قېنى ئوماچتەك بولۇپ كەتكەن 45 ياشلىق ئەر

文摘   2024-12-08 18:30   新疆  



قېنى ئوماچتەك بولۇپ كەتكەن 45 ياشلىق ئەر


مېڭە تىقىلمىسى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى.
ئادەمنىڭ قان تومۇرلىرى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئېلاستىكىلىقى بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناچار ئادەتلەرنىڭ تەسىرىدە قان تومۇرلاردا قان نوكچىسى شەكىللىنىپ، قان ئايلىنىشقا تەسىر يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مېڭە قان تومۇر توسۇلۇشمۇ كۆرۈلىدۇ.

مېڭە قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ قوزغىلىشى ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، كېسەل قوزغالغاندىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقتى پەقەت 6 سائەت ئىچىدە بولىدۇ.

بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ئەركىن ئەپەندى، ئادەتتە كاۋاپ، قىيزا دېگەندەك گۆشلۈك غىزالارغا ئالاھىدە ئامراق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن ئەپەندىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تويدىن بۇرۇنقى 64 كىلودىن ھازىرقى 95 كىلوغا ئۆرلىگەن، 2 يىل بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە، يەنە يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ چىقىلغان.

دوختۇر تاماقنى مايسىز يېيىشنى، ئادەتتە كۆپرەك چېنىقىشنى قايتا ـ قايتا تاپىلىغان بولسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئالامىتى بولمىغاچقا، ئەركىن  ئەپەندى ئاغزىدا «ماقۇل» دېگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە سالامەتلىكىگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولماي، سەل قارىغان ئىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، ئەركىن ئەپەندى يەنە ئايالى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ بەرگەن قورداقنى تازا پۇخادىن چىققۇچە يېگەن، بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەركىن ئەپەندىنىڭ بېشى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ، ئارقىدىنلا ھوشىدىن كەتكەن.

ئەركىن ئەپەندىنىڭ ئايالى دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش دەپ دىياگنوز قويۇلغان، تېببىي خادىملار 2 سائەتتىن ئارتۇق جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئەركىن ئەپەندىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزالمىغان.


بەدەندە بۇ 5 خىل نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، مېڭە توسۇلۇشتىن ھۇشيار بولۇڭ!!!

1. كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراش-
بۇ مېڭە توسۇلۇشنىڭ دەسلەپكى سىگنالى. بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش، نەرسىلەرنى كۆرۈش مۇكەممەل بولماسلىق، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈك بولۇش بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ.

2. يۈز قىسمى ھەرىكەت ماسلاشماسلىق
ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ، ئەگەر مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي قالسا، يۈز مۇسكۇللىرىدىمۇ ھەرىكەت ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ، يۈز قىسمىدا ماسلاشماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

3. باش قېيىش
مېڭە قان تومۇرلىرى قېتىشسا، ئومۇرتقا نېگىز ئارتېرىيەسىدىكى قاندىكى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىچىك مېڭە، مېڭە غولى قاتارلىق نېرۋا توقۇلمىلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تەسىر يېتىپ، باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. تىل تۈۋى قاتتىق بولۇش
بۇنى يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ نورمالسىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، تىلنىڭ قاتتىقلىشىشى، مۇكەممەل بىر سۆز بىلەن ئىپادىلەش تەس، بولۇپمۇ سەھەر تۇرغاندا تىل تۈۋى قاتتىق بولۇپ قالسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

5. ئۇيقۇچان بولۇش
ئۇيقۇسىراشنىڭ ئىپادىلىرى ئۇيقۇسىراش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ئامالسىز قېلىش بولۇپ، بۇ مېڭە قىسمىغا قاندىكى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، مەركىزىي نېرۋىغا ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، ئۇيقۇسىراش مېڭە ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئېغىرلىشىدۇ.

مېڭە قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، تۇرمۇشتا ئىككىنى كونترول قىلىش، ئىككىدە كۆپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
بىرىنچى تىزگىنلەش: قاندىكى ماينى تىزگىنلەش

قاندىكى ماينى تىزگىنلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك:
ئومۇمىي خولېستېرىن: قۇرامىغا يەتكەنلەر 200mg/dL   دىن تۆۋەن كونترول قىلىشى كېرەك؛
تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن: قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەر 130mg/dL دىن تۆۋەن كونترول قىلىنىدۇ؛
يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن: ئەرلەرنىڭ40mg/dL  دىن، ئاياللارنىڭ50mg/dL  دىن يۇقىرى بولسا مۇۋاپىق؛

ئىككىنچى كونترول قىلىش: يېمەك ـ ئىچمەكنى كونترول قىلىش
يېمەك ـ ئىچمەك جەھەتتە دىققەت قىلىش كېرەك:
 ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش؛
تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 6 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛
يىرىك يېمەكلىك تالالىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىش، مەسىلەن، قارا ئاشلىق، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆپەيتىش؛
ھەر كۈنلۈك مېۋە قوبۇل قىلىش مىقدارى 200 گرامدىن، كۆكتات قوبۇل قىلىش مىقدارى 400 گرامدىن كەم بولماسلىق؛
ئىسپىرت، قەنت مىقدارى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەش كېرەك.

بىرىنچى كۆپ: ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ تولۇقلايدىغان كىشىلەرنىڭ مېڭە تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن.

ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ ئەركىن رادىكالنىڭ قان تومۇرغا بولغان زىيىنىغا قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى يوقىتىدۇ، تاجىسىمان تومۇرنىڭ ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قىل قان تومۇرنىڭ چۈرۈكلىكى ۋە ياغ ماددىسى ۋە گلىتسېرىدنىڭ قان تومۇردىكى چۆكۈشىنى ياخشىلاپ، قان تومۇرنى تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا ئىگە قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئارتېرىيە قېتىشىش ھەمدە قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئىككىنچى  كۆپ: ئۇيقۇ يېتەرلىك بولۇش
ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشى قان تومۇر ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
دائىم تۈنەش ئادەمنى داۋاملىق ھاياجانلاندۇرۇپ، جىددىيلەشتۈرۈپ، قان تومۇرلارنى تارايتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، مېڭە توسۇلۇشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت تۈنەش يەنە ئىچكى ئاجراتمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەندىكى ئەزالارنى مۇددەتتىن بۇرۇن قېرىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئامال بار تۈنىمەسلىك، ھەر كۈنى كەچ سائەت 23 تىن بۇرۇن ئۇخلاش ھەمدە 7 ـ 8 سائەتكىچە قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاخىرىدا، ئەلداۋا كۆپچىلىكنى قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ
پۈتۈنلەي ساغلام كىشىلەردىمۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بويۇن ئارتېرىيەسى تارىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
شۇڭا قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە سەل قاراشقا بولمايدۇ،

ئەلداۋادىن سەمىمىي تەكلىپ:
يېشى 40 تىن ئاشقان ھەمدە تۆۋەندىكى ھەر قانداق بىر ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەر بويۇن ئارتېرىيە رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك:

يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، قان قەنتى يۇقىرى بولۇش، تاماكا چېكىش، سېمىزلىك، يۈرەك دالانچىسى تىترەش، جەمەت تارىخى بارلار؛
سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار؛
بۇرۇن قىسقا ۋاقىتلىق مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يۈز بەرگەنلەر؛


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟


سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...

سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章