قىش پەسلىدە كۆممىقوناقنى كۆپرەك يەپ بەرسە
كۆممىقوناق بىر خىل قارا ئاشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار ئىنتايىن كۆپ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار گۈرۈچ ۋە بۇغداينىڭكىدىن 5~10 ھەسسە كۆپ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىك تالاسى، ئامىنو كىسلاتاسى، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قاتارلىق تەركىبلەر ئىنتايىن مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە.
شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر قىشتىمۇ كۆممىقوناق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداقتا، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا كۆممىقوناق يەپ بەرسە، سالامەتلىككە زادى قانداق پايدىسى بار؟
قىشتا كۆممىقوناق يېيىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق پايدىسى بار؟
1. قان تومۇر ساغلاملىقىنى قوغداش
قىش پەسلىدە ھاۋا بىر قەدەر سوغۇق بولغاچقا، بەزى قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە ئاسانلا كېسەللىك قايتا قوزغىلىدۇ. بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سوغۇق ۋە سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشى قان تومۇرلارنىڭ بىنورمال قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
شۇڭا قىش پەسلىدە ھەر كۈنى كۆممىقوناقنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە بولىدۇ، چۈنكى كۆممىقوناقتا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ناھايىتى كۆپ، بولۇپمۇ كۆممىقوناقتىكى لىنولېئىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى %60تىن ئاشىدۇ.
بۇ خىل تەركىب قاندىكى خولېستېرىن ۋە ترىگلىتسېرىدنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ تەركىبلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئۇ قاننىڭ قويۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمى، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە بەزى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش
نۇرغۇن كىشىلەر قىش پەسلىدە ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاستىلاپ، ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. كۆممىقوناق تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ خىل تەركىب ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆممە قوناق تەركىبىدە سېلېن ۋە ماگنىي مول بولۇپ، بۇ خىل تەركىب ئۈچەي يولى شىللىق پەردىسىنى قوغداش، ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.
3. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش
بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ياكى يانفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى قىش ياكى ياز پەسلىدە بولسۇن، كۆممىقوناقنى مۇۋاپىق تۈردە كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ.
كۆممە قوناق تەركىبىدىكى كىسانتوفىل ۋە كۆممىقوناق سېرىق ماددىسىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدىكى سېرىق داغ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆممە قوناق تەركىبىدىكى ۋىتامىن a نىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش، شۇنداقلا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش رولى بار.
4. چوڭ مېڭىنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
كۆممە قوناق تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە گلۇتامىن كىسلاتاسى قاتارلىق تەركىبلەر ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ خىل تەركىب چوڭ مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ نورمال يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە چوڭ مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ قىلالايدۇ.
ئۇ يەنە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەپەككۇر ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆممىقوناقنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندا ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆممىقوناقنى مۇۋاپىق يەپ بەرگەندە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
5. قېرىشنى كېچىكتۈرۈش
كۆممە قوناق تەركىبىدىكى ۋىتامىن E نىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ھەم قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ، ھەم ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى ئازايتىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. يەنە بىر قىسىم زىيانغا ئۇچرىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە.
كۆممىقوناق تەركىبىدىكى گلۇتاتىئون سېلېن ئېلېمېنتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بەدەندە گلۇتاتىئون ئوكسىدازا ھاسىل قىلىدۇ. ھەم تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپ، ئورگانىزمنىڭ زىيادە قېرىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قىش كىرگەندە، ھەر كۈنى كۆممىقوناقنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە يۇقىرقىدەك بەش خىل پايدىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئورۇقلاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى كۆممىقوناقنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە، قورساق تويغۇزۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ يەۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يەنە ھەزىم قىلىش ۋە مېتابولىزم ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ماينى كۆيدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
لېكىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەيلى قايسى ۋاقىت بولسۇن، مەيلى قايسى خىلدىكى كىشىلەر توپى بولسۇن، بىر قېتىمدىلا كۆپ مىقداردا كۆممىقوناق يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەكسىچە سالامەتلىككە زىيانلىق.
مەزمۇن يارىغان بولسا، ئەجرىمىز ئۈچۈن بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!
بىلەمسىز؟ ئولتۇرۇش ھالىتىڭىز خاراكتېرىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ
ئادەم بەدىنى كۆپلىگەن مىجەز-خاراكتېرنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. بىر قىسىم ئىختىيارسىز قىلغانھەرىكەتلەردىن ئادەملەرنىڭ ھېسىيات تۇيغۇسىنى، تەشۋىشلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئولتۇرۇش ھالىتىمۇ شۇنداق، سىزنىڭ ئولتۇرۇش ھالىتىڭىز خاراكتېرىڭىزنى دەپ بېرەلەيدۇ.
ئىشەنمىسىڭىز بىز سىناپ باقايلى!
تۆۋەندىكى 5 خىل ئولتۇرۇش ھالەتلىرىدىن ئۆزىڭىزگە ماس بولغان ھالەتنى تاللاڭ ۋە سالونىمىزغا 555 رەقىمىنى يوللاڭ، سىزنىڭ قانداق خاراكتېرلىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55