دائىم كەتىرا ئىچىپ بېرىشنىڭ 5 چوڭ پايدىسى

文摘   2024-12-29 19:02   新疆  


دائىم كەتىرا ئىچىپ بېرىشنىڭ 5 چوڭ پايدىسى


كەتىرا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى بولغان ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى بولغاچقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر كەتىرا سۈيىنى چاي ئورنىدا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈتۈنۈش ساقلىقنى ساقلاش ۋە بىر قىسىم كېسەللىكلەرنى قوشۇمچە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۇنداقتا، كەتىرانى سۇغا چىلاپ ئىچىشنىڭ زادى قانداق ئۈنۈمى بار؟

كەتىرانى سۇغا چىلاشنىڭ قانداق ئۈنۈمى بار؟

1. تۆمۈر ئېلېمېنتىنى تولۇقلاش

كەتىرانىڭ تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى، ئامىنو كىسلاتاسى، ئاقسىل، ساپونىن قاتارلىق ماددىلار ئىنتايىن مول بولۇپ، تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا تۆمۈر ئېلېمېنتى بار.

تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەتىرانى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىش كېرەك، بۇ بەدەنگە تۆمۈر ئېلېمېنتىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى ياخشىلاش ۋە بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە.

2. يۈرەكنى ئاسراش

ئەگەر قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسىلى بولسا، ھەر كۈنى كەتىرا سۈيىنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

كەتىرانىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ئېلېمېنتى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، تەركىبىدىكى ساپونىن، رىبوفلاۋىن، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىق ھەر خىل تەركىبلەر يۈرەكنى قوغداش رولىغا ئىگە. يۈرەكنىڭ قىسقىرىش دائىرىسىنى چوڭايتىپ، يۈرەكنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش ھادىسىسىنى ياخشىلاشتا بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە كەتىرا تەركىبىدىكى كەتىرا پولىساخارىد جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاش رولىغا ئىگە.

3. قان بېسىم قىممىتىنى تەڭشەش

كەتىرا تەركىبىدىكى كەتىرا ساپونىن ۋە ئامىنوبۇتېئىك كىسلاتا تەركىبى قوش يۆنىلىشلىك قان بېسىمىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە. ئەگەر قان بېسىمىنىڭ قىممىتى تۆۋەن بولۇپ، قان بېسىمى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلسە، كەتىرا سۈيىنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئەمما، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەتىرا سۈيىنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرگەندە، مېڭە قان تومۇرلىرى ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيە سىرتقى قان تومۇرلىرىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ھەمدە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان بېسىمىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

4. سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرۇش

كەتىرا تەركىبىدە پولىساخارىد، ئامىنو كىسلاتاسى، فولىك كىسلاتاسى ۋە ساپونىن قاتارلىق ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار، يەنە نۇرغۇن كالتسىي، سىنك، سېلېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار.

بۇ ئوزۇقلۇق ماددا تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان سۇلۇق ئىششىقنى بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلاش رولىغا ئىگە. ئۇ يەنە ئاقسىل سىيىش ھادىسىسىنى تۈگىتىپ، بۆرەك ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈيدۈكنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە بەدەن ئىششىش ئالامەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدۇ.

5. جىگەرنى ئاسراش

كەتىرانىڭ جىگەرنى ئاسراش رولى بار، جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ۋە جىگەر زەخىملەنگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن، كەتىرا سۈيىنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرگەندە، بەدەندىكى جىگەر شېكىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. جىگەردىكى قەنت مىقدارىنى نورمال دائىرىدە ساقلاپ، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە جىگەردىكى بەزى ياللۇغلارنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

بىراق، كەتىرانى ئىچكەندە بەزى ئىشلارنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

كەتىرا سۈيى ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قايسىلار؟

1. كەتىرانىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ياخشى تىزگىنلەش كېرەك

كەتىرانىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن مىقدارى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس. ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۈندىلىك ئىشلىتىش مىقدارى 10 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بەش گىرام ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. ئەگەر بەزى ئىچكى ئەزالار ساڭگىلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولسا، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتسە بولىدۇ، مەسىلەن، 20 گىرام ئەتراپىدا ساقلاش كېرەك.

2. مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش كەتىرانى سۇغا چىلىغاندا، باشقا بىر قىسىم جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بىلەن ماسلاشتۇرسا، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، قۇۋۋەت ۋە قان يېتىشمەسلىك ياكى قان ئازلىق، بەدەن ساپاسى ئاجىز كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، مېھرىگىياھ، كىرەش، چىلان قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرسا بولىدۇ. بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا ئالقاتنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرسا بولىدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كەتىرا سۈيىنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك بەش خىل پايدىسى بار. ئەمما كەتىرا سۈيىنى ئىچكەندە، ئىشلىتىش مىقدارىنى چوقۇم ياخشى كونترول قىلىش، مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، يەنە كېلىپ ئۇزاق ۋاقىت ئىچمەسلىك كېرەك.

بىر قىسىم ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت، قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھەمدە ھامىلدار ئاياللار كەتىرا سۈيى ئىچمەسلىكى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، سالامەتلىكنى ئاسراش رولىنى ئوينىيالمايلا قالماستىن، بەلكى بەدەنگە بەزى ئەكس تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



جورىڭىز بىلەن قانداق قول تۇتۇشۇشنى ياخشى كۆرىسىز؟


ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن قول تۇتۇشۇش ئۇسۇلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئۇنىڭ قولىنى قانداق تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزدىن سىزنىڭ زادى قانداق بىر ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ.

تۆۋەندىكى رەسىملەردىن بىرنى تاللاڭ، سىز قايسىسىنى ئەڭ بەك ياخشى كۆرىسىز؟

A.  تۆت بارمىقىڭىز ۋە باش بارمىقىڭىز بىلەن قول تۇتۇشۇش
B.  ئون بارماقنى كىرىشتۈرۈش
C . ئون بارماقنى بوشراق كىرىشتۈرۈش ھەمدە قولتۇقلاش
D . ئون بارماقنى تۈز قىلىپ كىرىشتۈرۈش
E . تۇيۇقسىز قول تۇتۇۋىلىش.


سالونىمىزغا 888 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.






سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章