تۇخۇم بىلەن سۈتتىنمۇ قۇۋۋەتلىك نەرسە، كۈندە يەپ بەرسىڭىز....

文摘   2024-12-04 20:01   新疆  

تۇخۇم بىلەن سۈتتىنمۇ قۇۋۋەتلىك نەرسە، كۈندە يەپ بەرسىڭىز

ئادەتتە قۇۋۋتلىك نەرسىلەردىن بىرىنچى بولۇپ ئىسىمىزگە كىلدىغىنى سۈت بىلەن تۇخۇم . ئەمەلىيەتتە خاسىڭ تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك ، بىراق كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ. نىمشقا بۇنداق دەيمىز؟ 

چۈنكى بەزى كىشىلەر سۈت ئىچكەندە ئاشقازىنى ئاغرىىيدۇ، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە خولېستېرىن بار، كۆپ يېسە ئاسانلا قاندا ماي پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بىراق خاسىڭ ناھايىتى بىخەتەر، ئۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى يېمەكلىكلەردىن بىر ھەسسە يۇقىرى. كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مېۋىسى دېگەن نامىمۇ بار. كۈندە يەپ بەرسە ،پايدىسى ناھايىتى كۆپ .تۆۋەندە سىلەر ئۈچۈن 3 خىل خاسىڭ يېيىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز. 
1. ئاچچىقسۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان خاسىڭ: قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

ئۇسۇلى : قازانغا ماي قۇيۇپ ،قازاننى قىزىتقاندىن كىيىن ، تۆۋۋەن ئوتقا خاسىڭنى سىلىپ ، ئازراق قىزارغاندىن كىيىن ، سۈزۈپ ئالىمىز. 

پىيازنى كىچىك تۆت چاسا قىلىپ ئۇششاق توغرايمىز. پاكىز قازانغا بەش قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ، ئازراق تۇز ۋە ئۈچ قوشۇق ئاق شېكەر قۇيۇپ ، كىچىك ئوت بىلەن قاينىتىپ  ئاندىن ئوتنى ئۆچۈرىمىز ۋە يېرىم قوشۇق جياڭيۇ قوشىمىز. سوۋۇغاندىن كىيىن ، قورۇلغان خاسىڭنى قوشىمىز، ئاندىن توغرالغان پىياز ۋە قىزىل لازىنى ئۈستىگە سىلىپ ئارىلاشتۇرساق بولىدۇ. 
ئۈنۈمى : خاسىڭنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەركىبىدىكى ماي مىقدارى %50-%40 ، بولۇپمۇ ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان تەركىب بار ئاچچىقسۇغا چىلانغان خاسىڭنىڭ ئىسسىقنى ئىلىش ، قاننى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ، قان تومۇر دىۋارىنى قوغداش ، قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار. ئۇزۇن مەزگىل يەپ بەرگەندە ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، قان تومۇرنى يۇمشتىش ، خولېستېرىننىڭ يىغىلىپ قىلىشنى ئازلىتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ناھايىتى ياخشى يېمەكلىك. 
2. دۇفۇ بىلەن قورۇغان خاسىڭ : يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى چوقۇم يېيىشى كېرەك . 

ئۇسۇلى: خاسىڭنى چىلاپ قويغاندىن كىيىن ، قازانغا سۇ قۇيۇپ قايناتقاندن كىيىن ، خاسىڭ ، قۇرۇق لازا ، ئوسمانتۇس، باجىياۋ، كاۋاۋاىچىننى قۇيۇپ ، تەخمىنەن 50 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز، قاينىتىپ بولغاندىن كىيىن سۈزىمىز ، سامساقنى چانىغاندىن كىيىن ،قۇرۇق دۇفۇنى چاسا شەكىلدە توغرايمىز. قازانغا ماي قۇيۇپ ئىسستىقاندىن كىيىن ، سامساقنى سىلىپ قۇرۇق دۇفۇ بىلەن بىللە قورۇيمىز. ئاندىن دوفۇ قورۇلۇپ قۇرۇق ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن، خاسىڭ بىلەن بىللە قورۇيمىز ، ئاندىن تۇز ۋە ئۇزاق ساقلانغان جىياڭيۇنى قوشۇپ ، بىللە قورۇيمىز. 

ئۈنۈمى : قان بىسمنى تۆۋەنلىتىش ، قان شېكىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرۇش ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بار. 
3. تۇزغا ئارىلاشتۇرۇلغان خاسىڭ : ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەبىئىي دورا. 

ئۇسۇلى : پاكىز يۇيۇلغان خاسىڭنى قازانغا سىلىپ 1000 مىللىلىتىر سوغۇق سۇ قۇيۇپ ، بىر قوشۇق تۇز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ،20 مىنۇت چىلاپ قويىمىز. ئاندىن 30 مىنۇت قاينىتىمىز. قاينىغاندىن كىيىن يەنە 1 سائەت چىلاپ قويىمىز. 

ئۈنۈمى: خاسىڭنىڭ تەركىبىدە بىر خىل بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلىق ناھايىتى يۇقىرى ماددا بار، ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خىميۋىلىك دورا، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئارتېرىيە قىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章