شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو بىلەن سۆھبەتلەشتى

文摘   2024-11-11 12:19   新疆  
شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو بىلەن سۆھبەتلەشتى

  

11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ پرابوۋو بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر فېڭ شىنرەن) 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىز بۇ يىل 3 - ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا تۇنجى بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولدىڭىز، رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە ئالدى بىلەن جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بۇ، سىزنىڭ جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭىزنى گەۋدىلەندۈردى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، بۇ، ھەم ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، ھەم كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىل مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، رايون ۋە يەرشارىۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ۋە ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى جەھەتتە قەتئىي قوللىشى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، دېڭىز ئۈستى، خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت «بەش چوڭ تۈۋرۈك» ھەمكارلىقىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسىنى سىجىل ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» ۋە «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى» ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئىلغار ياسىمىچىلىق، ئايلانما ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ئۈستى ئورتاق ئېچىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يەنە ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىپ، نامراتلىقنى ئازايتىش، تېببىي دورا، ئاشلىق تېرىش، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى، ھىندونېزىيەنىڭ پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى ۋە كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى، تېخىمۇ كۆپ قولايلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىش قىلىشىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، كېلەر يىلى ۋەنلۇڭ يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە تىنچ ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يۇغۇرۇلۇشنى يادرو قىلغان ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە ۋەنلۇڭ روھىغا يېڭى دەۋر ئىچكى مەزمۇنى بېغىشلاپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا يېتەكلەپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن تېخىمۇ زىچ بولغان كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

پرابوۋو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگو 1000 يىللىق دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخىغا ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ھىندونېزىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ، رايون ۋە يەرشارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچ تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى داۋاملىق يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، «بەش چوڭ تۈۋرۈك» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە قېزىلما بايلىقلىرى، تېببىي دورا، يېزا ئىگىلىكى، تۇرالغۇ، دېڭىز ئۈستىدىكى ئورتاق ئېچىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىقلار بويىچە ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ھىندونېزىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تامامەن قوللايدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. شىنجاڭغا ئالاقىدار ئىشلار پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھىندونېزىيە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياقلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ھىندونېزىيە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، 3 - تەرەپكە قارىتىلغان ھەرقانداق ھەربىي ئىتتىپاق ياكى «كىچىك چەمبىرەك»كە قاتناشمايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق ئېچىش، كۆك ئىقتىساد، سۇچىلىق، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا پرابوۋو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە ھىندونېزىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. پرابوۋو شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا پرابوۋو ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章