ئەتراپىمىزدا ئاۋۇپ قېلىۋاتقان تۇيۇقسىزئۆلۈملەر
جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ قوزغىلىشى جىددىي، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، بارغانسېرى ياشلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلىمىسى تۈپەيلى بىمەزگىل دۇنيادىن خوشلاشقان يېقىن يورۇقلىرىمىز، ئەلگە تونۇلغان داڭلىق كىشىلىرىمىز ئاز ئەمەس. قانداق قىلغاندا، بۇ خىل تىراگېدىيەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز؟
ئەتراپىمىزدا ئاۋۇپ قېلىۋاتقان ياش-ئوتتۇرا ياشلاردىكى تۇيۇقسىز ئۆلۈم ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ خىل تۇيۇقسىز ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ئەستە چىڭ ساقلاشقا تېگىشلىك ئىككى 120
جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى جىددىي قۇتقۇزۇشتا، مۇنداق ئىككى 120 نى ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم.
بىرى، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغالغان چاغدا، دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفون نومۇرى 120 گە تېلېفون ئۇرۇش كېرەك؛ يەنە بىرى، ھاياتنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى پەقەت 120 مىنۇت.
ئېلىمىزدە ھەر يىلى 600 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولىدۇ، ئۆلۈش نىسبىتى %30 دىن يۇقىرى. توسۇلغان تاجسىمان ئارتېرىيە تومۇرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولسا ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ.
يۈرەك تومۇرىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋاقتى جەزمەن كېسەللىك قوزغىلىپ 120 مىنۇت ئىچىدە بولۇشى كېرەك، كەينىگە سۈرۈلگەن ھەر 1 مىنۇتتا زور مىقداردىكى يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ.
تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال شۇكى، ھايات ماماتلىق بۇ كۈرەشتە، ئېلىمىز بىمارلىرىنىڭ ئىنكاسى ۋە ئىپادىسى ئىنتايىن ئېچىنارلىق بىر ئەھۋالدا دېيىشكە بولىدۇ.
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ 3 ئۆتكىلى
بىرىنچى ئۆتكەل:
بۇ ئۆتكەل بىمارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئىنتايىن ھالقىلىق ئۆتكەلدۇر. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى خەتەرلىك ئامىللىرى بار كىشىلەر كۆكرىكى ئاغرىشقا ئوخشاش يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلگەندە،
دەرھال بارلىق ھەرىكەتنى توختىتىپ، نىتروگلىتسېرىن 硝酸甘油 دورىسىنى تىلنىڭ ئاستىغا سېلىپ شۈمۈشى ھەمدە دەرھال 120 نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
ئىككىنچى ئۆتكەل:
جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى تېز سۈرئەتتە جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىمارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى ئۆتكەل:
بىمار دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە دىياگنوز قويۇپ، كېسەللىك قوزغالغاندىن كېيىنكى 120 مىنۇت ئىچىدە بىمارنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
بۈگۈن ئەلداۋا كۆپچىلىككە ئوتتۇرا ياش ۋە چوڭلاردا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان، ھەتتا يېقىن - يورۇقلىرىمىزنىڭ ئۇشتۇمتۇت جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمەكچى . دوستلارنىڭ بۇ مەزمۇننى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز! ئەجىر بىزدىن، تارقىتىش سىزدىن...
نېمىشقا يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تومۇر تاجىسىمان ئارتېرىيە دەپ ئاتىلىدۇ ؟
ئالدى بىلەن بۇنىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تومۇرلار خۇددى خان تاجىغا ئوخشاش يۈرەكنىڭ سىرتقى يۈزىنى قاپلىغاچقا، تاجىسىمان ئارتېرىيە دەپ ئاتالغان.
يەنە تېببىي كەسپىي دەرسلىك كىتابىدا قانداق ئېنىقلىما بەرگەنلىكىگە قاراپ باقايلى :
تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى دېگىنىمىز يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيە تومۇرى بوتقىسىمان قېتىشىپ، تومۇر بوشلۇقى تارىيىش ياكى توسۇلۇش سەۋەبىدىن، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ياكى نېكروزلىنىش (يۈرەك مۇسكۇل توقۇلمىلىرى ئۆلۈش) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۈرەك كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ، قىسقىچە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ياكى قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى رەسىمگە قارالسا بولىدۇ.
تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتىشنىڭ ئۇسۇلى ھازىرچە مۇنداق 2 خىل :
1. تاجسىمان تومۇرنى CTA دا تەكشۈرۈش ( گۈەنمەي سىتى 冠脉CT )
بۇ يۈرەك تاجسىمان ئارتېرىيە تومۇرىنى CT دا تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ ئالاھىدىلىكى تەكشۈرۈش قولاي ، باھاسى نىسبەتەن ئەرزان ، لېكىن توغرىلىق ياكى ئېنىقلىق دەرىجىسى سەل تۆۋەن .
2. تاجسىمان ئارتېرىيە تومۇرنى سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش ( گۈەنمەي زاۋيىڭ، گۈنمەي زويىڭ 冠脉造影 )
ھازىرقى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇشتىكى ئالتۇن ئۆلچەم.
تاجسىمان ئارتېرىيە تومۇرنى سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈشتە، تاجسىمان تومۇر تارىيىش 4 دەرىجىگە بۆلىنىدۇ :
1 - دەرىجىلىك %49-25 توسۇلۇش
2-دەرىجىلىك %74-58 توسۇلۇش
3-دەرىجىلىك %99-75 توسۇلۇش ( ئېغىر دەرىجىدە تارىيىپ كېتىش )
4-دەرىجىلىك %100 ( پۈتۈنلەي توسالغان )
ئادەتتە، تومۇر بوشلۇقى دىيامېتىرى %70-75 تارايغان بولسا ،قان بىلەن تەمىنلەشكە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ . قىسمەن %70-50 بولسا، يەنە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ئادەتتە % 50 تىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولغان تارىيىشنى تاجسىمان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش، تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشلىق يۈرەك كېسىلى ( تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ) دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. تاجىسىمان داغ پارچىلىرى پەيدا بولۇشتىن تاكى % 49 توسۇلۇشقىچە بولغاننى تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش، دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا تاجىسىمان تومۇرى %50 تارايغان ئادەمنىڭ تومۇرىدىكى داغ پارچىلىرى مۇقىم بولمىغانلىقتىن داغ پارچىلىرى يېرىلىشتىن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولىدىغان مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كېسەللىكنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدۇ ، تاجسىمان تومۇر يان شاخچىلىرىدا قان ئايلىنىش يوق بولغاچقا، ئاسانلا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئومۇمەن، يۈرەك كېسىلى كىچىك ئىش ئەمەس، ئۇ بىۋاسىتە جانغا تاقىشىدۇ. شۇڭا، چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . كەڭ دوستلارنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ۋە سۈپەتلىك ياشاش ئۈچۈن قەرەللىك تۈردە سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، مەسىلە بايقالغان ھامان دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چارە تەبىر قوللىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىغا مۇشتەرى بولۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O نى يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
ئەلداۋا ساغلاملىق سالونىغا مۇشتەرى بولۇڭ
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55