90% ئاياللاربىلمەيدىغان لىپتىك كىيىش ئۇسۇلى

文摘   2024-12-12 18:31   新疆  



90% ئاياللاربىلمەيدىغان لىپتىك كىيىش  ئۇسۇلى 


ئىچ كىيىمگە مۇناسىۋەتلىك تۈۋەندىكى بىلىملەرنى بىلەمسىز ؟ 

ھەممىمىز ئىچ كىيىمنى ئاياللارنىڭ ئىككىنجى قەۋەت تىرىسى دەيمىز، توغرا بولغان ئىچ كىيىم كۆكرەككە نىسبەتەن بىر خىل ئاسراش ھىساپلىنىدۇ. ئىچ كىيىمگە نىسبەتەن بەلكىم نۇرغۇن خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسى تولوق بولماسلىقى مومكىن، لىپتىكنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلەتمىسە لىپتىكنىڭ ئاسانلا شەكىلى ئۆزگىرىش بىلەن بىرگە كۆكرەككىمۇ خەتەر ئىلىپ كىلىدۇ . بۈگۈن رومان سالونى  ئارقىلىق سىزگە ئىچ -كىيمنى قانداق كىيىش ،  قانداق تاللاش  ، ۋەقانداق  يۇيۇش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز .

1. ئىچ كىيىمنى يۇيۇش قىتىم سانى : بەدەندىن كۆپ  قىسىم تەر چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئادەتتە ئىچ كىيىمنى 4/3 قىتىم كەيگەندىن كىيىن يۇيۇش كىرەك . ئەگەر كۆپرەك تەرلىگەن ئەھۋالدا ئىچ كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ ۋاقتىدا يۇيۇش كىرەك. بولمىسا باكتىرىيەلەر يىغىلىپ كۆكرەككە  كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ .

2. قېنىق رەڭلىك ئىچ كىيىمنى يۇيۇش : قېنىق رەڭلىك ئىچ كىيىمنى يۇيغاندا  تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ ئاندىن يۇيۇڭ .  بۇنداق قىلغاندا رەڭگىمۇ ئۆچۇپ كەتمەيدۇ ، ھەم دىزىنفىكسىيە قىلىنىدۇ .

3. چوقۇم قولىڭىزدا يۇيۇڭ كىرئالغۇغا سالماڭ ! 

چۈنكى كىرئالغۇغا سالغاندا لىپتىكنىڭ تاسمىسى ۋە ئىلگۈچى تارتىلىپ شەكىلى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ . ئەگەر ئىچ كىيمىڭىزگە <چوقۇم قولدا يۇيىلىدۇ> دەپ ئەسكەرتىش  يىزىلمىغان  بولسا كىرئالغۇغا سالسىڭىز بولىدۇ ، ئەمما كىرئالغۇدا تۇرغان ۋاقتى 3 مىنوتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك .


ئىچ كىيىمنى قولدا يۇيغاندا زادى قايسى ئۇسۇلدا يۇيۇش كىرەك ؟  

1. چوقۇم مەخسۇس ئىچ- كىيىم يۇيىدىغان سۇيۇقلۇق بىلەن يۇيۇش كىرەك . يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى سۇغا مۇۋاپىق تېمىتىپ 40 گىرادۇستىن تۆۋەن سۇدا يۇيۇش كىرەك. 

2. كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى سۇ بىلەن تۇلۇق ئارلىشىپ بولغاندىن كىيىن ئىچ كىيىمنى 5-10 مىنوت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ ئاندىن بوش ئۇۋلاپ يۇيۇش كىرەك . 

3. ئاندىن پاكىز سۇ بىلەن چايقاپ ، سۇپۇن مازغىپى تۈگگەندە يىنىك سىقىپ سۈيىنى چىقىرۋىتىمىز، ئاندىن لىپتىكنىڭ ئوتتۇردىن كىيىم ئاسقۇچتا ئاسىمىز. ھەرگىزمۇ تاسمىسىدىن ئاسمايمىز، ئىچ كىيىمنى شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا ئىسىپ قورتىمىز .

دائىم كۆرۈلىدىغان داغلارنى يوقىتىش ئۇسۇلى :  

تەر دىغى —— گۈرۈچ سۈيىگە چىلاپ قويۇپ يىنىك ئۇۋلاپ بەرسەك چىقىپ كىتىدۇ .

لەۋ سۇرۇق ياكى ماي دىغى ——  ئىسپىرىت تەككۈزۈپ ، ئاندىن ئىلىمان سۇدا ئىچ كىيىم يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا يۇيۋەتسەكلا  بولىدۇ. 

قان دېغى —— چىش پاستىسىنى ئىچ كىيىم يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ، كىچىك چوتكا بىلەن يىنىك چوتكىلاپ يۇيۋەتسە چىقىپ كىتىدۇ .  

مىۋە  شەربىتى  ——  ئۇننى داغنىڭ ئۈستىگە چېچىپ سۈزۈك سۇدا ئۇۋلاپ يۇيسىلا چىقىپ كىتىدۇ . 

ئىچ - كىيىمنى توغرا بولغان كىيىش ئۇسۇلى :  

1. بەدەننى 45 گىرادۇس ئېگىپ تاسمىنى مۆرىگە كەيدۇرۇپ ، باشنى كۆتۇرۇپ قەددىنى رۇسلىغاندىن كىيىن مۆرە تاسمىسىنى ئۆزىگە نىسبەتەن مۇۋاپىق بولغان ئورونغا توغىرلايمىز، شۇ ئېڭىشكەن ھالەتتە ئارقا ئىلگۈچنى ئېتىمىز، ئاندىن ئىككى تەرەپ قولتۇق ۋە كۆكسىنىڭ ئاستىدىكى ئارتۇق گۆشلەرنى يىغىپ ئەكىلىپ قەددىمىزنى توغرىلايمىز، بۇنداق قىلغاندا كۆكسىڭىز تولغان كۆرىنىدۇ .

ئىچ كىيىمنى قانداق تاللاش كىرەك ؟ 

ئىچ كىيىم  سېتىۋالغاندا چوقۇم كۆكسىڭىزگە قالقان بولالايدىغىننى تاللاڭ. ئىچ كىيىمنى قانداق ۋاقىتتا يېڭىسىغا ئالماشتۇرىمىز؟ بەزى خانىم - قىزلىرىمىز ئىچ كىيىمىنى كونىراپ يىرتىلىپ كەتكۈچە كىيىدۇ.  ئەمەليەتتە ئىچ كىيىمنىڭ ئۆمرى بەكلا قىسقا بولىدۇ، ئىچ كىيىمنىڭ شەكىلى ئۆزگەرگەن ۋە كۆكسىنى بىئارام قىلغان ھامان چوقۇم تاشلىۋىتىش كىرەك ، بولمىساكۆكرەككە بەزى زىيانلىق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ . 

لىپتىكنىڭ دوپپىسى دائىم ئۈستىگە سۈرۈلۇپ كەتسە لىپتىكنىڭ ئاستىنىڭ بەك بوشلىقىنى بىلدۇردۇ. ياكى ئۆزىڭىزگە ماس كەلمىگەن نۇمۇرنى ئالغىنىڭىزنى بىلدۈرىدۇ ، شۇڭا شۇڭا بۇنداق لىپتىكنى تاشلاپ ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغىننى سېتىۋىلىڭ .

لىپتىكنىڭ مۆرە تاسمىسى دائىم تۈۋەنگە سىرلىسا  سەۋەبى 2 خىل بولىدۇ .  

بىرىنجىسى : لىپتىك بەك چوڭ ھەم بەك بوش بولسا ئۈستىگە سۈرۈلىدۇ شۇنۇڭ بىلەن تاسمىسى تۇۋەنگە چۈشىۋالىدۇ.   

ئىككىنچىسى :  مۆرە پاسۇنى خاتا ، ھەممە ئادەمنىڭ مۆرە شەكىلى ئوخشىمايدۇ. كەڭ مۆرە، تار مۆرە ، تەكشى مۆرە، ئەگمە مۆرە، شۇڭا ئوخشىمىغان شەكىلدىكى مۆرىگە ئوخشىمىغان  لىپتىك تاللاش . لىپتىكنىڭ دۈمبىسى كەڭرىسىنى تاللىغان ياخشى ، تۇتۇپ تۇرىشىمۇ ياخشى ھەم بودەكلەرنىڭ دۈمبىسىنى بۆلىۋەتمەي كۆرسىتىدۇ .


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



يۈزشەكلىڭىز قانداق بولسا ، خاراكتېرىڭىز شۇنداق


ئاياللارنىڭ يۈز شەكلى چوڭ جەھەتتىن چاسا يۈز، گازىر يۈز، يۇمىلاق يۈز ۋە ئۇچلۇق( v شەكىللىك ) يۈز دەپ 4 بۆلىنىدۇ. چىراي مۇتەخەسسىسلىرى بىز ئۈچۈن بۇ 4 خىل يۈز شەكلىدىكى ئاياللارغا  تۆۋەندىكىكدەك چۈشەندۈرۈش بەرگەن.


ئۇنداقتا سىز بۇ يۈز شەكلى ئىچىدىكى قايسىغا تەۋە ئىكەنسىز ؟ شۇنىڭدىن خاراكتېرىڭىزنى بىلىۋېلىڭ .


سالونىمىزغا 125 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章