ئېتىلام بولۇش مەنىي بالدۇركېتىشنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش
ئادەتتە بەدىنى ساغلام ، توي قىلمىغان ئەرلەر ھەر ئايدا 1-2 قېتىم ئېتىلام بولسا ، بۇ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر ئېھتىلام بولۇشنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىپ كەتسە ، پۈتۈن بەدىنىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، لېكىن بەزى ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىن ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنىي بالدۇر چىقىپ كېتىپ ، مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مانا بۇ ئاتالمىش مەنىي بالدۇر كېتىش دېيىلىدۇ .
ئېھتىلام بولۇش ، مەنىي بالدۇر كېتىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى روھىي ۋە پىسخىك ئامىللار ، نېرۋا ئاجىزلىشىش ياكى مەزى بېزى ياللۇغى ، ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى قاتارلىق يەرلىك ئەزاسى ياللۇغلىنىشنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ ، لېكىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ئىشنى چۈشەنمەيدۇ .
تۆۋەندە ئېھتىلام بولۇش ، مەنىي بالدۇر كېتىشنى شوۋىگۈرۈچ بىلەن داۋالاشنىڭ بىرقانچە خىل يەرلىك ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز :
1- قوي گۆشى سېلىنغان شوۋىگۈرۈچ
ماتېرىياللىرى : قوي گۆشىسىن 100 ~ 50 گرام ( ياغلىق پەردىنى چىقىرىۋېتىپ) گۆشنى ئۇششاق توغراپ ، ئىنچىكە غوللۇق گۈرۈچتىن 100 ~ 50 گرام ، خام ئەگرىسوناي شىرنىسىدىن 30 گرام ، قوۋزاق دارچىن ئۇۋۇقىدىن 3 گرام ئالىمىز .
ئېتىش ئۇسۇلى : قوي گۆشى بىلەن ئىنچىكە غوللۇق گۈرۈچنى سۇدا قاينىتىپ پىششىشتىن بۇرۇن خام ئەگرىسۇناي شىرنىسى ۋە قوۋزاق دارچىننى قوشۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق تۇز ، تەم تەڭشىگۈچلەرنى سالىمىز ، بۇنى ئەتىگەنلىك تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلشىقا بولىدۇ .
قوي گۆشى سېلىنغان شوۋىگۈرۈچ قاننى تولۇقلاپ بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق، شۇڭا قان ئازلىق كۆرۈلگۈچىلەر دائىم بۇخىل شوۋىگۈرۈچنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى كېرەك . قوي گۆشى قۇرۇق ئىسسىق بولغاچقا ، ئەرلىك ھەۋەسنى كۈچەيتىدۇ . مەنپىي ئامىللار ئاجىزلىشىش كۈچلۈك بولغۇچىلار ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ .
ئەسكەرتىش : ئۇنى ياز پەسىلىدە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك .
2- قۇچقاچ گۆشى سېلىغان شوۋىگۈرۈچ
ماتېرىيال : قۇچقاچتىن 5 نى تۇتۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىنى تازىلىۋېتىپ ئاندىن قورۇپ پىشۇرىمىز . سېرىق ھاراق بىلەن قۇشقاچ گۆشىنى قاينىتىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن سۇ قوشۇپ ، ئاندىن گۈرۈچ سېلىپ قاينىتىپ ، پىشقاندىن كېيىن غولپىياز ، تەم تەڭشىگۈچ قاتارلىقلارنى قوشىمىز . بۇنى ئەتىگەنلىىك تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ .
قۇشقاچ گۆشى سېلىنغان شوۋىگۈرۈچ بۆرەكنى ، ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدۇ . چۈنكى قۇشقاچ گۆشى سېلىنغان شوۋىگۈرۈچ قۇرغاق مۆتىدىل بولغاچقا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئېسىل دورا . ئەگەر دائىم قۇشقاچ گۆشى سېلىنغان شوۋىگۈرۈچنى ئىچىپ بەرسە ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ، ئەرلىك ھەۋەسنى كۈچەيتىدۇ .
ئەسكەرتىش : ئەرلىىك ھەۋىسى كۈچلۈكلەر كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ .
3- جىغان سېلىنغان شوۋىگۈرۈچ
ماتېرىيال : جىغاندىن 30 گرام ، ئىنچىكە غوللۇق گۈرۈچتىن 50 گرام ئېلىپ ، ئالدى بىلەن جىغاننى قاينىتىپ ، شىرنىسىنى گۈرۈچ بىلەن قايتا قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىمىز . بۇنى ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچىش لازىم .
بۇ شوۋىگۈرۈچ بۆرەككە مەنپەئەت قىلىپ ، بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ، بۆرەك ئاجىزلىشىشتىن ئېھتىلام بولۇش ، مەنىي بالدۇر كېتىش ياكى سوڭى چىقىپ قېلىش ۋە ئاياللارنىڭ ماتكىسى چىقىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ . جىغان شوۋىگۈرۈچ قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورا ئەمەس .
ئەسكەرتىش : ئەگەر ئارتۇق ئىستېمال قىلىنسا ، كۈچلۈك قىرتاق بولغانلىقتىن ئەكس تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4- ئالقات سېلىنغان شوۋىگۈرۈچ
ماتېرىيال : ئالقاتتىن 30 گرام ، ئاق گۈرۈچتىن 50 گرام ، قارا شېكەر ، ھەسەلنى مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇش لازىم . ئەگەر ئادەتتىكىدەك گۈرۈچنى قاينىتىپ شوۋىگۈچۈچ قىلىنسا گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن ئالقاتنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرىمىز ، ئالدى بىلەن ئالقاتنى پىشۇرۇپ سۈيىنى ئېلىۋېتىپ ئۇنىڭغا شوۋىگۈرۈچنى سېلىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ، ئۇنى ئىچكەندە قارا شېكەر ، ھەسەلنى مۇۋاپىق مىقداردا قوشساق بولىدۇ. بۇنى ئەتىگەنلىك ياكى كەچلىك تاماق ئورنىدا ئىچىش لازىم .
ئالقات سېلىنغان شوۋىگۈرۈچ جىگەر ، تال ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ . بۇنى جىنسىي ئاجىزلىق ، قان ئازلىق كېسەللىكى بار ئاياللار قوشۇمچە يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ . ئالقاتنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق بولۇپ ، ئۇ جىگەرنى ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ . گۈرۈچ ، شېكەر ، ھەسەل تالنى ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قىزىقارلىق سىناق: سىز ھەقىقىي ئەرمۇ؟ ھەقىقىي ئايالمۇ؟
بەزى ئەرلەردە خاراكتىر جەھەتتە ئاياللارغا خاس ئالاھىدىلىك مەۋجۇد. بەزى ئاياللاردا ھەم ئەرلەرگە خاس ئالاھىدىلىك مەۋجۇد. ئۇنداقتا قېنى ئۆزىڭىزدىكى ئەرلىك ياكى ئاياللىق خاراكتېر قانچىلىك دەرىجىدە ساپ؟ سىناپ كۆرۈڭ!تۆۋەندىكى رەسىمنى تۇنجى كۆرۈشىڭىزدە (بىر قاراشتا) بايقىغىنىڭىز نېمە؟
سالونىمىزغا 155 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55