جىگەردىكى زەھەرنى تازىلاش پەللىسى

文摘   2024-12-06 18:30   新疆  


جىگەردىكى زەھەرنى تازىلاش پەللىسى


جىگەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان رولى ناھايىتى مۇھىم، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ياخشى بولمىغان ئادەتلەر سەۋەبىدىن، مەسىلەن دائىم كېچىسى ئۇخلىماي تۈنەش، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش قاتارلىقلار،ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ياخشى بولمىغان ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى، مەسىلەن گۆشلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، تويغىنىنى بىلمەي كۆپ يەپ-ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىگەرگە زىيانلىق، ئۇنداقتا، جىگەرنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ تۆۋەندە، ئەلداۋا ئوقۇرمەن بىلەن بىرلىكتە بۇ 4 يەرگە قاراپلا جىگەرنىڭ ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشنى ئورتاقلاشماقچى:

1. ئېغىزغا قاراش
دائىم ئېغىز قۇرۇش، بەتتام ياكى بەك چۈچۈمەل بولۇپ قېلىش، بەزى چاغلاردا ئېغىزى پۇراش قوشۇلۇپ كېلىش قاتارلىقلار نۇرغۇن ئادەمدە كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، ھەممىسى ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ۋە ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان ئەھۋاللار. بۇلار سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇكى، جىگەرنىڭ ئىسسىقلىقى ئېشىپ كېتىپتۇ، ئىسسىقلىقنى ياندۇرۇڭ.


2. تېرىگە قاراش
تېرىڭىزنىڭ رەڭگىنى كۆزىتىپ بېقىڭ، ئەگەر تۇتۇق، تۈنىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا كۆزنىڭ تۆت ئەتراپى قارىداش قاتارلىقلار جىگەردە كېسەللىك كۆرىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەگەر تېرە سارغايغان بولسا جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.


3. بېگىز بارماققا قاراش
قول بارماقلىرى ۋە ئالىقاندىن بەدەننىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بېگىز بارماقتىن جىگەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر بېگىز بارماقنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك بولسا جىگەر ساغلام بولىدۇ، ئەگەر بېگىز بارماق تاتىراڭغۇ، مايماق بولسا جىگەر ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ.  


4. تىلغا قاراش
تىلنىڭ قېلىنراپ كېتىشىمۇ جىگەر ساغلاملىقىنىڭ ئۆلچىمى. ساغلام بولغان تىلنىڭ رەڭگى سۇس قىزىل بولىدۇ ھەمدە ئىچكى ئەزالارنىڭمۇ ساغلام ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
ئەگەر تىل قېلىنراپ ئاقىرىپ كەتكەن بولسا، جىگەر ۋە ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ، ۋاقتىدا بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش لازىم.


جىگەرنى قانداق ئاسراش كېرەك؟
1. ھاراقنى ئاز ئىچىش كېرەك  


2. مۇۋاپىق چېنىقىش كېرەك


3. ئوزۇقلۇقنى ياخشى تەڭشەش كېرەك  


4. ئىسسىق ياندۇرىدىغان چايلارنى ئىچىپ بېرىش كېرەك


5. كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.   


6. جىگەرنىڭ زەھەر ھەيدەيدىغان پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش


7. بالدۇر ئۇخلاش  



قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟


سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...

سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章