شەھىرىمىز قىشلىق ساياھەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

文摘   2024-11-12 18:51   新疆  
تۇرپان شەھىرى قىشلىق ساياھەتنىڭ «مۇقەددىمىسى»نى ئاچتى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز لى يەنچياڭ، جاڭ مىڭشيەن) 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلارنىڭ «قىشتا ئوت يۇرتىنى ساياھەت قىلىپ، قەلبلەرنى ئىللىقلىققا تولدۇرۇش» تېمىسىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، تۇرپان شەھىرى قىشلىق ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، قىشلىق ساياھەت سەرخىل لىنىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قىشلىق مەدەنىيەت - ساياھەت باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن ھەم قىشلىق ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت  ئۈزۈم مۇقەددەس شەھىرى»نىڭ جەلپكارلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تۇرپاننىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «قىشتا ئوت يۇرتىنى ساياھەت قىلىپ، قەلبلەرنى ئىللىقلىققا تولدۇرۇش» تېمىسىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇش ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەڭ ساياھەتچىلەرگە تۇرپاننىڭ قىشلىق ساياھىتىدىكى خاس يارقىن نۇقتىلار ھەم ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، تۇرپاننىڭ قىشلىق ساياھەت بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلۇپ، «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت  ئۈزۈم مۇقەددەس شەھىرى» ساياھەت مەنزىلگاھىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە جەلپ قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلدى. سۈرەتتە: ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان مول تارىخىي مەدەنىيەت ۋە ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىگە تايىنىپ، پۈتۈن رايون، تولۇق پەسىللىك ساياھەت مەنزىلگاھىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەردىكى A دەرىجىلىك 45 ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپىتى مۇقىم ئۆستى، ساياھەت كەسپى يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، دۇنيا بويىچە داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى قاتارلىق «بەش نام كارتىسى» نىشانى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا سۈرەتكە ئالماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى


بۇ يىل قىشتا، شەھىرىمىز لىنىيەنى يېتەكچى قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تارىخ - مەدەنىيەت تەتقىقاتى - ئۆگىنىش ساياھىتى، خاس ئۈزۈم قورۇقىدا ھېس قىلىش ساياھىتى، خەلق ئۆرپ - ئادەت مەنزىرە ساياھىتى، تەنھەرىكەت، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، ئىستىراھەت ساياھىتى، ۋاقىت ئىزنالىرى ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈش قاتارلىقلارغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىشلىق مەدەنىيەت - ساياھەت باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى، غەربكە ساياھەت ھايۋانات تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، «ئۆتكىلى بولمايدىغان يالقۇنتاغ يوق» پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى، كەنت BA ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، «بازار كاتتا يەرمەنكىسى»، مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى چېلىشىشى قاتارلىق 30 نەچچە تۈر، 1000 مەيدان قېتىمغا يېقىن مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرگە مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خۇشاللىقنى تولۇق ھېس قىلدۇرىدۇ.

تاراتقۇ مۇخبىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا سوئال سورىماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى

بۇ يىل قىشتا، شەھىرىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ساياھەت ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويىدۇ. 2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 2025 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنىگىچە، ساياھەتچىلەر A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىدا %50 ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى، سەيلە ئاپتوموبىلى بېلىتى، ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈشنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ساياھەت كوپىراتىپى ئەكەلگەن ساياھەتچى 2000دىن ئاشسا 40 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. گاۋتيېغا ئولتۇرۇپ تۇرپانغا كېلىپ قونۇپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرگە مەخسۇس 1 مىليون مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن شەھەردىكى 100 مېھمانساراي، ئائىلىۋى مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك ئورۇنلىرى ئېتىبار يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى ئەڭ زور چەكتە قاندۇرىدۇ.

تاراتقۇ مۇخبىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا سوئال سورىماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى

بۇنىڭدىن باشقا، شەھىرىمىز قىشلىق ساياھەت ئىتتىپاقى قۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، تىجارەت ئورۇنلىرى، يۇغۇرما تاراتقۇ، مەنزىرە رايونى، ساياھەت كوپىراتىپى، مېھمانساراي، پۇقراۋى مېھمانخانا قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى توپلاپ، كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە لىنىيەلىرىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

تاراتقۇ مۇخبىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا سوئال سورىماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى

تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز ساياھەت ئىتتىپاقىغا تايىنىپ بىرلىشىپ كېڭەيتىش، مەھسۇلات ئېچىش، ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات پەسىلدىن پۈتۈن پەسىلگە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت  ئۈزۈم مۇقەددەس شەھىرى» دېگەن يارقىن نام كارتىسىنى سىجىل جۇلالاندۇرىمىز.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章