمەلىي تەجرىبە ۋە نوپۇزلۇق گېئو سانلىق مەلۇمات ماتېرىياللىرىنى توپلاپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章