جىگەرنى ماي قاپلاشنى قۇتقۇزۇشتىكى 5 مۇھىم نۇقتا
جىگەرنى
ماي قاپلاش سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى «دائىملىق مېھمان». نۆۋەتتە
يەر شارىدىكى ئاساسلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىنىڭ بىرى بولغان
جىگەرنى ماي قاپلاش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، جىگەر راكى، جىگەر
ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىلەن زىچ
مۇناسىۋەتلىك. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا
يەتكەن ھەر 3 ~ 4 ئادەم ئىچىدە جىگەرنى ماي قاپلىغانلاردىن بىرى بار. ئەگەر
ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە، ئۈزلۈكسىز يامانلىشىپ كېتىدۇ.
جىگەرنى ماي قاپلاشنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك كەينىگە ياندۇرغىلى بولىدۇ؟
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
<ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى> تەتقىقات ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، جىگەردىكى ماينى ئازايتىشنى ئورتاقلاشتى.
زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر
فۇدەن
داشۆسى قارمىقىدىكى جۇڭشەن دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر
بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى شۈ يامېي؛ مۇدىر ۋىراچ جوۋ جىڭمىن؛ شېنجېن داشۆسى
باش دوختۇرخانىسى جىگەر، ئۆت تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى
شياۋۋۇ؛ جۇڭشەن داشۆسى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى ئوزۇقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ
مۇئاۋىن مۇدىرى فېڭ شياڭ؛
جىگەرنى ماي قاپلىغان بىمارلارنىڭ يېمەك ـ
ئىچمەك لايىھەسى جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىلى،
ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش يەنى
سېمىزلىك. نۆۋەتتە، جىگەرنى ماي قاپلاشتا ئۈنۈملۈك دورا كەمچىل، تۇرمۇش
ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇلى.
يېقىندا، «تەبىئەت»
تارماق ژۇرنىلى «ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى ئىلمى ۋە جىگەرشۇناسلىق
تەبىئەت ئوبزورى» (Nature Reviews Gastroenterogy&Hepatology) دا
ئومۇمىي بايان ئېلان قىلىنغان. قۇرامىغا يەتكەن جىگەرنى ماي قاپلاش
بىمارلىرىنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئارىلىشىشنىڭ ئەڭ يېڭى تاكتىكىسىنى
خۇلاسىلىدى.
قۇرامىغا يەتكەن جىگەرنى ماي قاپلىغانلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئارىلىشىشتىكى ئەڭ يېڭى تاكتىكا خۇلاسىلەنگەن.
تەتقىقاتتا،
جىگەرنى ماي قاپلاشنى داۋالاشتا، مۇھىمى ساغلام يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى
ساقلاپ، ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىگە يېتىش كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان.
7 ~ %5 ئورۇقلىغاندا ياغنىڭ ئۆزگىرىشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، %10
ئورۇقلىغاندا تالالىشىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.
ئومۇمىي باياندا تۆۋەندىكى بىر قانچە يېمەك - ئىچمەك ئەسكەرتىشى
خۇلاسىلەندى:
ئوتتۇرا دېڭىز يېمەكلىكلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى
تۆۋەنلىتىش، جىگەردىكى ماي مىقدارىنى ياخشىلاشتا ماھىيەتلىك ئۈنۈمى بارلىقى
ئىسپاتلاندى. كۆكتات، مېۋە - چېۋە، بېلىق، قارا ئاشلىق، پۇرچاق ۋە زەيتۇن
يېغىنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەكتە ماي، تۇز،
شېكەر ئاز بولۇش، دۈملەپ پىشۇرۇش ياكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا تاماق ئېتىش
ئۇسۇلىنى كۆپرەك قوللىنىپ، سىرتتا تاماق يېيىش قېتىم سانىنى ئازايتىش
كېرەك.
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش، قارا گۆشنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك.
مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىش جىگەرنى ماي قاپلاشنى ياخشىلايدۇ؛
شېكەرلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
تاماكا تاشلاش، ھاراقتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
جىگەرنى
ماي قاپلىغانلار تاماق تاللاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئىسسىقلىق قوبۇل
قىلىشنى كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى
ساقلاش مۇھىم.
ئاساسلىق يېمەكلىك
ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ
قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش، ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا
يېرىم جىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك يېيىش كېرەك. ئاق گۈرۈچ تامىقى، ئاق
شوۋىگۈرۈچ، ئاق موما، ئاق بولكا قاتارلىق «پىششىقلانغان دانلىق زىرائەتلەر»
نىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك، بولمىسا تەركىبىدىكى كىراخمال ئاسانلا
جىگەردە مايغا ئايلىنىدۇ. يېمەك-ئىچمەكتە قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستېمال
قىلىش كېرەك، بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئانئورگانىك تۇز، ۋىتامىنلار بىر
قەدەر كۆپ، يەنە يېمەكلىك تالالىرى بىر قەدەر مول.
گۆش، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر
جىگىرىنى
ياغ قاپلاپ كەتكەن بىمارلار ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى، توخۇ تېرىسى
قاتارلىق ياغ تەركىبى يۇقىرى، خولېستېرىن مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى
ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى، شورپا، توخۇ شورپىسى، بېلىق شورپىسى
قاتارلىقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئورۇق گۆش، تۇخۇم ۋە
بېلىق، راكلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك.
بۇ ئەلا
سۈپەتلىك ئاقسىل، لېتسىتىن، ۋىتامىن قاتارلىق مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلار
بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق بولۇپ، جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا
پايدىلىق.
كۆكتات تۈرىدىكىلەر
جىگىرىنى ماي قاپلىغانلار ھەر
كۈنى 500 گىرام كۆكتات ئىستېمال قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، تۆۋەندىكى بىر
قانچە خىل كۆكتاتنى دائىم ئىستېمال قىلىشى كېرەك:
چىڭسەي تەركىبىدە
يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار
بولۇپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق
ئۈنۈملەرگە ئىگە.
خەيدەي تەركىبىدە مول تائۇرىن بولۇپ، ئۆت
سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. پەمىدۇرنىڭ جىگەرنى ماي قاپلاشتا
ساقلىقنى ساقلاش رولى بار، ئۇنى سوغۇق سەي قىلىپ، قورۇما قورۇپ ياكى
پىششىقلاپ پەمىدۇر قىيامى قىلىشقا بولىدۇ. پىياز باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش
ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە قاندىكى ماينى تەڭشەيدۇ. سامساق
قاندىكى خولېستېرىننى ئازايتىپ، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ.
مېۋە - چېۋە تۈرىدىكىلەر
مېۋە
- چېۋە تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار بىر قەدەر مول، يەنە ھەر
خىل پايدىلىق ئاكتىپ ماددىلار بار، مەسىلەن: فلاۋون قاتارلىقلار. جىگەرنى
ماي قاپلىغانلار ھەر كۈنى 200 ~ 350 گىرام مېۋە ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
ئاپېلسىن
تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن بولۇپ، ياغ مېتابولىزمىغا ياردەم بېرىپ،
جىگەرنىڭ مېتابولىزم زەھەر قايتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، جىگىرىنى ماي
قاپلىغانلار دائىم يەپ بەرسە بولىدۇ.
ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى ۋە قەنت
مىقدارى يۇقىرى مېۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا يېيىش كېرەك، مەسىلەن: دۇريان،
شېكەر قومۇشى، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار.
ئىچىملىك تۈرىدىكىلەر
پۇرچاق
سۈتى قاتارلىق پۇرچاق ياسالمىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مىقدارى تۆۋەن بولۇپ،
جىگىرىنى ماي قاپلىغانلارنىڭ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئىستېمال
قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز؛
كالا سۈتى تەركىبىدە كالتسىي ماددىسى كۆپرەك
بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىن بىرىكتۈرگۈچى فېرمېنتىنىڭ
ئاكتىپلىقىنى چەكلەيدۇ، جىگىرىنى ماي قاپلىغانلارنىڭ تۆۋەن مايلىق سۈت
ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئىچىملىك ۋە ھەر خىل تاتلىق يېمەكلىكلەر
تەركىبىدىكى قەنت ناھايىتى ئاسانلا جىگەردە ياغقا ئايلىنىدۇ، شۇڭا ئامال
بار ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
ھاراقنى كۆپ ئىچىش ئىسپىرت مەنبەلىك
جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئورۇقلاش ۋە جىگەرنى ماي
قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشىسى ھاراقنى
پۈتۈنلەي ئىچمەسلىك كېرەك.
مايلار
كالا مېيى، قوي مېيى، قايماق
قاتارلىق تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى مىقدارى يۇقىرى بولغانلىرىنى ئەڭ ياخشىسى
يېمەسلىك، ھەر كۈنى 20 ~ 25 گىرام ئۆسۈملۈك مېيى قوبۇل قىلىش كېرەك.
جىگەردىكى «ماينى ئازايتىش»
نۇرغۇن
كىشىلەر سېمىزلەرنىڭ جىگىرىنى ئاسانلا ماي قاپلايدۇ دەپ قارايدۇ،
ئەمەلىيەتتە، ئۇزۇن مەزگىل ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن، تاماقنى ھەددىدىن زىيادە
ئاز يەپ ئورۇقلىغانلارنىڭ جىگىرىنىمڭ ماي قاپلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاراق
ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار، دىيابېت بىمارلىرى، تېز ئورۇقلىغۇچىلار،
دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلەرمۇ جىگەرنى ماي قاپلاش خەۋپى يۇقىرى
كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ.
جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ تەرەققىي قىلىشى «ئۈچ باسقۇچ» قا بۆلۈنىدۇ:
جىگەرنى
ماي قاپلاش ← جىگەرنى ماي قاپلاشتىن بولغان جىگەر ياللۇغى ← ئۇنىڭ
ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر جىگەر قېتىشىش ياكى جىگەر راكىغا تەرەققىي
قىلىدۇ.
ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، چارچاپ
ماغدۇرسىزلىنىش، بوينى توملىشىش، ۋىتامىن كەملىك كېسىلى، ئىچكى ئاجراتما
قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا
دوختۇرخانىغا بېرىپ جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. جىگەرنى ماي
قاپلىغانلىقىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان ھامان، ئىشنى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى
ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، جىگەردىكى ماينى ئازايتىش كېرەك.
1. ئورۇقلاش؛
2. ئاز ئولتۇرۇپ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش؛
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55