يېگەنسىرى سەمرىتىۋېتىدىغان 3 خىل كۆكتات، ئەمدى بولسىمۇ ئاز يەڭ

文摘   2024-12-02 20:03   新疆  

ئەگەر سىز يېقىندىن بۇيان ئورۇقلىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە نەچچە جىڭ سەمرىپ كەتكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇلارنى چوقۇم توغرا يېمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن.

ئورۇقلاش مەزگىلىدە، كۆكتات كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىك، چۈنكى كۆكتات تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تاماق تالاسى بار بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە قورساق تويۇش سېزىمىنى ئاشۇرۇپ، ئاز يىسەكمۇ تويغاندەك سىزىم پەيدا قىلىدۇ.

لېكىن سىز بەزى كۆكتاتلارنىڭ ئورۇقلاشقا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، يەنە سىزنى يېگەنسېرى سەمرىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، بۈگۈن تەھرىر كۆپچىلىككە سىزنى بارغانسېرى سەمرىتىدىغان كۆكتاتلارنى دەپ بەرمەكچى. 

01

ئاسان سەمرىيدىغان كۆكتات دېگەن نېمە؟

بىز ئاۋۋال كۆپچىلىككە نېمىنىڭ ئاسان سەمرىيدىغان كۆكتات ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەيلى.

ئاسان سەمىرىيدىغان كۆكتاتلارنىڭ ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇكى، سىزنى ئاسان سەمىرتىدىغان كۆكتاتلار، ئاساسلىقى يۇقىرى كراخماللىق كۆكتاتلار، مەسىلەن، ياڭيۇ، تاتلىق بەرەڭگە، كۆك پۇرچاق.

بۇ كۆكتاتلارنىڭ كىراخمال مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، گەرچە نامدا كۆكتات بولسىمۇ، ئەمما سەللا دىققەت قىلمىساق، بارغانسېرى سەمرىپ كېتىمىز.

كىراخمال تۈرىدىكى كۆكتاتلار ئادەتتە ئۈچ چوڭ تۈرگە، يەنى يىلتىز، غول، پۇرچاق ۋە مېۋە تۈرىگە ئايرىلىدۇ.

02

ئۈچ خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ئاسان سەمرىتىدىغان كۆكتات

يىلتىز، غول تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، ئادەتتە بىز ئۇلارنىڭ يىلتىزى ياكى غولىنى يەيمىز، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ياڭيۇ بىلەن تاتلىقياڭيۇدىن ئىبارەت. پۇرچاق تۈرىدىكى كۆكتاتلار ئادەتتە كۆك پۇرچاق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.  

1. ياڭيۇ

ياڭيۇنىڭ  ئىسسىقلىق مىقدارى: g100 / kcal77.

كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى:17.2g/100g.

ياڭيۇ تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تەخسە ئاچچىق چۈچۈك ياڭيۇ قەلەمچىسىمۇ رەت قىلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان تاماقنىڭ بىرى، كۆپ يىمەيمەن دەپ ئويلايسىز يۇ بىراق بۇنداق قىلىش ئىنتايىن قىيىن.

ئەلۋەتتە ياڭيۇنى خام يىگىلى بولمايدۇ، بىراق قورۇلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى، مايدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ ياپراقچىسىنى تەييارلاش ناھايىتى ئاددىي، بۇمۇ ياڭيۇنى كۆپ يىيىشنىڭ سەۋەبى.

ياڭيۇنى دۈملەپ پۇشۇرغاندا قورساق تويغۇزۇش سېزىمى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ئورۇقلاش مەزگىلىدە، ئۇنى بىر قىسىم ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەتسەك بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشىمىزنى ئازايتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇمۇ خېلى ياخشى بولغان ئورۇقلىتىش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. 

 

2. نېلۇپەر  يىلتىزى

نېلۇپەر يىلتىزىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى:73Kcal/100g

كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى:16.4g/100g.

نېلۇپەر يىلتىزى بىلەن ياڭيۇ بىر-بىرىدىن قېلىشمايدۇ، كىراخمالنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، دائىم نېلۇپەر غولى تالقانلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاش رولى بار ئىكەن.

ئورۇقلاشتا تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك، چۈرۈك نېلۇپەر يىلتىزى ياپرىقىنى يېسىڭىز تەمى ياخشى بولسىمۇ، كاربون سۈيى يۇقىرى بولىدۇ، دىققەت قىلمىسىڭىز كۆپ يىۋىلىپ بىر كۈندە ئىككى، ئۈچ جىڭ سەمرىپ كېتىشىڭىز تۇرغانلا  گەپ.

3. كۆك پۇرچاق

كۆك پۇرچاقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى:313Kcal/100g.

كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى:55g/100g.

كۆك پۇرچاق بىلەن راك بىللە پۇشۇرۇپ يىيىشتە ئەڭ ماس كىلىدىغان بىر جۈپلەر، يىگەنسىرى يىگۈسى كىلىدۇ، لېكىن كۆك پۇرچاقنىڭ كاربون سۈيى بىلەن ئىسسىقلىق مىقدارى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى. شۇڭا كۆپ يىيىشكە بولمايدۇ، يىگەندە چوقۇم مىقدارىغا دېققەت قىلىش كېرەك.

گەرچە ئۇنىڭ تەركىبىدە مول ۋىتامىن C ۋە كاروتىن بار بولسىمۇ، ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرسمۇ، ئاقارتىش، قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولى بولسىمۇ، لېكىن ئورۇقلىماقچى بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنىلا ئاز يېيىش ئەڭ مۇۋاپىق.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章