ئىزدىنىش ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

文摘   2024-11-02 17:53   新疆  
«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 21 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيەمىز بۇنىڭغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز يېڭى دەۋردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن تەجرىبە توپلىدۇق، ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، تەرەققىياتقا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى، يېڭى بۇرچى. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازارنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئالدىن نىشان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جەريانىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ماس كەلمەسلىك ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسى دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق زىددىيەت. بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ساپاسى ياخشى، ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك، قۇرۇلمىسى ئەلا، تارقىلىشى مۇۋاپىق بولغان زامانىۋىلاشقان ئادەم كۈچى بايلىقىنى تېزدىن بەرپا قىلىشتا. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلار توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ ئىشلەمچىلىك كۆلىمى ۋە ئىشلەمچىلىك كىرىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېشى چوڭىيىپ قالغانلار، مېيىپلەر، بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت ئىشسىز قالغانلار قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان كىشىلەر توپىغا يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئاياللار قاتارلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بازارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمگەككە دائىر قانۇن - نىزاملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىش، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش، سۇغۇرتا ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا خادىم قىسقارتىش قاتارلىق قالايمىقان ئەھۋاللارنى ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش ئائىلە ئىشى، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت ئىشى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نەزەرىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھېكايىسىنى پائال ياخشى سۆزلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى خەلقئارا سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章