دورىدىن 100ھەسسە يۇقىرى رېتسىپ
مەنبە : خوتەن نۆل ئارىلىق سالونى
تۇخۇم بولسا ئاشخانىمىزنىڭ دائىملىق مېھمىنى، تۇخۇمنىڭ مول بولغان قۇۋۋەت تولۇقلاش رولى بۇلۇپلاقالماستىن يەنە، ئورۇقلىتىپ گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىمۇ بار، مۇنداق يېسىڭىز بەل ۋە قۇرساق قىسىمىڭىزدىكىگۆشلەردىن قۇتۇلالايسىز!
قېنى ئۇنداق بولسا مۇھەررىرىمىزبىلەن بىرلىكتە دىققىتىڭىز تۆۋەندە بولسۇن ~
{ تۇخۇمنىڭ رولى }
تۇخۇمنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ «قۇۋۋەت خەزىنىسى » دەيدىغان نامى بار ، تۇخۇمدا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل باربۇلۇپ ، بۇ خىل ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلىشى بولكا ۋە شوۋگۈرۈچ تۈرىدىكىلەردىنمۇ جىق . بۇنىڭدىن باشقا ،ئۇنىڭ يەنە ئورۇقلىتىش ۋە قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىمۇ بار !
01
/ قېرىشنى كىچىكتۈرىدۇ /
كۆپلىگەن كۈتۈنۈش يېمەكلىكلىرىنىڭ ھەممىسىلا تۇخۇمدىن ئايرىلالمايدۇ ،بۇنىڭ سەۋەبى بولسا تۇخۇمدا مولھەم ناھايتى تولۇق بولغان ئوزۇقلۇق مىقدارى بار ، شۇڭا ئۇنى ياشانغانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغانخىسلەتلىك دورا دەپ ئاتايدۇ . كۈندە بىر تال تۇخۇم يەپ بەرسىڭىز ، قېرىشىڭىزنى كېچىكتۈرۈپ ، تېنىڭىزنىساغلام قىلىدۇ ، تېخىمۇ ياش تۇرىسىز .
02
/ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ/
تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن ۋە لېتسىتىن قاتارلىق قۇۋۋەتلىك ماددىلار بار بۇلۇپ ، بۇلارمېڭە ھۆجەيرىسىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق . كۈندە بىر تال تۇخۇم يەپ بەرسەك ، ئەستە تۇتۇشئىقتىدارىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىپ ، دىققىتىمىزنىمۇ بىر يەرگە يىغالايدىغان بۇلىمىز .
03
/ھوشيارلىقىمىزنى ئاشۇرىدۇ/
تۇخۇم تەركىبىدە مول بولغان تىروسىن بار بۇلۇپ ، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. دائىم ماشىناھەيدەيدىغان دوسىتلىرىمىز ئەتتىگەندە بىر تال تۇخۇم يەۋالسا ، ئىنكاسىنى تېزلىتىشقا پايدىسى بار، شۇنداقلاماشىنا ھەيدىگەندىمۇ بىخەتەرلىككە پايدىلىق .
04
/ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ/
تۇخۇم تەركىبىدىكى لېتسىتىننىڭ يەنە ھۈجەيرە مىتابولىزىمىغا ياردىمى بار بۇلۇپ ، قان تەركىبىدەكى مايقاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، شۇنداقلا ئۈنۈملۈك ھالدا ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنىئالىدۇ.
05
/ئىسسىقلىقنى قايتۇرۇپ قان تولۇقلايدۇ/
تۇخۇم ئېقىنىڭ ئىسسىقلىقنى قايتۇرۇپ زەھەر تازىلاشتەك رولى بار ، تۇخم سېرىقى بولسا قان تولۇقلاپگۈزەللەشتۈرەلەيدۇ ، ئىككىسىنىڭ ئىقتىدارى بىرلەشكەندە ئېلىپ كېلىدىغان مەنپەئەتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىزئەلۋەتتە . بۇلۇپمۇ قىز - ئاياللىرىمىزغا نىسبەتەن ، كۈندە بىر تال تۇخۇم يەپ بەرسەك ، چىرايىمىزغا قانيۈگىرەپ كۆتىرەڭگۈ ھەم نۇرلۇق كۆرىنىمىز .
06
/يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ /
تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى ماينىڭ كۆپىنچىسى ماي كېسلاتاسى بۇلۇپ ،زەيتۇن مېيىدەك قاننى جانلاندۇرۇپيۈرەكنى ئاسراش رولى بار ، يەنە تېخى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
07
/كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدۇ/
تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى كىسانتوفىل بىلەن كۆممە قۇناق ئىلمىنىتى ، كۆزنى ئاسراپ ئولتىرا بىنەپشەنۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپلا قالماستىن يەنە تېخى گۆز گۈھىرىگە ئاق چۈشۈش نىسبىتىنى تۈۋەنلىتەلەيدۇ .
08
/جىگەرنى ئاسرايدۇ/
تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىل زەخمىگە ئۇچرىغان جىگەر توقۇلمىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانبۇلۇپ ،تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى لېتسىتىن يەنە تېخى جىگەر ھۆجەيرىسىنىڭ قايتا ئۆسۈشىنىتىزگىنلىيەلەيدۇ ، جىگەرگە نىسبەتەن قوش ئۈنۈملۈك ئاسراش رولى بار .
09
/ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇتىدۇ /
تۇخۇم تەركىبىدىكى مول بولغان قۇۋۋەتلىك ماددىلار ، زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرغۇچى ھۆجەيرىنى جانلاندۇرۇپ، بەدەننىڭ ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار .
10
/ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ/
تۇخۇم تەركىبىدىكى مىكرو ماددىلار ، ۋىتامىن قاتارلىقلار ، ھۈجەيرىنىڭ مىتابولىزىم ئالمىشىش سۈرئىتىنىتېزلىتىدۇ ، بەدەندىكى مايلارنىڭ خورىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، ئورۇقلاشقا پايدىلىق .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى لېتسىتىن بولسا بەدەندىكى ماي ھەم خولېستىرىننىڭ ئەڭكىچىك بولغان دانچىلارغا ئايلىنپ قان تۇمۇرلاردىن چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ،شۇنداقلا بەدەنگەپايدىلىق .
تۇخۇم يەنە مەلۇم دەرىجىدىكى تويغانلىق تەسىرىنى بېرىدۇ ، شۇ سەۋەبلىك ئىسسىقلىقنىڭ ھەددىدىن زىيادەسۈمۈرۈلىشىنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق ، بۇ ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بۇلىدۇ .
{تۇخۇمنى مۇنداق يەيمىز }
/قانچىنى يەيمىز ؟/
ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولغان ئادەملەر ، مەسىلەن بالىلار، ھامىلدار ئاياللار ، تەنھەركەتچىلەر ،بەدەن چىنىقتۇردىغانلار قاتارلىقلار ، كۈندە 2~1تۇخۇم يەپ بەرسە ئەڭ ياخشى .
نورمال بولغان قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ، ياشانغانلار كۈنىگە بىر تال يەپ بەرسىلا بۇلىدۇ ، قاندا ماي تەركىبىيۇقىرى دوسلىرىمىز بولسا ، ھەپتىسىگە 4~2 تال يەپ بەرسە مۇۋاپىق .
/قانداق يەيمىز ؟/
تۇخۇمنى مايدا پۇشۇرساق ۋەياكى سۇدا پۇشۇرساق قايسىسىلا بولسا بۇلىۋېرىدۇ ، ئەمما سۇدا پىشۇرغانتۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئەڭ يۇقىرى بۇلىدۇ . قورىغان تۇخۇمدا ئىسسىقلىق جىق بولغانلىقتىن ،تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىمۇ بىر قەدەر ئېغىر بۇلىدۇ ، جىق يېمەسلىكنى تەۋىسسىيە قىلىمىز.
ئۆيىمىزدە ئەگەر ياشانغان كىشىلەر،بىمارلار ۋەياكى بالىلار بار بولسا ،تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرۇپ بەرسەكمۇۋەياكى تۇخۇمنى سۇغا چېكىپ تۇخۇم شورپىسى قىلىپ بەرسەكمۇ بۇلىدۇ .
تەركىبىدە ۋىتامىن C بولماسلىق بولسا تۇخۇمنىڭ بىردىن بىر كەمچىللىكى دېيىشكە بۇلىدۇ ، شۇڭلاشقا تۇخۇمنىتەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان شوخلا ، لازا، مۇچ قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يىسەك ئوزۇقلۇق قىممىتىھەسسىلەپ ئاشىدۇ ھەم ئىنتايىن يېيىشلىك !
/شوخلا تۇخۇم شورپىسى/
ماتېرىياللار
تۇخۇم ، شوخلا
يېسۋىلەك ، موگو ، زەنجىۋىل
تەييارلاش باسقۇچى
1.شوخلا، يېسۋىلەك ، موگو ، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى توغرايمىز .
2.تۇخۇمدىن 4 تال ئېلىپ ، بىر چىنىگە چېكىپ ئېلەشتۈرىمىز .
3.قازان قىززىغاندا باشتا تۇخۇمنى سېلىپ ئارقىدىن شوخلىنى سالىمىز ۋە تېز قورىيمىز ،ئاندىن سۇ قۇيىمىز .
4. موگو، يېسۋىلەك ، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى سالىمىز ، تاكى قايناپ پىشقانغا قەدەر قاينىتىپ قازاندىن ئالىمىز.
/راك پۇرچاق تۇخۇم دۈملۈمىسى/
ماتېرىياللار
راك 150 گىرام ، پۇرچاق 50 گىرام ، تۇخۇم 4 تال
كىراخمال 6 گىرام ،تۇز 6 گىرام ، سۇ كىراخمالى (مۇۋاپىق مىقداردا )
تەييارلاش ئۇسۇلى
1.چېنىگە تۇخۇمنى چېكىپ ئېلەشتۈرىمىز ،ئاندىن 4 گىرام تۇز، 5 گىرام كىراخمال ۋە 100 گىرام سۇ قوشۇپئېلەشتۈرىمىز .
2.چېنىنىڭ ئۈستىنى يېڭى ساقلاش پەردىسى بىلەن ئوراپ ،ئۈستىدىن نەچچە تال تۆشۈك ئېچىپ دوخۇپكىغاسالىمىز ، 100 گىرادۇستا 10 مىنوت تۇرغۇزىمىز .
3.قازان قىززىغاندا يېشىل پۇرچاق ۋە راكنى سېلىپ ،ئاندىن يەنە 2 گىرام تۇز ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇكىراخمالىنى سېلىپ قاينىتىمىز
4.ئاندىن پىشۇرۋالغان تۇخۇمنى سالساقلا بۇلىدۇ .
كىچىككىنە بۇر تال تۇخۇمنىڭ مۇشۇنچىۋاا جىق ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى بار ، گۈزەل بۇلاي دېسىڭىز تېزدىنئىشلىتىشنى باشلاڭ ~
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟
سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...
سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55