كېسىلگەن بارماق

文摘   2024-09-29 20:03   新疆  


كېسىلگەن بارماق


تۇرسۇن كېرىم قارىچۇق

1- قىسىم

تۇنجى مۇھەببەت


گۈلسۈم كۆركەم قىلىپ سېلىنىپ ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەن بۇ ھەقسىز ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ تازىلىقىنى خۇددىي ئۆيىنىڭكىدەك بېرىلىپ ئەستايىدىل قىلاتتى. چۈنكى ئۇ كارخانىدا ئىشلەپ پىنسىيەگە چىققان بولغاچقا خىزمىتىگە ئەستايىدىل بولۇشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. بالدۇر دەم ئېلىشقا چىقىۋالغان گۈلسۈم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېھتىياجى ئۈچۈن بۇ ئاممىۋى ھاجەتخانىدا ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرىۋاتاتتى.

ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ كېسىلىمۇ كۈندىن-كۈنىگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.دېمەك ئۇ ئۇزۇنغا قالماي غۇلجىدا تەييار قىلىپ قويۇلغان ئۆيگە قىزىنى ئېلىپ كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ شەھەردە ئۇنى ھېچكىم تونۇمايدۇ،ئەھۋالىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ،ئۇ زارىقىپ كۈتكەن ئازادە ياشاش ئىمكانىيىتىگە،پۇرسىتىگە،شۇنداق شارائىتقا ئېرىشىدۇ،بارچە سۆز-چۆچەكلەر، غەيۋەت-شىكايەتلەر، ئۈنسىز خورلاشلار، ئۈنسىز ھاقارەتلەشلەر، ئۈنسىز ئازار بېرىشلەر،ئۈنسىز قارشىلىشىشلار،قورقۇنۇچلۇق يەكلەش،رەھىمسىز مۇئامىلىلەردىن قۇتۇلىدۇ.ئاھ،چىرايلىق گۈلسۈم،ئاھ بىچارە ئايال.ئۇ نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدى؟ قايسى تارتقۇلۇقلارنى تارتمىدى-ھە؟بېشىغا كەلگەن نۇرغۇن كۈلپەتلەر،ئاچچىق كەچمىشلەر ئۇنىڭ ھېچ ھالىنى قويمىدى.

ئۇ ئارتىس بولۇشتىن ئىبارەت ئەڭ سۆيۈمۈلۈك ئارزۇسىدىن مەھرۇم بولدى. قاباھەتلىك كېچىدە ئاياق ئاستى قىلىندى،ئاندىن قاتىل بولۇپ قالدى،ئۇ ھەممىنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالدى ھەم «بۇزۇق ئايال» دەپ ئەيىپلەندى،كېيىن «يات ئەر بىلەن ياتاق ئېچىپ تۈنىگەن» قىلمىشى ئۈچۈن يالقۇن ئىچىدە مىققا دەسسەپ يۈرگەندەك ئازاپلىق كۈنلەرگە قالدى،شۇ سەۋەپ ئۆزىنىڭ يۇرتىدا تۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىدى.

ھاجەتكە كىرىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگىلى نەۋاق، پىيادىلەر يولى جىمجىتلىققا چۈمۈپ چوڭ يولدا ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلارمۇ ئاساسەن سېلىكىپ قالغان ئىدى. گۈلسۈم تازلىقنى قىلىپ بولۇپ سۇ كىلاپانلىرىنى بىر قۇر تەكشۈردى ئاندىن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشتىن چۈشتى.ئىككى تەرىپىنى قويۇق مەنزىرە دەرىخى ئوراپ تۇرغان پىيادىلەر يولىدا كېتىۋاتقان گۈلسۈمنىڭ كەينىگە بىر كۆلەڭگە ئەگەشتى.ئۇ مېڭىپ كوچا ئاپتۇۋۇزىنىڭ بىكىتىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئېلان تاختىسىنىڭ كەينىگە ئۇدۇل كەلگىنىدە ھېلىقى كۆلەڭگە يۇپۇرۇلۇپ كېلىپلا ئۇنى ئېلان تاختىسىغا نىختىدى.

-سەن گۈلسۈمغۇ؟ ئۇ ئاۋال ئۆزىگە غەزەپ بىلەن تىكىلگەن بىر چۈپ كۆزنى كۆردى،ئاۋازىمۇ تەھدىت تۈسىنى ئالغان ئىدى.بېشىغا سۇ ئۈزۈش دوپپىسىدەك نېپىزلا بىر نەرسە كىيگەن،قارا ماسكا تاقىغان بۇ كۆلەڭگىنىڭ ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى پەملىگەن گۈلسۈم ئانچە قورقۇپ كەتمىدى.

-مەن شۇ،نېمە ئىشىڭ با؟

-قاتىل جالاپ!

تۇيۇقسىزلا يۈز بېرىۋاتقان بۇ قوپاللىقتىن گۈلسۈمنىڭمۇ غۇژژىدە جۇدۇنى تۇتتى.ھېلىقى كۆلەڭگە بىر قولىدا گۈلسۈمنىڭ كانىيىنى سىقىپ ئېلان تاختىسىغا نىقتىدى،ئاندىن يەنە بىر قولىنى گۈلسۈمنىڭ ئوڭ-سول مەڭزىگە سۈركىدى-دە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭ يېنىدىن غايىپ بولدى.ھېلىقى كۆلەڭگىنىڭ قولى گۈلسۈمنىڭ يۈزىگە سۈركەلگىنىدە ئۇنىڭ يۈز تېرىسى تارتىشقاندەك بولدى،ئۇ تەبىئىيلا ئالقانلىرى بىلەن يۈزىنى تۇتىۋىدى ئىسسىق بىر نەرسە ئالقىنى ۋە مەڭزىگە يېيىلدى،ئاندىن قاتتىق ئېيچىشىپ كەتتى، ئۇ ئالقىنىغا قاراپ قىپ-قىزىل قاننى كۆردى-دە قاتتىق چىقىرىۋەتتى.ئۇ ئېلان تاختىسىنىڭ كەينىدىن ئۆتۈپ چوڭ يولغا چىقتى-دە كىرا ماشىنىسىدىن بىرنى توستى.

* *                             *

گۈلسۈم ئاكا ئىنىلىرىنىڭ ئۆتتۇرىسىدا خۇددىي قار لەيلىسىدەكلا ئەتىۋارلىق بىر تاللا قىز ئىدى.ئۇنىڭ تېرىسى ئانىسىنىڭكىدەك سۈزۈك،قاش-كۆزى دادىسىنىڭكىدەك چىرايلىق ئىدى. قاڭشارلىق بۇرىنى،خۇددىي سىزىپ قويغاندەك قىرلىق سەل تومراق كەلگەن قارمۇتۇق كالپۇكىمۇ دادىسىنىڭكىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاتتى.

ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2 –يىللىقىغا چىققان يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىس تاللاش ئەترىتى مەكتەپكە كېلىپ تولۇق 2– 3 –يىللىقلار ئىچىدىن ئارتىس تاللىدى، تۈرلۈك سىناق، ماھارەت كۆرسىتىش، ھەر تەرەپلىمە باھالاش، تۈگىمەس ئىمتىھانلاردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچ ئوغۇل،ئىككى قىز لاياقەتلىك بولۇپ تاللاندى.

شۇ چاغدا تاللانغان بەش ئوقۇغۇچى يەنە شەھەرگە بېرىپ ئىمتىھان بەردى،

ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن تاللاش ئۆمىكىدىكىلەر دائىم گۈلسۈم بىلەن پىكىرلىشەتتى،گۈلسۈمنى ماختايتتى، گۈلسۈمنى كەينىگە سېلىپلا يۈرىشەتتى. ئۇ «ئەمدى مەن ئارتىس بولىدىغان بولدۇم بۇ يەردىن كېتىپ،چوڭ شەھەرلەردە ھەممە ئادەمنىڭ مەستلىكى كەلگىدەك داڭلىق چولپان بولىمەن»،دەپ ئۆزۇگە قاتتىق ئىشەنچ قىلاتتى. شۇنچىلىك ساۋاقداشلار ئىچىدىن تاللىنىپ ئۈزۈپ چىققىنىدىن خۇشال بولۇپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئەينەك ئالدىغا كېلىپ ئۆزىگە قايتىدىن سەپ سېلىپ قاراپ باقتى.ئىلگىرى ئۇ ئۆزىگە ئوبدان بىر سەپ سېلىپ قاراپ باقمىغاچقىمىكىن ئەينەكتىكى ئۆزىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى مانا ئەمدىلەدىن ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

ھەممە تاللاشلار تۈگىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندىن كەلگەنلەر ئۈرۈمچىگە كەتتى ھەم ئۇلارغا« ئۇقتۇرۇشىمىزنى ئېلېپلا ماڭساڭلار بولىدۇ، بىز بېرىپلا سىلەرگە چاقىرىق ئەۋەتىمىز» دېدى. گۈلسۈم تولىمۇ خوشال بولغانىدى.ئۆزىگىمۇ قاتتىق ئىشىنەتتى.چۈنكى تاللانغان بەش ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە ئۇ ئەڭ چىرايلىقى، تاللاشلاردىنمۇ يۇقىرى باھا بىلەن ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكىنى يەنىلا گۈلسۈم ئىدى.

لېكىن ئىشلار گۈلسۈمنىڭ ئويلىغىنىدەك،كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ-ئارمانلىرىدەك گۈزەل ھەم ئوڭۇشلۇق بولمىدى. تاللانغانلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت گۈلسۈملا ماڭالمىدى.

كۈتۈلمىگەن بۇ ئەھۋال مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى، تونۇش-بىلىش، قوشنا –قولۇملارنىڭ ھەممىسىنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى.گۈلسۈممۇ ئاسماندىن تاشلىۋېتىلگەندەكلا ئارامسىزلىنىپ روھى چۈشۈپلا كەتتى. بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىدىغانلارنىڭ، ئۇنى كۆرەلمەي پۇت چېپىشىدىغانلارنىڭ، ئۇنىڭ بىلەن بەستلىشىدىغانلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولغان ئىدى.

ئۇ ئاخىرى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ يېنىغا كىرىپ نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى سورىدى، گېپىنى ئېيتىپ بولالاماي تۇرۇپلا يۇم-يۇم يىغلاپ كەتتى،-ھېچكىم ئەمەس دادىڭىز سىزنىڭ ئالدىڭىزنى توستى، سىزنى ئۇ يەرگە قەتئىي ئەۋەتمەيدىكەن. «مەن بالامنى ئارتىس قىلمايمەن، مېنىڭ ئارتىس بولىدىغان بالام يوق»،دەپ چىڭ تۇرىۋالدى ھەم بۇ ئەھۋاللارنى سىزدىن سىر تۇتىشىمنى قاتتىق تەلەپ قىلدى. ئائىلىدىكىلەر ئۇنىمىسا ئۇلارغىمۇ ئامال يوقكەن، شۇڭا ئۇلار سىزگە چاقىرىق ئەۋەتمىدى. لېكىن سىز ئىمتىھانغا قاتناشقان بەش ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇۋاپىق كەلگىنى،ئەڭ ياخشىسى، ئەڭ يارىغىنى، كۆزىگە ئەڭ ئىسسىق كۆرۈنگىنى يەنىلا سىز ئىدىڭىز. لېكىن دادىڭىزنىڭ قاتتىق تۇرىشى بىلەن بۇ ئىشلار مۇمكىن بولماي قالدى.ئۇلار سىزگە تولىمۇ ئىچ ئاغرىتتى. ئەگەر مۇمكىن بولسا بىزنى ئىزدەپ بارسۇن دېدى،- دەپ چۈشەندۈردى سىنىپ مەسئۇلىمۇ ئېچىنغان ھالدا. گۈلسۈم سىنىپ مەسئۇلىنىڭ يېنىدىن سالپايغىنىچە ئاستا مېڭىپ يېنىپ چىقتى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاغرىپ قالغاندەك يۇۋاشلاپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتتى، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئارتىس بولۇش ئارزۇسىدىن مەھرۇم بولۇش ئۇنىڭغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى،ئۇ ئۆزىنى ئەمدى پۈتۈنلەي تۈگەشكەندەك، ھېچقانداق چىقىش يولى يوقتەك، بارچە خوشاللىقى،ئارزۇ-ئارمىنى،گۈزەل پىلانلىرى پۈتۈنلەي نابۇت بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى. ئوقۇشمۇ تۈزۈك خوش ياقمايدىغان، خىياللىرىنىمۇ پەقەتلا يىغالمايدىغان بولۇپ قالدى. مەكتەپتىكى بەزى ساۋاقداشلىرىنىڭ، قالاق ئۇغۇللارنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاچچىق تەنە گەپ قىلىپ مازاق قىلىشلىرى، ئۆتەلمەپتۇ ئەنە، بەك يوغىناپ، ھاكاۋۇرلىشىپ، مەنچە ئادەم يوق، دەپ سەتەڭلىك قىلىپ كەتكەن ئىدى، ئەمدى ھېچكىمگە يارىماي پايتىمىدەك سۆرۈلۈپ يۈرۈيدۇ ئاينا دەپ ئاڭلىتىپ ئېيتىشلىرى، دارتمىلاپ سۆزلەشلىرى يۈرۈگۈنى تىلما– تىلما قىلىۋەتتى. شۇ ئىشلار سەۋەبلىك گۈلسۈم نەچچە كېچە يىغلاپ چىقتى، لېكىن دادىسىغا سەن نېمىشكە شۇنداق قىلدىڭ؟ نېمىشقا ئارتىس بولىشىمغا قوشۇلمايسەن؟سەن مېنىڭ بەختىمگە ئولتادىڭ دەپ چىش يېرىپ بىر ئېغىر گەپ قىلمىدى. بارچە ئازابىنى،ئۆكۈنىشلىرىنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى. ئاخىرىدا يەنە رىئاللىققا تەن بېرىپ ئوقۇشنى بوينۇمنى باغلىغاندەك داۋاملاشتۇردى.

شۇندىن كېيىن گۈلسۈمنىڭ مىجەزىدە زور ئۆزگىىش بولدى،باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى مۇلايىملىقى، تارتىنچاقلىقى، باشقىلارغا بوزەك بولۇشلىرى نەلەرگىدۇر يوقالغان ئىدى.ئۇ ئەمدى تەبىئىيىتى شوخ، خەققە بولۇپمۇ ئوغۇللارغا گەپ بەرمەيدىغان، ئاغزىدا گېپى بار بىر نەچچە دوست تۇتىۋالدى، ھەدىسىلا يىغىلىشقا، ئولتۇرۇشقا، تانسا كېچىلىكىگە بارىدىغان بولىۋالدى، شۇنداق ئەلەڭ-سەلەڭ ئوقۇپ يۈرۈپ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3–يىللىقىغا چىقتى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدىن بىر نەچچە قىزلار بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا بىر توپ ئوغۇل بالىلار ئۇلارغا قاراپ ئىسقىرتتى، شۇ چاغلاردا ئۇ خېلىلا يۈرەكلىنىپ قالغان، خەقلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۇنى  تولىمۇ ھاكاۋۇر تۇتىشنى بىلىدىغان، گېزى كەلسە ھېيتىقمايلا  تىللاپمۇ كېتىدىغان ھالەتكە بېرىپ بولغان ئىدى، ئۇ ئوغۇللارنىڭ ئىسقىرتىشى تۈگىشى بىلەن ئۇلارغا قاراپ ۋاقىرىدى ھەم « ھەقاسىڭ يىراقتا تۇرىۋېلىپ مىكىياندەك كۈرۈكلىماي يىگىت بولۇشساڭ ئوچۇق گېپىڭنى قىلىشمامسەن، ھۇ توخۇ يۈرەك پوپاڭلار» دەپ ۋاقىراپ قويۇپ قاقاقلاپ گۈلگىنىمچە كېتىپ قالدى.قىززىق يېرى نەق شۇ چاغدا شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلھام ئىسىملىك بىر يىگىت ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا ئالاھىدە قىزىقىپ قالىدى، ھەم ئاتايىن گۈلسۈمنىڭ دوستى ئايتۇلۇننىڭ يىگىتىنى ئىزدەپ گۈلسۈم بىلەن كۆرۈشۇشنى، بىللە تاماق يېيىشنى ئۆتۈنىدۇ. ئۇ بالا قوشنا شەھەردىن گۈلسۈملەرنىڭ مەكتىۋىگە شوپۇرلۇق ئۈگەنگىلى كەلگەن ئىكەن. گۈلسۈم دوستى ۋە دوستىنىڭ يىگىتى بىلەن ئىلھامنىڭ ياتىغىغا باردى. بۇنداق ئۇچرىشىشلار بىر نەچچە قېتىم تەكرارلاندى. گۈلسۈم ئىلھام بىلەن بارا–بارا يېقىنلىشىپ كەتتى، شۇنداق قىزغىن ئارلىشىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىلھام گۈلسۈمگە مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى، گۈلسۈممۇ لايىق كۆرۈپ ماقۇل بولدى.شۇنداق قىلىپ  تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان گۈلسۈم مۇھەببەتلىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى.


داۋامى بار.



维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章