جۇڭيىدا قايسى ئەزانىڭ ئىسسىقى ئاشسۇن يۈزگە قاراپلا بىلىۋالىدۇ
كۈز
كىرگەندىن كېيىن، تېرە قىچىشىش، ئېغىز قۇرۇش، كۆز قۇرغاقلىشىش، يۈزگە
دانىخورەك چىقىش قاتارلىق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى ئارقا- ئارقىدىن
كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
بىز دائىم دەيدىغان «ئىسسىقى ئېشىپ
كېتىش» جۇڭيى تېبابىتىدىكى ئىسسىقلىق يىغىندى كېسەللىك كاتېگورىيەسىگە تەۋە
بولۇپ، بەدەندىكى ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش يۈرەك ئوتى، ئۆپكە ئوتى، ئاشقازان
ئوتى، جىگەر ئوتى، بۆرەك ئوتى دەپ ئايرىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، قەيەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتسۇن چىرايىغا قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
«ھاياتلىق
ۋاقىت گېزىتى» جۇڭگو تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئوخشاش
بولمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ قانداق «ئوت» قا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى
ھەمدە ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوتنى يوقىتىش ھەققىدە ئورتاقلاشتى.
جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىيۈەن دوختۇرخانىسى قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى شۈ چۈنيىڭ؛
بەدەندە ئوت تۇتسا يۈزدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ
جىڭلو (经络) نىڭ ئايلىنىشى ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن، ئوخشاش بولمىغان ئىچكى ئەزالارنىڭ
ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە، يۈزنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ.
يۈرەكنىڭ ئوتى يۈزدە ئىپادىلىنىدۇ
يۈرەكنىڭ
ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتە دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەردىن، ئاسان چىقان
چىقىش، ئاسان دانىخورەك چىقىش ۋە ماي چىقىش قاتارلىقلار. بۇ خىلدىكى
كىشىلەردە يەنە بىئارام بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، ئېغىز-تىل يارىسى، كىچىك
تەرىتى سارغىيىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.
جىگەرنىڭ ئوتى كۆزدە ئىپادىلىنىدۇ
ئاساسلىق
ئىپادىسى كۆز قىزىرىپ ئىششىش، كۆيۈش، ئاغرىش، قۇرغاقلىشىش، كۆز
بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان تولۇش، ئاجرالمىلار كۆپىيىش، ياش ئېقىش، كۆرۈش
قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش قاتارلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچى تىتىلداش،
ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئىككى قوۋۇرغا ئاغرىش، ئېغىز ئاچچىق، چوڭ تەرەت
قۇرغاقلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئۆپكىنىڭ ئوتى بۇرۇندا ئىپادىلىنىدۇ
ئۆپكىنىڭ
ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە، بۇرۇندىكى نەپەس ئىسسىق بىلىنىدۇ، بۇرۇن تۆشۈكى
قۇرغاقلىشىپ ئاغرىش، بۇرۇن ئىچىدە ئىششىق پەيدا بولۇش، بۇرۇن قاناش، بۇرۇن
پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن
بىر ۋاقىتتا يەنە يۇتقۇنچاق ئىششىپ ئاغرىش، يۆتىلىش، بەلغەم سېرىق
يېپىشقاق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.
ئاشقازاننىڭ ئوتى ئېغىزدا ئىپادىلىنىدۇ
ئاشقازاندىكى
ئوت ئېشىپ كەتسە، يۇقىرىغا چىقىپ چىشقا كىرىپ، ئاسانلا چىش مىلىكى قىزىرىپ
ئىششىش، ئاغرىش، چىش مىلىكى قاناش، چىش بوشاپ كېتىش، چىش مىلىكى يارىسى
قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر
ۋاقىتتا، ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشمۇ تۆۋەنكى ھەزىم قىلىش يولىدىكى
سۇيۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىز ئاچچىق بولۇش، ئۇسساش،
ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، ئېغىز پۇراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ. ئاچچىق، مايلىق، ھاراققا خۇمار بولۇش قاتارلىق ناچار يېمەك-
ئىچمەك ئادەتلىرى ئاشقازان- ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،
قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۈچەي يولىدا سېسىق پۇراق، ئاممىياك گازى،
ھىدروگېن سۇلفىد قاتارلىق ماددىلارنى پەيدا قىلىپ، ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
بۆرەكنىڭ ئوتى قۇلاقتا ئىپادىلىنىدۇ
بۆرەكنىڭ ئوتى
ئادەتتە بۆرەكتىكى مەنپىيلىك سۇيۇقلۇقىنىڭ يېتىشمەسلىكى، مەنپىيلىك ئوتنىڭ
ئىچىگە تۇتىشىشىدىن كېلىپ چىققان ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ
مەنپىيلىك
زەئىپلىشىش، ئوت ئۇلغىيىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، باش قېيىش، كۆز
قاراڭغۇلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش، گاس بولۇپ قېلىش، يەنە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش،
ئۇيقۇسىزلىق، ئوغرى تەر چىقىش، بەل، تىز تېلىپ ئاغرىش، پاقالچاق سۆڭىكى
ئاغرىش، تاپان ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئوخشىمىغان ئوتلارنى قانداق يوقىتىلىشى كېرەك؟ ئوخشىمىغان ئىچكى ئەزالارنىڭ ئوتى ئۆرلەپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
جۇڭگو تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرى بىر يۈرۈش ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
يۈرەكنىڭ ئوتىنى ياندۇرۇش
يېمەكلىك
بىلەن داۋالاش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، نەشپۈت، ئاق مور، نېلۇپەر ئۇرۇقى
يۈرىكى، ماش شورپىسى، ئاچچىق كاۋا قاتارلىقلار يۈرەك ئوتىنى پەسەيتىدۇ،
مۇۋاپىق ھالدا كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى
چىلىسا ئوتنى ياندۇرىدۇ.
جىگەرنىڭ ئوتىنى ياندۇرۇش
قىسقا مۇددەت
ماش شورپىسى، پونۇس ئۇرۇقى چېيى، يالپۇز چېيى، جۇخار گۈلى چېيى ئىچىپ
جىگەرنىڭ ئىسسىقىنى ياندۇرۇشقا بولىدۇ؛ كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇپ،
كەيپىياتنى تەڭشەش كېرەك. تەيچۇڭ 太冲 (پۇتنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن ئىككىنچى
پۇت بارمىقى ئارىسىدىكى يوچۇقتىن يۇقىرىغا تەخمىنەن 1.5 سانتىمېتىر
كېلىدىغان ئويمان جاي)، شىڭجيەن 行间 (پۇتنىڭ دۈمبە تەرىپى، 1-، 2 بارماقنىڭ
ئارىلىقى، بارماق ئۈزگۈچ گىرۋىكىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قىزىل، ئاق گۆشلۈك
ئورۇن)، يۇڭچۈەن 涌泉 (تاپاننىڭ ئالدى 3/1 قىسمى، پۇت بارمىقى ئېگىلگەن
چاغدىكى ئويمان جاي) قاتارلىق پەللىلەرنى ئۇۋۇلىغاندىمۇ جىگەرنى تازىلاپ،
ئىسسىقنى ھەيدەش رولى بار.
ئۆپكىنىڭ ئوتىنى ياندۇرۇش
ئۇچقات، قالقانگۈل، ھۇتتۇنا ئوتى، مامكاپ قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ئىچسە
بولىدۇ، يەنە چارتال، ئاق نەشپۈت، ئاق تۇرۇپ، ئاق مور، گۈلسامساق قاتارلىق
ئۆپكىدىكى ئىسسىقنى ياندۇرىدىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە
بولىدۇ.
ئاشقازاننىڭ ئوتىنى ياندۇرۇش
بەدەندە ئاشقازان ئوتى
كۆرۈلگەندە، سۇيۇق- سەلەڭ يېمەك-ئىچمەكنى ساقلاش، يېڭى مېۋە-چېۋە،
كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ تاۋۇز،
تەرخەمەك، ئاچچىق كاۋا، نېلۇپەر يىلتىزى، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق
ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان ئوتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
بۆرەكنىڭ ئوتىنى ياندۇرۇش
بۆرەك
زەئىپلىشىش، ئۆت كۈچلۈك بولغاندا، كەيپىياتنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش،
تۈنەشتىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە،
مەسىلەن: قارا گۈرۈچ، ئۈجمە، قارا كۈنجۈت قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىشكە
بولىدۇ.
كۈزنىڭ قۇرغاقلىقىنى پەسەيتىدىغان بىر قانچە ئىشنى ياخشى
قىلىش بۇ ۋاقىت دەل كۈز پەسلى بولۇپ، ھاۋا سوۋۇيدۇ، ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ
تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەردە بۇرۇن
قۇرغاقلىشىش، كالپۇك يېرىلىش قاتارلىق كۈزنىڭ قۇرغاقلىشىپ ئىسسىقى ئېشىپ
كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
كۈزدىكى قۇرغاقلىقنى پەسەيتىشتە، سۇنى كۆپ ئىچىشتىن باشقا، ئىشنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۇرمۇش تەپسىلاتىدىن باشلاشقا بولىدۇ:
تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش
تېرە
قۇرغاق مۇھىتتا ئاسان قىچىشىدۇ، يېرىلىدۇ، شۇڭا سۇ تولۇقلاش ۋە نەملىك
ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا بەدەنگە
نەملىك ساقلاش مېيى سۈرۈپ، سۇ تەركىبىنىڭ يوقىلىشىنى ئازايتىش كېرەك. قول
ئاسراش مېيى قاتارلىق بۇيۇملارنى يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرۈڭ، قۇرغاق ھېس
قىلسىڭىز ۋاقتىدا سۈرتۈڭ.
روھىي كەيپىياتنى تەڭشەش
كۈز
كىرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بىئارام
بولىدۇ، ئاچچىقلىنىدۇ يەنە بەزىلەر كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى چۈشكۈنلۈك
سەۋەبىدىن، دائىم كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىپ يۇقىرى-تۆۋەن بولىدۇ. بۇ نورمال
كەيپىيات ئىنكاسى، تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئوچۇق ھاۋا رايىنى
تاللاپ، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى تۈگىتىشىگە
ياردەم بېرىش كېرەك. يەنە كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا، ۋاقتىدا دەردىنى
چىقىرىش، ئىچىگە يۇتماسلىق كېرەك.
بىر نەچچە خىل ئوزۇقلۇق ماددىنى تولۇقلاش
ۋىتامىن
A كەمچىل بولسا، تېرە قۇرغاقلىشىپ، ئېلاستىكلىقى بولمايدۇ. مېۋە تەركىبىدە
ۋىتامىن A بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى β كاروتىن بەدەندە ۋىتامىن A
غا ئايلىنىدۇ. تەركىبىدە ئاپېلسىن، ئۆرۈك، مانگو، كۇلى بېھىسى، يېڭى چىلان
قاتارلىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە β كاروتىن مول.
يېمەكلىك
تالاسى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى
راۋانلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۈزلۈك پەسىللىك مېۋىلەر
ئىچىدە يېمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىرىدىن ئانار،
نەشپۈت، مايمۇن شاپتۇلى، دولانا، ئەنجۈر قاتارلىقلار بار.
ۋىتامىن C
ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، بەدەننىڭ يېمەكلىكتىكى تۆمۈر ئېلېمېنتىنى
تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ ھەمدە بەدەندە كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ
بىرىكىشىگە قاتنىشىپ، تېرە رەڭگىنى ياخشىلاپ، تېرىنىڭ نازۇكلۇقىنى ساقلاشقا
ياردەم بېرىدۇ. يېڭى چىلان، چوڭ ئاپېلسىن، ئاپېلسىن، بېھى قاتارلىق
مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەلا
سۈپەتلىك مايلار تېرىنى يۇمران ۋە سىلىق قىلىدۇ. قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە
ئۇرۇق تۈرىدىكى ماددىلارنى قوبۇل قىلغاندا، بەدەنگە بۇ خىل مايلارنى
تولۇقلىغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: ياڭاق، كۈنجۈت قىيامى قاتارلىقلار. لېكىن، بۇ
تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا سەمرىپ
كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55