50 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ راك بولۇش نىسبىتى ئاشماقتا

文摘   健康   2024-12-29 19:02   新疆  




50 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ راك بولۇش نىسبىتى ئاشماقتا


راك كېسىلى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر دائىم ئۇنى ياشانغانلار توپى بىلەن باغلىۋالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياشلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مىساللىرى دائىم ئۇچراپ تۇردى.
50 ياشتىن بۇرۇن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرىدا راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ تېز ئاشقان.


مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» تەتقىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئاشقازان ئۈچەي يولى راكىنىڭ ياشلار ئارىسىدا كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

ئاشقازان - ئۈچەي يولى راكىنىڭ راكلار ئىچىدە ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز
يېقىندا، سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ پەن تەتقىقات كوللېكتىپى «ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى» نىڭ تارماق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، 2010 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئامېرىكا نوپۇسىدا بالدۇر پەيدا بولغان راك كېسىلى (راك كېسىلىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان چاغدىكى يېشى 50 ياشتىن كىچىك) نىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۆرلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشقازان - ئۈچەي يولى راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ تېز ئاشقان.



بۇ تەتقىقاتقا 560 مىڭدىن ئارتۇق قاتناشقۇچىنىڭ سانلىق مەلۇماتى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %62.5 ئايال، %37.5 ئەر ئىكەن. قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى 2010ـ يىلىدىن 2019ـ يىلىغىچە راك كېسىلىگە ئېنىق دىئاگنوز قويغان، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا:

7.5%ئادەمگە 0 ياشتىن 19 ياشقىچە راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان؛
10.5% ئادەمگە 20 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان؛ %24.3 ئادەمگە 30 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا راك كېسىلى دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان.
57.7% ئادەمگە 40 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە راك كېسىلى دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان.

تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2010ـ يىلىدىن 2019ـ يىلىغىچە، بالدۇر پەيدا بولغان راك كېسىلىنىڭ ئومۇمىي قوزغىلىش نىسبىتى ئۆرلەشكە يۈزلەنگەن؛ لېكىن ئوخشاش بىر مەزگىلدە 50 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئومۇمىي قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن.

تەتقىقاتتا ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەملەردىن چىقىرىلغان نەتىجە:

جىنسى
ئەر ئىچىدە، بالدۇر پەيدا بولغان راك كېسىلىنىڭ ئومۇمىي قوزغىلىش نىسبىتى %4.91 تۆۋەنلىگەن؛
ئاياللار ئىچىدە بالدۇر پەيدا بولغان راك كېسىلىنىڭ ئومۇمىي قوزغىلىش نىسبىتى %4.35  ئۆرلىگەن.

ياش باسقۇچى

30 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان كىشىلەردە بالدۇر پەيدا بولىدىغان راك كېسىلىنىڭ ئومۇمىي قوزغىلىش نىسبىتى ئۆرلەپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى %0.91 ئۆرلىگەن؛
باشقا ياش باسقۇچىدا نىسپىي مۇقىملىقنى ساقلاپ،0 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان كىشىلەردە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى %0.24 ئۆرلىگەن؛
20 ياشتىن 29 ياشقىچە ۋە 40 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %0.01 ۋە %0.05 تۆۋەنلىگەن.
50 ياشتىن 59 ياشقىچە، 60 ياشتىن 69 ياشقىچە، 70 ياشتىن 79 ياشقىچە ۋە 80 ياشتىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ كىشىلەردە راك كېسىلىنىڭ ئومۇمىي قوزغىلىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا %0.48، %0.75، %1.01 ۋە %1.16 تۆۋەنلىگەن.

ئوخشاش بولمىغان ئەزا سىستېمىسى
ئاشقازان - ئۈچەي يولى سىستېمىسىدا راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا %2.16 ئاشقان، ئۇنىڭدىن قالسا ئايرىم ئايرىم ھالدا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى راك كېسىلى ( %1.34) ۋە ئاياللار كۆپىيىش سىستېمىسى راك كېسىلى ( %0.93) ئىكەن.

ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى راك كېسىلى بالدۇر پەيدا بولغان 
بىمارلار سانىنىڭ ئېشىشىدا ئەڭ چوڭ بولغىنى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە راكى بولۇپ، %251.89 ئاشقان، ئۇنىڭدىن قالسا جىگەر ئىچىدىكى ئۆت نەيچىسى راكى ( %142.22 ) ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى ( %76.47 ) بولغان.
تەتقىقاتلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بالدۇر پەيدا بولىدىغان راك كېسىلىنىڭ ئومۇمىي قوزغىلىش نىسبىتى ئاشقان، بولۇپمۇ ئاشقازان ـ ئۈچەي يولى سىستېمىسىدىكى بالدۇر پەيدا بولىدىغان راك كېسىلى؛ 30 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئالاھىدە ھوشيار بولۇشى كېرەك.

نېمىشقا ئاشقازان ئۈچەي راكى ياشلارغا يۈزلەندى؟
ئاشقازان - ئۈچەي يولى راكىنىڭ قوزغىلىشى كۆپ ھاللاردا يوشۇرۇن بولىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە كۆپىنچە روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ ياكى كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولۇپ، سېزىش تەس بولىدۇ.

شەرقىي جەنۇب شۆيۈەنى قارمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى شى رۈيخۇانىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل راكنىڭ قوزغىلىش توپى كۈنسېرى ياشلىشىۋېتىپتۇ ھەمدە قانچە ياش بولغانسېرى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە تېز بولىدىكەن. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى سەۋەبلەر:


راكنىڭ ناچار يېمەك - ئىچمەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ
نۇرغۇن ياشلار كاۋاپ تۈرىدىكى ۋە تەمى بىر قەدەر ئېغىر يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئاش تۇزىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ توسۇقىنى بۇزۇپ، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارغا بولغان ئاسان يۇقۇملىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
تۇزلانغان، ئىسلانغان يېمەكلىكلەردە نىتروزو بىرىكمىلىرى ۋە كۆپ ھالقىلىق ئارېن تۈرىدىكى بىرىكمىلەر ھاسىل بولىدۇ، كېيىنكىسى راك پەيدا قىلىدۇ.


بۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يېمەسلىك، كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى ئاز قوبۇل قىلىش، خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولۇش، روھىي بېسىم، بەدەن چېنىقتۇرۇش كەمچىل بولۇش قاتارلىقلارمۇ راك كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.

چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ ئۇزاق ئولتۇرۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭ
ئۈچەي راكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ 50 ياشتىن كېيىن كۆپ كۆرۈلىدۇ. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 30 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەدرىجىي ئۆرلەپ، ئومۇمىي كېسەل بولۇش نىسبىتىنىڭ %10 نى ئىگىلىگەن.
ئۇزاق ئولتۇرۇپ، ئاز ھەرىكەت قىلىش، يېمەك - ئىچمەك قانۇنىيەتسىز بولۇش، يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولۇپ، نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ تاماق تىزىملىكىدە ماي تەركىبى يۇقىرى، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى ۋە سېللۇلوزا تەركىبى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت.
مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاستىلايدۇ، يېمەكلىك ياكى توكسىن ئۈچەيدە تۇرۇپ قالسا، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ؛
دائىم قىزىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، تىپىك بولمىغان ئۆسۈش پەيدا بولىدۇ، ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتسە راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى vs راكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى پەرقى
نۇرغۇن كىشىلەر دائىم راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن راكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈپ چىقىش راكقا گىرىپتار بولغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن راكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ناھايىتى زور پەرق بولىدۇ. چۇڭچىڭ داشۆسى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئۆسمە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ دۇڭلىن مۇنداق دېدى: راك كېسىلىنىڭ تەرەققىياتى ئادەتتە راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، ئەسلىي ئورۇندىكى راك ۋە ئىنفىلتراتسىيىلىك راكتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى بىر نورمال ھۈجەيرىنىڭ بىنورمال ئۆسۈشتىن باشلاپ پۈتۈنلەي راكقا ئۆزگىرىشى ئىنتايىن ئۇزاق بىر جەريان.

راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى
ھۈجەيرىدە بىنورمال ئۆسۈش كۆرۈلگەندە، ئۇنىڭ راكقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، ئەگەر يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلسا راكقا ئۆزگىرىشى مۇمكىن، بۇ جەريان راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ ئاتىلىدۇ.
راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆپ خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ، ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىرسىيەت ئامىلى قاتارلىقلار. راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ كۆپ قىسمى بىر خىل مۇقىم ھالەتتە تۇرۇشى مۇمكىن، بەزىلىرى ھەتتا نورمال ھالەتكە قايتىدۇ، ئاخىرىدا ئاز بىر قىسمى راك كېسىلىگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى
بۇ ئادەم بەدىنىدە ئاز ساندىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بارلىقىنى ھەمدە تەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەندە بەزى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. راك كېسىلى راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، لېكىن راكتىن ئىلگىرىكى بارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ھەممىسى راكقا ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى راكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە باراۋەر ئەمەس.
ھازىرقى تەكشۈرۈش ۋاسىتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاشقازان - ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈش دەسلەپكى ئاشقازان راكى، تۈز ئۈچەي راكى قاتارلىق ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرى، ھەتتا قىزىلئۆڭگەچتىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنى بايقاشتىكى ئەڭ سەزگۈر، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

45 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ھەر 2 ~ 3 يىلدا بىر قېتىم ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشى كېرەك؛ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسى، جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، ھەزىم قىلىش يولى راكى جەمەت تارىخى بار كىشىلەر تېخىمۇ بالدۇر يېشى (35 ياش) دىن باشلاپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.

ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ھەزىم قىلىش يولىدا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەسىلەن: دائىم كىسلاتا يېنىش، ھېق تۇتۇش، ئۈستۈنكى قورساق ۋە ئاشقازان يوشۇرۇن ئاغرىش، چوڭ تەرەت قارا كېلىش، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ئۇزاق مۇددەت ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، يۇتۇش بىئارام بولۇش قاتارلىقلار بولسا، كېسەللىك ئەھۋالىنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!

قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟


قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ،  قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى

ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى

روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...





ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章