خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش

文摘   2024-11-05 12:36   新疆  
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمەت يىغىنى شەرقىي جۇڭغاردا ئېچىلدى

يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى
    
11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات خىزمىتى سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىندى، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات رايونى، باغچە رايونى خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ۋە قاراشتا ئازاد بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك موتورى ۋە مۇھىم بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى، جۇڭگو كارخانىچىلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو كارخانىچىلار جەمئىيىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ جۇ خۇڭرېننى كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ كەسىپ بازىلىرى، تەرەققىيات رايونلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەجرىبە ئالماشتۇردى. يىغىندا جۇ خۇڭرېن مەملىكەت بويىچە باغچە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭدىكى باغچە رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەۋزەللىك، يېتەرسىزلىكلەرنى ئانالىز قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭدىكى باغچە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزدى ۋە تەكلىپ بەردى. نىڭشيا نىڭدۇڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى بازىسى ۋە شەنشى يۈلىن ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار باغچە رايونلىرىنىڭ كەسىپلەرنى توپلاش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تەرەپلىرىنى چۆرىدەپ تەجرىبە تونۇشتۇردى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىشتىكى مۇھىم بازىسى، كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى، سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم سۇپىسى بولۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە شىنجاڭغا شىنجاڭ نۇقتىسىدىنلا قاراشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا باغچە رايونلىرىنى باغچە رايونلىرى نۇقتىسىدىنلا مۇھاكىمە قىلىشقا بولمايدۇ. جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن چىقىش قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ئۇزاق مەزگىللىك نۇقتىدىن ئىگىلەپ، مەۋقەنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا قويۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى قەتئىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر قاتار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە توغرىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدار دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بازار رىقابەت كۈچى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، يېتەكلەش، تەسىر كۈچى ۋە رايون تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرىدا كۆلەم، ئەمەلىي كۈچ، پىلانلاش، قۇرۇش سەۋىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا نۇرغۇن پەرق ۋە كەمتۈكلۈك ساقلانماقتا. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ باغچە رايونلىرىغا توپلىنىشى، فۇنكسىيەنىڭ باغچە رايونلىرىغا جۇغلىنىشى، مۇھىم ئامىللارنىڭ باغچە رايونلىرىغا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى خىزمىتىگە يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىستېمىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى ھەرقايسى جايلارنىڭ رايون ئورنى شارائىتى، بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئاساسى قاتارلىقلارغا قويۇپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خاسلىقى، ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەۋزەل بايلىق ۋە ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان باغچە رايونلىرىغا توپلىنىپ، «چوڭ ھەم كۈچلۈك» «كەسپىي ھەم سەرخىل» بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ سىجىل ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يارىتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ توپى، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى چۆرىدەپ، ئەۋزەل بايلىق ۋە سەرخىل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يېشىل ئاساسىي رەڭنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈش كېرەك. كەسىپنى توپلاشتۇرۇش، كارخانىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنىڭ كۆلىمى، ئىقتىدار دەرىجىسى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېتەكچى كەسىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى نىشانلاپ، يادرولۇق تېخنىكا ئىقتىدارى گەۋدىلىك، توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، يېتەكلەش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك بولغان بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلار، ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم كەسىپ زەنجىرىدىكى «زەنجىر باشلامچىسى» كارخانىلىرى ۋە كەسىپ توپىدىكى «توپ باشلامچىسى» كارخانىلىرىنى توپلاپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ۋە 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك بىر تۈركۈم كەسىپ باغچە رايونلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋە سىڭىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن باغچە رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا قائىدىسى، تىجارەت ئەندىزىسى قاتارلىقلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. باشقۇرۇش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنى باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باغچە رايونلىرىنىڭ ھوقۇق - مەسئۇلىيىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي فۇنكسىيەلىك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بازارلاشقان تىجارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى توپلاپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلغان مۇلازىمەت ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە كارخانىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باغچە رايونلىرىدىكى كارخانىلار، باشقۇرۇش كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلىك چىڭىتىپ، بىخەتەر تەرەققىيات تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ھۆكۈمەت باشلامچى بولىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى»لىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتەپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى خىزمىتىنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، دادىللىق بىلەن ھوقۇق بېرىپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك. تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش مېخانىزمىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچەش نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خاسلاشقان، تۈجۈپىلەشكەن، رەقەملەشكەن، يېشىللاشقان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى تېزلىتىش كېرەك. دىققەتنى تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىش، پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ 4 - پەسىلگە كۈچەپ يۈرۈش قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملىشى كېرەك.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، ئارال ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى، كورلا شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان يولداشلار ھەم تەۋەلىكىدىكى تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章