بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتىكى ياخشى ئۇسۇللار

文摘   2024-12-13 18:31   新疆  


بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتىكى ياخشى ئۇسۇللار


ئارزىگۈل ئۇزۇن يىللىق بۇرۇن ياللۇغى بىمارى، ئەگەر سىز مەندىن بۇرۇن ياللۇغىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سورىسىڭىز، مەن راستتىنلا ئاغزى ـ ئاغزىمغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىمەن، مەسىلەن:
ھەر ۋاقىت بۇرنۇم توسۇلۇپ قالغاندەك ، نەپەس راۋان ئەمەستەك ھىس قىلىمەن؛
ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەرقانداق جايدا  قەغەز چىقىرىپ بۇرنۇمنى سۈرتۈشكە تەييار تۇرىمەن؛
ھەر ۋاقىت بۇرۇن ئىچى ـ سىرتىدىن كەلگەن قىچىشىشنى ھېس قىلىپ، تاتلىغۇم كېلىدۇ؛
بەزىدە ماڭقا بىلەن كۆز يېشى تەڭ ئاقىدۇ، يەنە كۆز قىچىشىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛
ھەر قېتىم چۈشكۈرگەندە، باشقىلار زۇكام دەپ ئويلايدۇ، لېكىن بۇرۇن ياللۇغى قوزغىلىپ قالدى خالاس ......
دېگەندەك، ۋەھاكازالار.

بولۇپمۇ  كۈز، قىش پەسلىدە ھاۋا بىر قەدەر قۇرغاق بولۇپ، بۇرۇن بوشلۇقى سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىسا ئاسانلا بۇرۇن ياللۇغى قوزغىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسلىدە ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن سۈمۈرۈلىدىغان دانچە ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، تۇمان ـ تۈتەك پەيدا بولۇپ، ھاۋا سۈپىتى ناچارلىشىپ قالسىلا بولالماي قالىدۇ، بۇمۇ بۇرۇن ياللۇغىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنى بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدىغان پەسىل دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇنداقتا، مۇھىم نۇقتا كەلدى، ئارزىگۈلمۇ باشقا بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان نۇرغۇن بىمارلارغا ئوخشاش بۇرۇن ياللۇغىنى پەسەيتىدىغان نۇرغۇن ئۇسۇللارنى سىناپ باققان، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولغان، بۈگۈن ئەلداۋا كۆپچىلىك بىلەن بىر قەدەر ئۈنۈملۈك دەپ قارالغان بىردىنبىر ئۇسۇل، يەنە كېلىپ بىر تىيىنمۇ خەجلىمەي، دورا يېمەيدىغان ئۇسۇل بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
سوغۇق سۇدا بۇرۇننى ئىتىش ئارقىلىق بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ:
كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، يۈزىنى ئىسسىق سۇ بىلەن ئەمەس، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇش، ئالقىنىغا سوغۇق سۇ قۇيۇپ،  سوغۇق سۇنى بۇرۇن تۆشۈكىگە سۈمۈرۈۋېلىپ بىردەم ئىتىۋېلىش، ئاندىن مىشقىرىش، يەنە سۇ قۇيۇپ سۈمۈرۈش، يەنە مىشقىرىش، ئۇدا بىر نەچچە قېتىم، بۇنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇش؛
بۇ سوغۇق سۇ بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى 10 كۈن داۋاملاشتۇرسا، كەلگۈسىدە بۇرۇن ياللۇغى ساقايغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.
بۇ ئۇسۇل قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىدىكى چاڭ ـ توزان، كېسەللىك باكتېرىيەسى، ياللۇغ خاراكتېرلىك ئاجرالمىلار قاتارلىقلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئۆزىدىكى زەھەر تازىلاش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يوقىتىدۇ.


جۇڭيى تېبابىتىدە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىككى مۇھىم نۇقتا:

بىرىنچى، ئورگانىزمنىڭ توغرا كەيپىياتىنى قوغداش، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا زىيادە چارچاش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك؛
ئىككىنچى، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، زىيادە تاماكا، ھاراق، ئاچچىق، بەك تويۇپ كېتىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، سۇ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش كېرەك؛
مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ياخشى ئالماشتۇرۇپ، چاڭ ـ توزان، گۈل چېڭى قاتارلىق زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك؛

تۇمانلىق كۈنلەردە، سىرتقا چىققاندا چوقۇم تۈتەكتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش بولسا ماسكا تاقىۋېلىش ، بۇرۇننىڭ زىيادە غىدىقلىنىشقا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنە ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىقلار، بۇ ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىپ، سوغۇقتىن شامالداپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



بۇرنىڭىز سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك تەلىيىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ


ئەينەك ئالدىغا كېلىپ يارىشىملىق بۇرنىڭىزغا تەپسىلىي قاراڭ ، بۇرنىڭىز  تۆۋەندىكى بۇرۇن شەكلىدىن قايسىغا ئوخشايدىكەن ياكى يېقىن كېلىدىكەن . بۇ  ئارقىلىق ئۆمۈرلۈك تەلىيىڭىزنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز !

سالونىمىزغا 131 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章