قان تومۇردىكى داغلارنى كىچىكلەتكىلى بولىدىغان يېڭىچە داۋالاش تاكتىكىسى
ئارتېرىيە دېغى خۇددى قان تومۇردىكى قائىدىگە خىلاپ قۇرۇلۇشقا ئوخشاش، قان تومۇرنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بىلەن تەمىنلەشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەگەر تومۇر دىۋارىدىن ئاجراپ چۈشۈپ قان نوكچىسىغا ئايلىنىپ قالسا، يەنە يۈرەك تىقىلمىسى ياكى مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق ئېغىر يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يېنىك داغ پارچىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىر خىل تەبىئىي كونىراش ھادىسىسى بولۇپ، خۇددى تۇرۇبا سۈيى تۇرۇبىسىنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە سۇ دۇغى چۆككەنگە ئوخشاش، دۆلىتىمىزدە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە بويۇن ئارتېرىيە داغ پارچىسىنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىش نىسبىتى %50 تىن ئاشىدۇ.
ئارتېرىيە تومۇردا داغ پارچىلىرى شەكىللەنگەندىن كېيىن، يەنە كىچىكلەتكىلى بولامدۇ؟
جاۋاب شۇكى، بولىدۇ.
ئەلداۋا ساغلاملىق سالونى «ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر ئىلمىي ماقالىغا بىرلەشتۈرۈپ، قان تومۇرنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى ياخشىلاپ، داغ پارچىلىرىنى كىچىكلىتىش ھەتتا يوقىتىش ئۇسۇلىنى ئوقۇرمەن دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى، دوستلارنىڭ بۇ مەزمۇننى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
داغ پارچىلىرى، پۇرسەت بولسا كىچىكلەيدۇ ۋە يوقىلىدۇ
45 ياشتىن ئاشقان سەكتە بىمارلىرىنىڭ %80 دە بويۇن ئارتېرىيە دېغى بولىدۇ.
بويۇن غول ئارتېرىيەسى ئاچىلانغان جايدىكى قان ئېقىمى ئاستا ھەم تۇربۇلېنتلىق بولۇپ، بوتقىسىمان قېتىشقان داغ پارچىلىرى ئەڭ ئاسان شەكىللىنىدىغان قان تومۇر ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر بويۇن ئارتېرىيەسى بوتقىسىمان قېتىشىش تەكشۈرۈپ چىقىلسا، يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن.
ئارتېرىيە تارىيىش %50 تىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا، ۋاقىتىدا كونترول قىلسا داغ پارچىلىرى ياخشىلىنىشى ھەتتا يوقاپ كېتىشى مۇمكىن.
خولېستېرىن ئارتېرىيە داغ پارچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق «خام ماتېرىيال»، ئەگەر خولېستېرىننىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى يېتەرلىك چوڭ، سەۋىيەسى يېتەرلىك تۆۋەن بولسا، شەكىللەنگەن داغ پارچىلىرى پۈتۈنلەي كىچىكلىشى ھەتتا يوقىلىشى مۇمكىن.
چەتئەلنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئەگەر تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنىنى %53 تۆۋەنلەتكەندە، %78 بىماردىكى داغ پارچىلىرىدا تەتۈر ئايلىنىش ئەمەلگە ئاشىدىكەن.
يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت كېسىلى، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش داغ پارچىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈچ يۇقىرى بولۇشنى مۇۋاپىق دائىرىدە كونترول قىلىش داغ پارچىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.
قان تومۇردىكى داغلارنى كىچىكلەتكىلى بولىدىغان يېڭىچە داۋالاش تاكتىكىسى
يېقىندا، «ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى» غا بېسىلغان بىر پارچە ماقالىدە، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بولغان داغ پارچىلىرىنى يېڭىچە داۋالاش تاكتىكىسى خۇلاسىلەندى.
1. ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلىش
ئۈچ كۆپ، ئۈچ ئاز بولۇش
ئىسسىقلىق مىقدارى زىيادە كۆپ، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش يۈرەك قان تومۇر خەتىرىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش، ھەر كۈنى بىر جىڭ كۆكتات ۋە يېرىم جىڭ مېۋە، ھەر ھەپتىدە سەككىز خىلدىن ئون خىلغىچە كۆكتات يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، سامساق، چېچەكسەي، پالەك، سەۋزە، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
قارا ئاشلىق، دانلىق زىرائەت، سۇلۇ، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە ئېرىشچان يېمەكلىك تالالىرى مول بولۇپ، قان قوبۇل قىلىدىغان خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى ئازايتىدۇ.
ئەگەر چىشى ياخشى بولمىسا ياكى ئاشقازان كېسىلى بولسا، ھەر كۈنى 10 ~ 20 گىرام ئىنچىكە بۇغداي كېپىكى، جۇخار گۈلى تالقىنى قاتارلىقلارنى ئىچسە بولىدۇ.
ساردىن بېلىقى، رەڭلىك بېلىق، تۇننۇس بېلىقى قاتارلىق چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى ۋە ئۇنىڭ بېلىق مېيىدا EPA ۋە DHA مول بولۇپ، ئومىگا 3 ياغ كىسلاتائىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، ھەر ھەپتىدە ئىككى - ئۈچ قېتىم يېسە مۇۋاپىق، ئەڭ ياخشىسى دۈملەپ پىشۇرۇش كېرەك.
مايلىق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: سېمىز گۆش، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى، تۇز ۋە شېكەرنى ئاز يېيىش، ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سەمرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. ھەر ھەپتىدە 150 مىنۇت ھەرىكەت قىلىش
ھەرىكەت يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر بولۇپ، تەھلىلدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەرىكەت مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغان بىمارلاردىكى داغ پارچىلىرىنىڭ يوقىلىشى تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن.
ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھەرىكەتنى تاللاپ، قانۇنىيەتلىك، مۇۋاپىق، تەدرىجىي ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئادەتتە ئوتتۇرىھال سىجىللىقتىكى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، ھەر قېتىمدا 30 ~ 50 مىنۇت، ھەر ھەپتىدە 3 ~ 5 قېتىم ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.
3. تاماكا تاشلاش ئىككىلەمچى تاماكىدىن يىراق تۇرۇش
تاماكا چېكىش قان يېتىشمەسلىك، سۇب كلىنىكىلىق ئارتېرىيە قېتىش ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيە كالتسىيلىشىشنىڭ خەتەرلىك ئامىلى، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش كۆرسەتكۈچى تاماكا تاشلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ.
تۇرمۇشتا ئامال بار تاماكا چەكمەسلىك، ئىككىلەمچى تاماكىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
4. دورا بىلەن «ئۈچ يۇقىرى» نى چۈشۈرۈش
ئەگەر تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۆۋەن زىچلىقتىكى خولېستېرىن، قان شېكىرى قاتارلىقلار يەنىلا ئۆلچەمگە يەتمىگەن ياكى ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا بىلەن داۋالاش كېرەك.
ھەر كۈندىكى ئاددىي بىر ئۆزگىرىش قان تومۇرنى ئۈزلۈكسىز ياشارتىدۇ
1. سەھەردە بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش
ھەر كۈنى ئەتىگەندە بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ خاتىرىلەپ، داۋالغۇش بەك چوڭ ياكى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە بالدۇرراق ھەرىكەت ۋە يېمەك - ئىچمەك لايىھەسىنى تۈزۈپ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
2. ئەتىگەندە 4 خىل يېمەكلىك يېيىش
بىر ۋاق ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولغان ئەتىگەنلىك تاماق ئادەتتە 4 خىل يېمەكلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دانلىق زىرائەتلەر، ئاساسلىقى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: ئۇماچ، بولكا قاتارلىقلار بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ھايۋانات تۈرىدىكى تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئاقسىل بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى؛ يېڭى مېۋە ـ كۆكتاتلار ئانئورگانىك تۇز ۋە ۋىتامىن بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدۇ؛
سۈت ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى كالتسىي بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول.
3. ئىشقا بارغۇچە مېڭىش ياكى ۋېلىسپىت مىنىش
ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر ياكى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يول ماڭغانلارنىڭ قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %10 تۆۋەنلىگەن، ۋېلىسىپىت مىنگەنلەرنىڭ خەتىرى %19 تۆۋەنلىگەن، قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ %8 تۆۋەنلىگەن.
بېرىش - كېلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغان ھەمدە ھاۋا ياخشى بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى پىيادە ياكى ۋېلىسىپىت مىنىپ ئىشقا بېرىپ كېلىش كېرەك.
4. خىزمەت ۋاقتى
بىر سائەتتە بەش مىنۇت ھەرىكەت قىلىش
خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قوڭغۇرىقىنى توغرىلاپ، ھەر بىر سائەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ سوزۇش ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى ئىشلەش كېرەك.
چۈشلۈك تاماقتا قېنىق رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپراك يېيىش
بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماق ئىچىدە، چۈشلۈك تاماق ئادەم بەدىنىنى ئەڭ كۆپ ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، بۇ جىسمانىي كۈچ ۋە ئەقلىي كۈچنى تولۇقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم.
بىر ۋاق تولۇق نومۇرلۇق چۈشلۈك تاماق كۆپ خىل رەڭلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى ئاشلىق تۈرىدىكىلەر، قىزىل رەڭلىك قۇش گۆشى، بېلىق تۈرىدىكىلەر، ئاق رەڭلىك تۇخۇم، سۈت تۈرىدىكىلەر، قېنىق يېشىل ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كۆكتات تۈرىدىكىلەر.
5. تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت ئاستا مېڭىش
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن قۇياش نۇرى بار جايغا بېرىپ سەيلە قىلىش، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
چۈشتىن كېيىنلىك چاي،
ئالما ياكى قېتىق ئىچىش
چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ئەتراپىدا بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىپ، ئالما يەپ بەرسە، روھنى ئۇرغۇتۇپلا قالماي، يەنە قان شېكىرى تۆۋەنلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6. ئىشتىن چۈشكەندە پۇرسەت بولسا يول مېڭىش
ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى باغچىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىش ياكى ئىككى بېكەت بۇرۇن ماشىنىدىن چۈشۈپ مېڭىپ ئۆيگە قايتىش، ھەر كۈنى تۆت قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىش قان بېسىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
7. كەچلىك غىزانى بالدۇرراق يېيىش
ياۋروپا يۈرەك ئىلمىي جەمئىيىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كەچلىك تاماقنى قانچە كەچ يېسە سەكتە بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن؛ بالدۇرراق تاماق يەپ، تاماق يېيىش ۋاقتى بىلەن ئۇخلاش ئارىلىقىنىڭ 60 ~ 70 مىنۇتتىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئادەمنىڭ سەكتە بولۇش نىسبىتى 66% تۆۋەنلەيدىكەن. كەچلىك تاماق مايسىز بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىغا مۇشتەرى بولۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O نى يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55