زەپەنىڭ شىپالىق روللىرى، دائىم چايغا دەملەپ ئىچىپ بەرسە...
زەپە 藏红花 نىڭ رولى:
قاننى جانلاندۇرۇپ ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، زەپەنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل . ئاساسلىقى يۈرەك، جىگەر، تومۇرنى ياخشىلايدۇ.
«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دا خاتىرىلىنىشىچە، زەپە قاننى جانلاندۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، غەم ئەندىشىنى تۈگىتىدىكەن.
زەپەنىڭ ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، چىرىندىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش، قاننى سوۋۇتۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، غەم ـ قايغۇنى تۈگىتىش رولى بار بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈنۈمى بار.
ھازىرقى زامان دورىگەرلىك تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، زەپەنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىنى قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى داۋالاش ئۈنۈمى روشەن بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل تېببىي ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن مېڭە قان نوكچىسى كېسىلى، قان تومۇر ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، قان زەئىپلىشىش، بەدەن ئاجىزلىق، ھەيز قالايمىقانلىشىش، تۇغۇتتىن كېيىن قان ئۇيۇپ قېلىش، پۈتۈن بەدىنى ئاغرىش، يىقىلىپ زەخىملىنىش، نېرۋا ئاجىزلىق، قورقۇش، تۇتقاقلىق كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا كەڭ قوللىنىلىدۇ.
ئىچىش ئۇسۇلى:
ئادەتتىكى ئىچىش ئۇسۇلى بولسا ھەر قېتىمدا زەپەدىن 10 ـ 15 تال ئېلىپ چايغا دەملەپ ئىچىش، بىر كۈندە 1 قېتىم ياكى كۈن ئارىلاپ 1 قېتىم ئىچىش. ھەيز مەزگىلىدە ئىچمەسلىك كېرەك.
ئەگەر دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەنلەر بولسا، دوختۇر تەۋسىيە قىلغان ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى بويىچە ئىچسە بولىدۇ.
1. ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەيدۇ.
زەپەنى دائىم سۇغا چىلاپ ئىچكەندە بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاننىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە قارشىلىق كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش ئۈنۈمى ياخشى .
2. ھەيز قالايمىقانلىشىشنى داۋالاش
قەدىمكى كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە، زەپەنىڭ تەمى تاتلىق، ئازراق ئاچچىق، تەبىئىتى مۆتىدىل ؛ يۈرەك، جىگەرنى ياخشىلايدۇ؛ بەدىنى يېنىك بولۇپ، قانغا سىڭىپ تارقىلىپ، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز تۇتۇلۇش، تۇغۇتتىن كېيىنكى چىللە خۇنى بولماسلىق، قورساقتىكى مونەكلەر ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ياخشىلايدۇ.
ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بويىدىن ئاجراپ كېتىشتەك ئەكس تەسىرىمۇ بار، شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشى كېرەك.
3. ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ.
زەپەنى چايغا دەملەپ ئىچىش ئارقىلىق ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش قەدىمدىن تارتىپ خانىم ـ قىزلار ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ كەلگەن. «نەپىس بۇيۇملار توپلىمى» دا يەنە زەپەنىڭ ھۆسن تۈزەش ئۈنۈمى تىلغا ئېلىنغان: ئاساسلىقى قاننى تەڭشەيدۇ، كۆكرەكنى ئېچىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلسا، تېرە رەڭگى ئېچىلىدۇ. زەپەنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللارنى ئىچىدىن سىرتىغا قارىتا تازىلاش قىلىدۇ.
4. يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش
تېببىي تەتقىقات ئارقىلىق بايقىلىشىچە، مۇۋاپىق مىقداردىكى زەپە ئادەم بەدىنىدىكى يۈرەكنى قوغداش رولىنى ئويناپ، يۇقىرى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە كۆرۈنەرلىك شىپا بولىدىكەن.
ئەلداۋادىن سەمىمىي ئەسكەرتىش:
1. زەپەنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا قۇسۇش قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 1 قېتىمدا قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ 2 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
2. ھامىلىدار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار، ئاياللار نورمال ھەيز مەزگىلىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
3. يارا كېسىلى ۋە قاناش خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشى كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
ئالقان شەكلىڭىزدىن خاراكتېرىڭىزگە نەزەر
ئادەتتە ئالقان شەكلىڭىزگە دىققەت قىلىپ باقمىغان بولغىيتىڭىز . قولىڭىزنى ئېچىپ ئالقان شەكلىڭىزنى بۇ 4 خىل شەكىلنىڭ قايسىسىگە چۈشىدىغانلىقىغا قاراڭ ، ئاندىن كۆڭلىڭىزدە قارار چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن جاۋابىنى ئوقۇڭ...
سالونىمىزغا 126 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
ئەلداۋا ساغلاملىق سالونىغا مۇشتەرى بولۇڭ
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55