گاڭپەنگە بۇلارنى قوشىۋەتكەندە راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ يېمەك ـ ئىچمىكى بەك پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، شۇڭا يېمەكلىك تالالىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك ئەمەس.
بولۇپمۇ نۇرغۇن ياشانغانلاردا دائىم ئاسان چارچايدۇ، روھى كۆتۈرەڭگۈ ئەمەس ، بۇنى كېسەللىكنىڭ ئالامىتى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ ھاللاردا ئېلېكتىرولىت قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا كۈندىلىك يېمەك ـ ئىچمەكتە مۇۋاپىق مىقداردا قارا ئاشلىق تولۇقلىغاندا، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى زور دەرىجىدە پەسەيتكىلى بولىدۇ.
گۈرۈچ تامىقىغا دانلىق زىرائەتلەرنى قوشۇش
1- گۈرۈچ + يىرىك گۈرۈچ糙米 = بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق
يىرىك گۈرۈچ دېگىنىمىز، بىر قەۋەت دانلىق زىرائەت پوستى، تۆرەلمە بىخى ۋە ئۇماچ قەۋىتى ساقلىنىپ قالغان گۈرۈچ بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ خىل يېمەكلىك تالالىرى ۋە مىنېرال ماددىلار مول، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپ، قەنت تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئازايتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تويۇش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
گۈرۈچنىڭ تاتلىق، يۇمشاق يېپىشقاق تەمى بار، يىرىك گۈرۈچنىڭ گۈرۈچ پۇرىقى بىلەن قوشۇلسا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە تەمىنى تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
2- گۈرۈچ + سۆسۈن گۈرۈچ/قارا گۈرۈچ 紫米/黑米= قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ
بۇ ماسلاشتۇرۇش كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى تاللاشقا ماس كېلىدۇ.
سۆسۈن گۈرۈچ ياكى قارا گۈرۈچ تەركىبىدە پولىفېنول ۋە بارىي ئوكسىدى مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.
بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ زەئىپلىكنى تۈگىتىپ كۈتۈنۈش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىغا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ.
قان ئازلىق، يۇقىرى قان بېسىم، نېرۋا ئاجىزلىق، سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.
3- گۈرۈچ + سۇلۇ燕麦 =قان تومۇرلارنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرىدۇ
گۈرۈچكە سېلىشتۇرغاندا، سۇلۇ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تېخىمۇ مول، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى ۋە كۆپ خىل دانلىق زىرائەت ۋىتامىنى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى قاندىكى خولېستېرىن مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4- گۈرۈچ ، تېرىق 小米= ھۆسن تۈزەپ ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ
تېرىقتا ياغ ، شېكەر ، ۋىتامىن b2 ، كالتسىي ، فوسفور ، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى مول.تېرىق ئادەم بەدىنىدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا ، ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئۇنى «ساقلىقنى ساقلاش گۈرۈچى»دەپ ئاتايدۇ.
تېرىق تالنى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە نېيتراللاشتۇرۇش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، قۇرۇق ئىسسىقنى ھەيدەش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، تال ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، بەدەن ئاجىزلىقى، قان ئازلىق، تۇغۇتتىن كېيىنكى زەئىپلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشنى داۋالايدىغان، ئوزۇقلۇق ئارقىلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ياخشى مەھسۇلات.
2- گاڭپەنگە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى ئارىلاشتۇرۇش
1- گۈرۈچ +قىزىل پۇرچاق 红豆= پۇتنى ئورۇقلىتىپ سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرىدۇ
گاڭپەنگە بىر نەچچە تال قىزىل پۇرچاق قوشۇۋەتسە ، پىشۇرۇلغان قىزىل پۇرچاقنىڭ خۇش پۇرىقى تېخىمۇ خۇش پۇرايدۇ ، تەمى تېخىمۇ تاتلىق ، يېيىشلىك بولىدۇ!
قىزىل پۇرچاق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كالىي ئېلېمېنتى بار بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى يېمەكلىكلەردە كالىي مىقدارى ئالدىنقى ئۈچ A دەرىجىلىك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ، ئۇ نەملىكنى ھەيدەپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىدۇ، پۇتتىكى ياغنى يوقىتىشقا پايدىلىق.
2- ساپ ئاق گۈرۈچ +سەي پۇرچاق 芸豆= ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ، يۈرەكنى قوغداش
يېڭى سەي پۇرچىقىنى ئادەتتە كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ ، قۇرۇق سەي پۇرچىقى بىلەن شورپا قايناتقاندا ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولىدۇ .بولۇپمۇ قىزىل سەي پۇرچىقىدا كالىي ، ماگنىي تەركىبى يۇقىرى ، ناترىي تەركىبى تۆۋەن بولغان بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ ، يۇقىرى قان بېسىمى ، يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.
بۇنىڭدىن باشقا ، قىزىل سەي پۇرچىقىنىڭ تەركىبىدە ئالا رەڭلىك ئانتوزىد ۋە ساپونىن مول بولۇپ ، بۇ خىل ماددا ياخشى بولغان ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ ، قىسمەن خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىققان بەدەننىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
كۆپچىلىككە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، سەي پۇرچاقنى چوقۇم يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىشۇرۇپ ئېزىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن يېيىشكە بولىدۇ، بولمىسا سەي پۇرچاق تەركىبىدىكى توكسىننى يوقىتالماي، ئاسانلا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3- گۈرۈچ + ماش 绿豆=ئىسسىقنى ھەيدەپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ
كۈز ۋە قىشتا ھاۋا قۇرغاق، ھاۋانىڭ نەملىكى تۆۋەن بولغاچقا، ئاسانلا قۇرۇق ئوت كۈچىيىپ، كالپۇك قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ.
گۈرۈچ تامىقى پىشۇرغاندا، ئازراق ماش ياكى يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قوشسا، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئىسسىقنى ھەيدەپ، كۈزدىكى قۇرغاقلىقنى ھەيدەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يېشىل پۇرچاق تەركىبىدىكى بىئو ئاكتىپ ماددىلار، مەسىلەن، پۇراقلىق پۇرچاق ماددىسى، بىئولوگىيىلىك ئىشقار، ئۆسۈملۈكلەردىكى ئالدېگىدىن قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، بەدەندىكى ياللۇغنى پەسەيتىپ، ۋىرۇسلۇق زۇكامغا قارشى تۇرىدۇ.
3- گاڭپەنگە ياڭيۇ تۈرىدىكىلەرنى قوشۇش
1- گۈرۈچ + تاتلىقياڭيۇ =ئۈچەي يولىنى تازىلاپ قەۋزىيەتنى پەسەيتىدۇ
تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى غىدىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت قەۋزىيەت ئازابى تارتقان كىشىلەر گۈرۈچ تامىقى پىشۇرغاندا بىر نەچچە پارچە تاتلىق ياڭيۇ قوشۇپ، دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن گۈرۈچ تامىقى بىلەن بىللە يېيىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ.
2- ئىنچىكە ئاق گۈرۈچ + كاۋا 南瓜= تېرىنى ياخشىلاپ قورۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
كاۋىنىڭ تەركىبىدىكى كاروتېن مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى ، ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، بەدەن ئەزالىرىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، تېرىنىڭ چىڭىشىنى ساقلايدۇ.بۇنىڭدىن سىرت ، كاۋىنىڭ تەركىبىدە يەنە كوبالت ئېلېمېنتى بولۇپ ، قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ ، قاننى تولۇقلايدۇ.كۈز ، قىش پەسلىدە كاۋا ئۇمىچىنى كۆپ ئىچىش ئەڭ ئاددىي ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رېتسىپى ھېسابلىنىدۇ.
3- ئىنچىكە ئاق گۈرۈچ + پىچەكگۈل 山药= تال ۋە ئاشقازاننى ئوزۇقلاندۇرۇپ تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ
پىچەكگۈلنى شورپا قاينىتىشتىن باشقا ، دۈملەپ يېسىمۇ ناھايىتى تەملىك . پىچەكگۈلنى ئۇششاق توغراپ گۈرۈچ تامىقى بىلەن قاينىتىپ يېسە ، تال ۋە ئاشقازان، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ . پىچەكگۈل يۇمشاق ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ ، ئاشقازان - ئۈچىيى ياخشى بولمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ ، ئاشقازان ئاغرىقى ، ئاشقازان يارىسىنى يېنىكلىتىدۇ . پىچەكگۈل تەركىبىدىكى خولىن ۋە لېتسىتىن مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق .
ئەلداۋادىن سەمىمىي ئەسكەرتىش: نۇرغۇن ياشانغانلاردا ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى بار ، مەسىلەن ، تاماق يېگەندە ئاسانلا قورساق كۆپۈش ، كېكىرىش ، ھەزىم بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ، ئۇلار چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك: قارا ئاشلىق قوبۇل قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ!
تاتلىق ياڭيۇ، تارو، ياڭيۇ، پىچەكگۈل قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئەسلىدىنلا ئاسان گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان يېمەكلىكلەر بولۇپ، فۇنكسىيەلىك ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمىغانلارغا مىقدارى ئېشىپ كەتسە كېسەللىك ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، يەنە باشقا كۆكتاتلارنى كۆپرەك ماسلاشتۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئەڭ ياخشى يېمەكلىك تولۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئۇنداقتا، قانچىلىك يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ئىككى قولنى بىرلىك قىلىپ، بىر كۈندە بىر ئوچۇمدىن يېسەكلا بولىدۇ.
ئاخىرىدا ، مۇنداق ئىككى ئەپچىل چارىنى ئۆگىنىۋېلىڭ: گۈرۈچ تامىقىنى قازانغا سېلىپ پىشۇرۇشتىن بۇرۇن ، گۈرۈچ تامىقىغا بىر قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇ قوشسا ، گۈرۈچ تامىقى تېخىمۇ يۇمشاق بولىدۇ.ئاچچىقسۇنىڭ نىسبىتى 500 گرام گۈرۈچكە بىر مىللىلىتىر ئاچچىقسۇ قوشسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
قاينىتىلغان گۈرۈچ تامىقىغا بىر نەچچە تامچە ئۆسۈملۈك مېيى تېمىتسا تەمى تېخىمۇ مەززىلىك بولۇپ ، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق ، يەنە ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قولنى ئەركىن يۇمۇش شەكلىڭىز،قابىلىيىتىڭىزنى سۆزلەپ بېرىدۇ
گىرمانىيەنىڭ قولنى ئەركىن يۇمۇش شەكلىگە ئاساسەن قابىلىيەتنى بىلىش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن قولىڭىزنى ئەركىن يۇمۇپ ، ئاندىن ئۇنىڭ يۇمۇلۇش شەكلىگە قاراڭ :
A. باش بارماق بىگىز بارماقنىڭ ئۈستىدە بولۇش
B. باش بارماق بىگىز ۋە ئوتتۇرا بارماق ئۈستىدە بولۇش
C. باش بارماق بىگىز بارماقنىڭ يان تەرىپىدە بولۇش
D. باش بارماق باشقا بارماقلارنىڭ ئاستىدا بولۇش
سالونىمىزغا 655 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55