قۇرۇق
ئەتراپىمىزدا
ھەر 10 قۇرامىغا يەتكەن ئادەم ئىچىدە بىر دىيابېت كېسىلى بىمارى بار. قان
شېكىرىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشى جانغا زامىن بولمايدۇ، جانغا زامىن
بولىدىغىنى بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەر، مەسىلەن: يۈرەك تىقىلمىسى،
سەكتە، پۇت - قوللار نېكروزلىنىش قاتارلىقلار.
دوختۇرنىڭ
كۆرسىتىشىچە، قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلمىغاندا ئۆمرى 9 ~ 10 يىل
قىسقىرايدىكەن، لېكىن تۇرمۇشتا 80 ~ 90 ياشلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن
شېكەرداشلارمۇ ئاز ئەمەس، يەنە بەزى شېكەرداشلار قان تومۇر ھالىتىنى خېلى
ياخشى ساقلىغان.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق
ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن
شېكەرداشلارنىڭ قانداق ئورتاقلىقى بارلىقى، ھەمدە قان شېكىرىنىڭ ئۆلچەمدىن
ئېشىپ كېتىشىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى. زىيارەت
قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر:
تۇڭجى داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى سېمىزلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى زوۋ داجىن؛
جۇڭگو
تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى فۇۋەي يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى
دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ
مۇدىرى لى گۇاڭۋېي؛
ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى ياشانغانلار ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى تيەن خۇي؛
دوختۇر 17 يىللىق دىيابېت بىمارىنىڭ قان تومۇرىنى ماختىدى
بېيجىڭ
بالىلار دوختۇرخانىسى شۈنيى ئاياللار - بالىلار دوختۇرخانىسى ئىچكى
كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى شۆ ۋېيشيانىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا ئۇنىڭ بىر
بىمارى قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلالماسلىق سەۋەبىدىن كېسەل كۆرسەتكەن.
بۇ بىمار 67 ياش، دىيابېت كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغىنىغا 17 يىل بولغان.
ئالاقىدار ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە،
ئۇنىڭ ئىككى تەرەپ بويۇن ئارتېرىيەسى، ئىككى پۇت ئارتېرىيەسى ياخشى
قوغدالغان بولۇپ، بوتقىسىمان قېتىشقان داغ بايقالمىغان. لابوراتورىيەلىك
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بىمارنىڭ قاندىكى ماي مىقدارىمۇ ياخشى كونترول
قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن 1.57
مىللىمول/لىتىر بولغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ شېكەرداش تۇرمۇش ئۇسۇلىنى
تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، يەنە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قەنت
ۋە ماينى تۆۋەنلىتىپ، ھازىرغىچە قانۇنىيەتلىك دورا ئىچىپ كەلگەن.
ئادەتتىكى
كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، قان شېكىرى بىنورمال بولغانلارنىڭ يۈرەك قان
تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 2 ~ 4 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
چۈنكى يۇقىرى قان شېكىرى شېكەرلەشكەن ھېموگلوبىننىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى
كۆتۈرۈپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئوكسىگېن ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىنى
تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئاسانلا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان
پلاستىنكىلىرىنىڭ يېپىشقاقلىقى ۋە توپلىنىشچانلىقى كۈچىيىپ، ئاسانلا قان
نۆكچىسى پەيدا بولۇپ، ئېغىر يۈرەك - مېڭە قان تومۇر ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان شېكەرداشلارنىڭ 7 ئورتاقلىقى
ئەمەلىيەتتە دىئابېت كېسىلىنى ياخشى كونترول قىلسىلا، ئۇلارنىڭ نورمال ئادەملەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق.
تۇڭجى
شۆيۈەنى تېببىي ئىنستىتۇتى سېمىزلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى زۇ
داجىن مۇنداق دېدى:
تۇرمۇشتىكى 80 - 90 ياشلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن شىكەرداشلار ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك 7 خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە.
1. ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى
داڭلىق
ژۇرنال «دىيابېت كېسەللىكىنى داۋالاش» تا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى BMI بىلەن ئادەمنىڭ
ئۆمرى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدىكەن، يەنى بەك سېمىز ياكى بەك ئورۇق بولسا
ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. BMI = بەدەن ئېغىرلىقى/بوي ئېگىزلىكىنىڭ
كۋادراتى ( خەلقئارا بىرلىك kg/كۋادرات مېتىر ). قەنت كېسىلى بىمارلىرى BMI
ماينى 20- 24 كىچە ساقلاش، ئەرلەردىكى ماي نىسبىتىنى %25 تىن،
ئاياللاردىكى ماي نىسبىتىنى %28 تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك تەكلىپىنى بەرگەن.
2. قان شېكىرى، قان بېسىمى، قاندىكى ماينى ياخشى كونترول قىلىش
شېكەرلەشكەن
ھېموگلوبىن %7 تىن تۆۋەن بولسا ئۆمرى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، قان شېكىرى
تۆۋەنلەش خەۋپى بولمىغان كۆپ ساندىكى ياشانغان 2 تىپلىق شېكەرداشلارغا ماس
كېلىدۇ؛ ئەگەر 80 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشانغانلار بولسا، ئۆلچەمنى %8
كە كېڭەيتىشكە بولىدۇ. قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش
جەھەتتە، يېشى چوڭ، ئادەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار
بولغانلار ئۆلچەمنى مۇۋاپىق كەڭ قويۇپ بېرىشى، قان بېسىمىنى كونترول قىلىش
نىشانى 140/90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك؛
تۆۋەن
زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن،
ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 2.6،1.8،1.4 مىللىمول/لىتىردىن تۆۋەن بولىدۇ.
3. ئاشقازان - ئۈچەي ، ھەزىم قىلىش ياخشى، چوڭ تەرەت راۋان بولۇش
چىشتىن مەقئەتكىچە بولغان ھەزىم قىلىش يولىنى سىستېمىلىق قوغداش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش:
چىش
چوتكىلىغاندا، چىش ئارىلىقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تازىلاپ، چىش ئەتراپى
يۇقۇملىنىشنى ئازايتىش؛ تاماق يېيىش تەرتىپىگە دىققەت قىلىش، ئاۋۋال شورپا،
ئاندىن ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش؛ ئەگەر
ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت بولسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا بىلەن
تەڭشەش؛ قەرەللىك ھالدا ئاشقازان - ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈپ، ھەزىم قىلىش
يولىدىكى ئۆسمىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش كېرەك.
4. يۈرەك ، قان ئايلىنىشى ياخشى، پۇت - قول ئىسسىق بولۇش
ئىستاتىستىكىغا
ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن %60 شېكەرداشلار يۈرەك قان تومۇر ئەگەشمە
كېسەللىكلىرى ياكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. يۈرەك
ئىقتىدارىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر بىر يۈرەك قان تومۇر خەتەرلىك ئامىللىرىنى
كونترول قىلىش كېرەك. ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلەتكەندىن باشقا، شېكەرداشلارنىڭ
يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا يۈرەك رىتىمىنى ئۆلچەپ
تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى
يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 60 ~ 70 قېتىم بولىدۇ، ئەگەر تىنچ ھالەتتىكى يۈرەك
رىتىمى مىنۇتىغا 80 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ
كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىپ كونترول قىلىش كېرەك.
دىيابېت
كېسەللىكىدە يەنە ئاسانلا قىل قان تومۇرلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا
بولۇپ، ئاخىرقى ئۇچتىكى قان ئايلىنىش ناچارلىشىدۇ. شېكەرداشلارنىڭ دائىم
پۇت ھەرىكىتى قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇنداق قىلغاندا پۇتنىڭ
ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
5. ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، تاماكا، ھاراققا چەك قويۇش
يېمەكلىك تاللىغاندا غىزالىنىش تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش، تۈرى ئىمكانقەدەر كۆپ خىل بولۇش:
ئاساسلىق
يېمەكلىككە يىرىك ـ يۇمشاقلىقى ماسلاشتۇرۇلغان ئارىلاشما مىفەن ياكى
بەرەڭگە تۈرىدىكىلەرنى تاللاشقا بولىدۇ؛ كۆكتات تۈرلىرىدە ئەلا سۈپەتلىك
ئاقسىلنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش، مەسىلەن، ئورۇق گۆش، دادۇر، سۇ مەھسۇلاتلىرى،
تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى؛ مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك ۋە سېمىز گۆش، گۆشى
قەۋەتلىنىپ كەلگەن گۆش، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىق تەركىبىدە
ماي كۆپ بولغان يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، تاماكا
تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇش شېكەرداشلارنىڭ ئۆمرىنى تېخىمۇ ئۇزارتىدۇ.
تاماكا تاشلىغىنىغا 2 ~ 6 يىل بولغان شېكەرداشلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر
كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %17 تۆۋەنلەيدۇ، ئەزەلدىن تاماكا
چەكمەيدىغان شېكەرداشلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش
خەۋپى %41 تۆۋەنلەيدۇ.
6. مۇۋاپىق ھەرىكەت
ئۇزۇن ئۆمۈر
كۆرگۈچىلەرنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك ھەرىكەت قىلىش ئادىتى بار. شېكەرداشلار ئەڭ
ياخشىسى ھەر كۈنى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق سەيلە قىلىشى، بىر سائەتتىن
ئارتۇق جىم ئولتۇرۇشى كېرەك.
7. كەڭ قورساقلىق
90 نەچچە ياشلىق
نۇرغۇن شېكەرداشلار كېسەل بولغىلى 30 ـ 40 يىل بولسىمۇ تېخى ناھايىتى
ساغلام. چوقۇم تۈرلۈك ئامىللارنى ياخشى باشقۇرۇپ، كونترول قىلىپ، كېسەلگە
ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
شېكەرنى كونترول قىلىش:
شېكەرنى
كونترول قىلىشتا، يېمەك - ئىچمەك ۋە ھەرىكەت جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش
كېرەك. جۇڭگو تېببىي پەنلەر شۆيۈەنى فۇۋەي يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى
دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ
مۇدىرى لى گۇاڭۋېي كۆپچىلىككە «500111» قەنت كونترول قىلىش قائىدىسىنى
خۇلاسىلەپ بەردى.
5: ھەر ھەپتىدە بەش كۈن ھەرىكەت قىلىش
توپ ئويناش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق سىجىللىقى بىر قەدەر چوڭ ھەرىكەتلەرنى ھەر
كۈنى يېرىم سائەت قىلسىلا كۇپايە؛ ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق
ھەرىكەتلەرنىڭ سىجىللىقى بىر قەدەر يېنىك، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا
بولىدۇ.
0: تاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك
شېكەرلىك ئىچىملىكلەر
ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقنى، سېمىزلىكنى ۋە قەنت ياغ مېتابولىزمىنىڭ
نورمالسىزلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر ئىچىملىك ئىچكۈڭىز بولسا، چاي،
قارا قەھۋە، تۆۋەن مايلىق سۈت قاتارلىقلارنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
0:
كەچلىك تاماقتىن كېيىن تاماق يېمەسلىك.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن يەنە بىر نەرسە يېيىش ئادىتى ئىككىنچى كۈنى قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىشى، شۇنداقلا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. كەچلىك تاماقنى ئەڭ ياخشىسى سائەت 18 دىن 20 گىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ھەزىم بولۇپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بەك تويۇپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك.
ئاۋۋال
كۆكتات، ئاندىن گۆش، ئاندىن ئاساسلىق تاماق يېيىش تەرتىپى تاماقتىن كېيىنكى
قان شېكىرىگە تېخىمۇ دوستانە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇمشاق
چايناپ ئاستا يۇتۇش، بىر ۋاق تاماق 20 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
1:
سېمىزلەر ھەر قېتىملىق تاماقتا بىر ئىككى ئاساسلىق يېمەكلىكنى ئازايتىشى
كېرەك. يېمەكلىكتىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تەمىنلىگەن ئېنېرگىيە ئومۇمىي
ئېنېرگىيەنىڭ %65 ~ %50 نى ئىگىلىشى كېرەك. ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن
شېكەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى (قان شېكىرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، لېكىن
دىيابېت كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلمىغان) كىشىلەر ھەر قېتىملىق تاماقتا بىر
- ئىككى (50 گىرام) ئاساسلىق يېمەكلىكنى ئازايتسا، 500 كىلوكالورىيە
ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئازايتقانغا باراۋەر بولىدۇ.
1: ھەر ھەپتىدە
ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم سىرتقا چىقىپ تاماق يېيىش.
سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە ئىمكانقەدەر دۈملەپ پىشۇرۇلغان، دۈملەپ پىشۇرۇلغان كۆكتات ۋە بېلىق گۆشى بۇيرۇتۇش، قارا گۆشنى ئاز تاللاش كېرەك. قورۇما قورۇغاندا ماي، تۇز، شېكەرنى ئاز سېلىشنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ، يەتتە - سەككىز ئۈلۈش تويغىچە يېسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55