ئاز ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش ئاشقازان يارىسىغا بالا بولىدۇ

文摘   健康   2024-12-08 18:30   新疆  




ئاز ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش ئاشقازان يارىسىغا بالا بولىدۇ


ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەشنى ئالدى بىلەن ئىشنى يېمەك- ئىچمەكتىن باشلاش كېرەك، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشقازىنى ياخشى بولمىسا ئاز ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش كېرەك، دەپ قارايدۇ.  لېكىن بىر خىل ئاشقازان كېسىلىگە نىسبەتەن،  ئاسراش رولىنى ئوينىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە، يۈكنى ئېغىرلىتىۋېتىپ، ساقىيىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.  


مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ئاشقازان كېسەللىكىنىڭ يېمەك - ئىچمەك مىزانىنى رەتلەپ چىقىپ كۆپچىلىككە سۇندى.

ئاشقازان يارىسى بارلار ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالانسا زىيانلىق
ئاشقازان يارىسى ئاشقازاننىڭ بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: ئاغرىق سېزىمى، كۆيۈشۈش سېزىمى، قورساق كۆپۈش سېزىمى پەيدا بولىدۇ، يەنە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزى كىشىلەر ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەسەيتىشنى ئويلايدۇ، لېكىن، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس.


جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پەن ۋېنشېڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاشقازان كىسلاتاسى مۇقىم ۋاقىتتا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ھەمدە يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىدۇ، ئەگەر ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم يېگەندە، ئاشقازان ئارتۇقچە ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ نورمال فىزىيولوگىيەلىك قانۇنىيەتنى بۇزۇپلا قالماي، يەنە ئاشقازان كىسلاتاسى يارا يۈزىنى ئۈزلۈكسىز  چىرىتىۋېتىدۇ، بۇ ساقىيىشقا پايدىسىز.


ئۇ ئاشقازان يارىسى بىمارلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تاماقنى قەرەللىك، نورمىلىق يەپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتىپ، ئاچلىق ياكى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىشنىڭ ئاشقازاننى زىيادە غىدىقلىشىدىن ساقلىنىپ، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.


ئەگەر ۋاقتىدا تاماق يېيەلمىسە، ئاچلىق ھېس قىلىشتىن بۇرۇن بەزى يېمەكلىكلەرنى يېسە بولىدۇ، ئەگەر چۈش سائەت 12 دە چۈشلۈك تاماقنى نورمال يېيەلمىسە، سائەت 11 دىن بۇرۇن ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېسە بولىدۇ. ماي تەركىبى تۆۋەن پىرەنىك، مېۋە-چېۋە قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا، ھەم ئاچلىق تۇيغۇسىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ ھەم ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرمايدۇ.

ئوخشاش بولمىغان ئاشقازان كېسىلىنىڭ «يېيىش» پىرىنسىپى
جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ كلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى ۋاڭ شى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوخشاش بولمىغان ئاشقازان كېسىلىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئالامىتى ئوخشاش بولمايدۇ، يېمەك ـ ئىچمەك جەھەتتىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار:

ئاشقازان - قىزىلئۆڭگەچ تەتۈر ئېقىمى
ئاشقازان - قىزىلئۆڭگەچنىڭ تەتۈر ئېقىشى ئاشقازاندىكى ماددىلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچ بوشلۇقىغا تەتۈر ئېقىشىدىن كېلىپ چىققان قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشىنى كۆرسىتىدۇ، يېمەك - ئىچمەكتە ئاشقازان - ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىشنى پىرىنسىپ قىلىش كېرەك.


بۇنىڭ ئۈچۈن ماينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەش كېرەك، قورساق بوشلۇقىدا ماي يىغىلىپ قالسا ئۆت سۇيۇقلۇقى، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەتۈر ئېقىشىنى غىدىقلاپ، كېسەللىك ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.


ئۇماچ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كونترول قىلىش كېرەك، تاماقنى كۆپ يېگەندە ئاشقازاننىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا ئاشقازان - قىزىلئۆڭگەچتىن يېنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا گۈرۈچ تامىقى، ئۈگرە قاتارلىق قۇرۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن تاماق يېمەسلىك كېرەك.

ئاشقازان يارىسى
ئاشقازان يارىسى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاشقازان - ئۈچەي يولى بىلەن ئۇچراشقان قىسمىدا پەيدا بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك يارا بولۇپ، دائىم ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ بولۇش سەۋەبىدىن ئاشقازان ئاغرىش، ئاشقازان كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،


يېمەك - ئىچمەك پىرىنسىپى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتىش ۋە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاشتىن ئىبارەت.


قارا ئاشلىق، كۈدە قاتارلىق يېمەكلىك تالاسى كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش؛ يۇمشاق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، ئاشقازان - ئۈچەينى تولۇق ئوزۇقلاندۇرۇش، بولۇپمۇ كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلاشقاندا شوۋىگۈرۈچ، نېلۇپەر يىلتىزى تالقىنى قاتارلىقلارنى ئىچىش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ يۇمشاق ئۈگرە، ئۇماچ قاتارلىقلارنى يېيىش كېرەك؛ پىياز، تۇرۇپ، كالا سۈتى قاتارلىق يەللىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.


ئاشقازان ياللۇغى

ئاشقازان ياللۇغى ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ۋە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى ئاشقازان يۈزە قەۋەت ياللۇغى، يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئالاھىدە ئاشقازان ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېمەك - ئىچمەكنى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش دەرىجىسىگە ئاساسەن تەڭشەش كېرەك.


ئاشقازان يۈزە قەۋەت ياللۇغى بارلارنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، قويۇق شورپا، چۈچۈمەل مېۋە - چېۋە قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلماسلىق، شۇلتا سېلىنغان موما، سودا سېلىنغان پىرەنىك قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئاشقازان كىسلاتاسىنى نېيتراللاشتۇرۇش لازىم.


يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە ئاز بولىدۇ، يېمەك - ئىچمەك ئۇسۇلى دەل ئالدىنقىسىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.

يېمەك - ئىچمەكتە ئاشقازاننىڭ تۇيغۇسىغا ئەگىشىش
يېمەك - ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىزچىل ئوزۇقلۇق ساھەسىدىكىلەر ئېتىراپ قىلغان غىزالىنىش پىرىنسىپى بولۇپ كەلدى، جۇڭگو، ئاۋسترالىيەدىكى رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى لو شياۋ بىر خىل «567 تويۇش ئۇسۇلى» يېمەك - ئىچمەك ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى، يەنى ئاشقازان ئارقىلىق ھېس قىلىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.


«5»: بەش ئۈلۈش تويۇش
بۇ بەش ئۈلۈش تويۇش پۈتۈنلەي كىراخمالسىز كۆكتاتلار بىلەن تاماملىنىدۇ، كۆكتات يېيىش ئارقىلىق بەش ئۈلۈش تويۇش تەس ئىش ئەمەس: خام سەي، تەرخەمەك، كىچىك شوخلا، سۇلۇق تۇرۇپ، نوقۇت سالاتى؛ قىزارتىپ پىشۇرۇلغان تەكىيە كاۋا؛ موگۇ بامبۇك نوتىسى قورۇمىسى.

«6»: داۋاملىق بىر خىل ئوزۇقلۇق تولۇقلاش
بەش ئۈلۈش تويۇش ئاساسىدا، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان يەنە بىر خىل مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددا − ئاقسىلنى داۋاملىق تولۇقلاش كېرەك. ئاقسىلنى ئاساس قىلغان يېمەكلىكلەر گۆش، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توخۇ پاچىقىدىن بىر تەخسە؛ دۇفۇ قەلەمچىسى بىر تەخسە.

«7»: ئەڭ ئاخىرىدا يەتتە ئۈلۈش تويۇش
مۇشۇنداق مول كۆكتات، مەززىلىك ئاقسىللىق قورۇمىلارنى يېگەندىن كېيىن، ئاساسلىق يېمەكلىك بىلەن ئېشىپ قالغان قىسمىنى تولۇقلىساق بولىدۇ.


ئۆزىنىڭ نەچچە ئۈلۈش تويغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش

بەك تويۇپ كېتىش: ئارتۇق بىر چىشلەممۇ يېيەلمەسلىك، يېسە ئازاب بولۇش؛
توققۇز ئۈلۈش تويۇش: زورمۇزور يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن ئاشقازىنى ناھايىتى لىق بولۇپ، ھەر بىر چىشلەم يۈك بولۇپ قالىدۇ؛
سەككىز ئۈلۈش تويۇش : ئاشقازان بەك تويۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، لېكىن يەنە ئازراق يېسىمۇ بىئارام بولمايدۇ؛
يەتتە ئۈلۈش تويۇش: قورساقنىڭ ئاچلىقى بېسىلغان، يېمەكلىككە بولغان ئىنتىلىشىمۇ ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس، لېكىن تېخى تويغاندەك ھېس قىلمايدۇ، ئادەت خاراكتېرلىك يەنە بىر نەچچە چوكا يېيىشنى ئويلايدۇ، لېكىن بۇ چاغدا تاماقنى ئېلىپ كەتسىمۇ ئەپسۇسلانمايدۇ؛
ئالتە ئۈلۈش تويۇش: يېمەكلىكنى ئېلىۋەتكەندە، ئازراق قانائەت قىلمايدۇ، يەنە بىر قېتىملىق تاماقتىن بۇرۇن روشەن ئاچلىق تۇيغۇسى بولىدۇ؛
بەش ئۈلۈش تويۇش: ئاچلىق تۇيغۇسى بولمايدۇ، لېكىن يەنىلا يېگۈسى كېلىپ تۇرىدۇ، كېيىنكى قېتىم تاماققىچە قورساق ئېچىپ كېتىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!

قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟


قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ،  قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى

ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى

روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...









ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章