ياپونىيەنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش دىياگنوزى: بۇ ئەھۋاللار خەتەر!

文摘   2024-12-23 17:02   新疆  


ياپونىيەنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش دىياگنوزى: بۇ ئەھۋاللار خەتەر! 


سىزدىكى ھالەت تۆۋەندىكىلەردىن ئىككىدىن ئارتۇقىغا ئۇيغۇن بولۇپ قالسا، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن
داڭلىق ئەر چولپان گاۋ يىشياڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىراگىراممىسىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا تۇيۇقسىزھوشىدىن كېتىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي  قازا قىلىپ، بىر توپ مەستانىلەرنىڭ كۆڭلىنى ھەسرەتكە قويۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. بۇنداق مىساللار كۆپ ئۇچرىماقتا...

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن يۈز بەردى دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇ كۆپىنچە سىرتقى قىياپىتى ساغلام كىشىلەرنىڭ تەبىئىي كېسەل سەۋەبىدىن ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەردە ئاياللاردىن يۇقىرى.
بۇنىڭغا قارىتا، ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە بىر خىل «تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش دىياگنوزى» نى يەكۈنلەپ چىققان بولۇپ، تۇرمۇش ئادىتى ئارقىلىق تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىگە ھۆكۈم قىلغان.


ئۇنداقتا، قانداق ئەھۋاللار تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؟

1. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق (ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، تۇرمۇش ئىنتايىن تەرتىپسىز بولىدۇ )


2. ھېرىپ چارچىغاندەك ھېس قىلىش ( دائىم چارچاش تۇيغۇسى بولىدۇ ).

3. نەپەس قىسىلىش، كۆكرەك ئاغرىش ( پەلەمپەيدىن چىققاندا مەيدىسى بەك ئاغرىپ، بەك ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىش )

4.بىركۈندە  10 تالدىن ئارتۇق تاماكا چېكىش ( بىر كۈندە 10 تالدىن ئارتۇق تاماكا چەككۈچىلەر )

5. ھەرىكەت كەمچىللىك ( ئادەتتە ئاساسەن ھەرىكەت قىلماسلىق )

6. ئىشتىھاسىزلىق، تاماق يېگەندە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ( باشقىلار بىلەن بىللە تاماق يېگەندە، دائىم بىرىنچى بولۇپ يەپ بولىدۇ )

7. مىجەزى چۇسلىشىش ( مىجەزى ئىنتايىن ئالدىراڭغۇ، ئاسان ئاچچىقلىنىش )

8. بېسىم ئېغىرلىشىش ( دائىم بېسىم بەك ئېغىردەك ھېس قىلىش )

9. مۆرە ئاغرىش ( مۈرىسى دائىم قاتتىق ئاغرىش )

10. ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش ( ئىسسىق سۇدا ئۇزاق يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرۈش )
بىردىن ئىككىسىگىچە چۈشسە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى %20 گە يەتكەن بولىدۇ.
يۇقىرىقىلارنىڭ 1~2 كىچە چۈشكەن كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بويىچە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.
لېكىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئارتېرىيە قېتىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە مېڭە تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا يەنىلا ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

3~5 كىچە چۈشكەنلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى %40 گە يەتكەن بولىدۇ.
يۇقارقىلارنىڭ 3~5 كىچە چۈشكەن ئادەمنىڭ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى سەل يۇقىرى بولىدۇ.
ھازىر پىيادە مېڭىشتەك بۇ خىل بىر قەدەر ئاستا ھەرىكەتتىن باشلاپ، يېمەك ـ ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بېسىمنىڭ يىغىلىپ قېلىشى چوڭ مېڭە ۋە يۈرەككە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بېسىمنى تارقىتالايدىغان بەزى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

6~8 كىچە چۈشكەنلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى %70 گە يەتكەن بولىدۇ.
يۇقارقىلارنىڭ 6~8 گىچە چۈشكەن ئادەمنىڭ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەتەرلىك دەرىجىسى سەل يۇقىرى بولىدۇ.
ئەگەر ھازىرقىدەك ئەھۋالدا، يەنە تاماكا خۇمارى بولسا، تېزدىن تاماكا تاشلاش تەكلىپىنى بېرىمىز.  چۈنكى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەنلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ 4 ھەسسىسى ئەتراپىدا بولىدىكەن.

بولۇپمۇ ئادەتتە ئانچە ھەرىكەت قىلمايدىغان كىشىلەر پىيادە مېڭىشتىن باشلاپ، بېلىق ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

9~10 گىچە چۈشكەنلەرنىڭ، ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى %90 گە يەتكەن بولىدۇ.
يۇقارقىلارنىڭ 9 ~ 10 گىچە چۈشكەن كىشىلەر دىققەت قىلىشى كېرەك، ئادەتتە سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە دوختۇرلار ھەر خىل ئىشلارنى تاپىلىدىمۇ؟
بولۇپمۇ ئادەتتە پەلەمپەيگە چىققاندا ناھايىتى كۈچ سەرپ قىلىدىغان ۋە ناھايىتى ئازابلىنىدىغان كىشىلەرگە، بۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.  ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق ۋاقىت سۇ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئىلمان سۇغا ئۆزگەرتىش ھەمدە يۇيۇنۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش كېرەك.
ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن باشقا يېمەك ـ ئىچمەك ۋە ھەرىكەتكىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

كىشىلىك ھايات جاپالىق، بىز چوقۇم تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك، لېكىن ھاياتلىقتىن ئايرىلساق، جان تىكىپ ئېلىشىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك!


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!




بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟


سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...

سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章