جىنسىي تۇرمۇشى بارلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خەتەر باركەن، تېز كۆرۈڭ!

文摘   2024-12-06 18:30   新疆  


جىنسىي تۇرمۇشى بارلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خەتەر باركەن، تېز كۆرۈڭ!


كۆپچىلىكتىن بىر سوئال سوراپ باقاي ، 2020 كىرىپ بولدى ، سىلەر ھەممىڭلارنىڭ لايىقىڭلار بارمۇ؟

ئائىلىسى بار ياكى جىنسىي تۇرمۇش قىلمىشى بارلار ، لايىقى بارلار، چوقۇم چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك !

جىنسىي تۇرمۇش بار بولسىلا ، بۇ راك سىزگە يۈزلەنگەن بولىدۇ

بۈگۈن ئەلداۋا( eldawa ) كۆپچىلىك بىلەن بولۇپمۇ كۆپچىلىك دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا ئورتاقلاشماقچى:
 
ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن  قان كېلىش ئەھۋالى بولسا ( بىرىنچى قېتىملىق بولسا ھېسابلانمايدۇ )… كېچىكتۈرمەڭ ، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈش قىلىڭ .

جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن قاناش ئەھۋالى كۆرۈلسە ، بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشى ، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ، بالىياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇلى ئۆسمىسى ، بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە بالىياتقۇ بوينى ئەسلىي ئورۇنلۇق راك بولۇشى مۇمكىن .  

ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغۇنى ئەڭ ئاخىرىدىكى راك بولۇپ قېلىش.
چۈنكى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن قاناش ، شۇنداقلا دەسلەپكى مەزگىلدىكى بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ خەتەرلىك سىگناللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئەڭ بالدۇر بايقاش ئالامەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. قاناش مىقدارى ئاز كۆپ بولىدۇ ، بەزىدە پەقەت ئاز مىقداردا قان ئارىلاش ئاجرالمىلار ياكى قەھۋە رەڭلىك ئاجرالمىلار چىقىدۇ . 
 
 بىر جىنسىي تۇرمۇش بار ، سىزنى داۋاملىق ئەندىشىگە سېلىپ قويىدۇ ؟
HPV ( شورىغۇچسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى ) چۈنكى ئاياللاردىكى بالىياتقۇ بوينى راكىنى شورىغۇچىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى HPV كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى خەتەرلىك تىپلىق( HPV16 ) 70%  يۇقىرى بولۇپ ،18 خىل تىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بەزىلەر بەلكىم بۇ ئىش مېنىڭ جىنسىي تۇرمۇشۇم بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن.

ئازراق چوڭ مۇناسىۋىتى بار .
HPV ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىشتىن يۇقىدۇ ، يۇقتۇرۋالغان ئادەم باشقىلارغا ھەم جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقتۇرۇپ قويىدۇ . مەيلى ئەر  ياكى ئايال بولسۇن ، پەقەت جىنسىي تۇرمۇشى بار ئادەم بولسىلا ، HPV يۇقۇملىنىشى مۇمكىن .
 

نۆۋەتتە، HPVۋىروسى 130 نەچچە خىل تىپقا ئايرىپ چىقىلدى ، ئوخشاش بولمىغان تىپ ئايرىمىسى ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، مەسىلەن ، ئادەتتىكى سۆگەل ، ياپىلاق سۆگەل، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، ھەتتا بالىياتقۇ بوينى راكى ، زەكەر راكى ، مەقئەت راكى ، ئېغىز - يۇتقۇنچاق راكى قاتارلىقلار . 

ھەر قايسى ئورۇنلار سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ، بۇ تۈرلەرنى تەكشۈرۈش تۈر قاتارىغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بېرىمىز :

 جىنسىي تۇرمۇشتىن خالىي بولمىغان ئاياللارنىڭ ، 21 يېشىدىن باشلاپ ، TCT تەكشۈرۈش ياكى HPV تەكشۈرۈش قىلسا بولىدۇ . شارائىتى بارلار ئىككى تۈرنىڭ ھەممىسى ئىشلەتسە بولىدۇ ، بۇنىڭدا دىياگنوز قويۇلماي قېلىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.


HPV يۇقۇملانغانلىق راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىلەن تەڭمۇ؟
ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى خەتەرلىك تىپلىقHPV بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ ئاندىن بالىياتقۇ بوينىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشى مۇمكىن ، بالىياتقۇ بوينى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بالىياتقۇ بوينى راكى ئەمەس .
دىققەت: « ئۇزاق مۇددەت يۇقۇملىنىش داۋاملاشسا» ،سىجىل 5 يىل تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ھەممىسىدە HPV مۇقىم يۇقىرى خەتەرلىك تىپلىق ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن بولسا .


بۇنىڭدىن باشقا، سىز ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قۇرۇق تاماق يەيدۇ دەپ ئويلاپ قالغانمۇ ؟
ئەگەر بۇ يىلقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە HPV يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ، ھەرگىز قورقماڭ ، كۆپ ساندىكى ئاياللاردا بەدەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ HPV نى تازىلىۋېتىدۇ ،8-20 ئايدا بەدەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىممۇنىتېتلىق تازىلاش قىلالمىسا ، ئۇ چاغدا يەنە دوختۇر بار ئەمەسمۇ ؟ 

قىسقىسى، HPV بىلەن يۇقۇملىنىپ  بالىياتقۇ بوينى راكىغا ئۆزگەرگىچە ،  ۋاقىت كېتىدۇ ، بىردەمدىلا راكقا ئۆزگىرىپ قالىدۇ دېگەنلىك ئەمەس ؛ لېكىن جىنسىي تۇرمۇشلۇق ئاياللار يەنىلا بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .


ئەگەر سىز مۇشۇ ئادەملەر ئىچىدە بولسىڭىز ، HPV بۇنداق كىشىلەرنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر سىز « بۈگۈنى بىرسى بىلەن ، ئەتىسى يەنە بىرى بىلەن » ئارىلىشپ يۈرىدىغان ئادەم بولسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزگە مەسئۇل بولىشىڭىز كېرەك ؛
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوبيېكتى ئاشۇنداق « بۈگۈن بىرى بىلەن ئەتىسى يەنە بىرى بىلەن » ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلىغىڭىزنى بايقىسىڭىز ، مېنىڭچە سىز HPV يۇقۇملىنىشنى ئويلاشماي ، بەلكى ئوبيېكت ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ . 

تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپ باقسام : مەن پەقەت ئادەتتىكى جىنسىي تۇرمۇشتىنمۇ ، HPV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدىم؟
سىز تۇنجى جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان ۋاقتىڭىزنى ئەسلەپ بېقىڭ ، بەك بالدۇرمۇ؟ تۇنجى قېتىم 15 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى بولسا ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى توقۇلما ھۈجەيرىلىرى تېخى مۇكەمـمـەل يېتىلىپ بولالمىغان ھالەتتە ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناچار بولغاچقا ، ئاسانلا HPV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىسىز.  

بۇنىڭدىن باشقا، سىز يېنىڭىزدىكى ھەمراھنىڭ « خەتەرلىك » ئادەممۇ - ئەمەسمۇ دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭ خەتنىلىكىگە دىققەت قىلىش ، بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ، خەتنىلىك قىسىۋېلىش، خەتنىلىك كىرىنى تازىلاشقا دىققەت قىلامدۇ ، HPV ۋىرۇسى ناھايىتى ئاسانلا بۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنىۋالىدۇ ؛

ئەگەر ئۇنىڭدا زەكەر راكى ياكى ھەمراھى بالىياتقۇ بوينى راكى بولسا ، ئۇنداقتا بۇ سىزگە نىسبەتەن ياخشى خەۋەر ئەمەس ، مۇتلەق بولمىسىمۇ ، لېكىن سىزدە بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.  

ئۇندىن باشقا، جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولمىغان تەقدىردىمۇ بەلكىم HPV يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن ، مەسىلەن: يۈز يۇيىدىغان تەلەڭگە، لۆڭگە ، ھامىلىدار ئاياللار تۇغۇت يولى ئارقىلىق بوۋاقنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ .  

HPV بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر ، يەنە داۋاملىق جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزسە بولامدۇ ؟
ئەگەر « چەكلىسەك » سىز بۇنى قىلىپ بولالمايسىز ، ئۇنداقتا سىز يەنىلا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ . بىراق، ئىشتىن بۇرۇن ۋە ئىشتىن كېيىنكى تازىلىقىنى ياخشى قىلىڭ ، HPVدىن يۇقۇملىنىش بولمىغان تەقدىردىمۇ ، بۇ ئىككى قەدەمنى ئورۇنلاش ياخشى ئادەت .

ئەلۋەتتە ، گاندون ئىشلىتىش تېخىمۇ ياخشى چارە ، ئۆزىڭىزگە ۋە باشقىلارغىمۇ بىخەتەر بولىدۇ . گاندون HPV دىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۇقۇملانغان HPV نى يوقىتالمايدۇ .

جىنسىي تۇرمۇشى بارلار ، HPV نىڭ ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزامدۇ ؟
بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسى 2 ، 4  ۋە 9 ۋالېنتلىق ، پەرقى تۆۋەندىكىدەك ↓↓↓

9 ۋالېنتلىق ۋاكسىنا ئاللىقاچان بەزى ئۆلكىلەردە ئىشلىتىلىش بىلەن بىرگە ، بىر قىسىم كىشىلەر تولىمۇ ئەندىشە قىلدى :

ئاللىقاچان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ بولغانلار يەنە ۋاكسىنا ئۇرغۇزسا بولامدۇ ؟ ئۇرغۇزغاننىڭ ئۈنۈمى بولامدۇ ؟

قانداق دەيمىز ؟  HPV ۋاكسىنا جىنسسىز ھاياتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ، جىنسىي تۇرمۇشتىكىلەر ۋاكسىنا ئۇرغۇزسا پايدىسى يوق ، - دېگەنلىك ئەمەس ،يەنىلا ئازراق ئۈنۈمى بولىدۇ ، خالىسىڭىز ئۇرغۇزسىڭىز بولىدۇ . 

تەكىتلەيدىغان مۇھىم بىر نوقتا ، ۋاكسىنا ئۇرغۇزغاندىن كېيىنمۇ HPV ۋە TCT تەكشۈرۈشىنى قىلدۇرىشىڭىز كېرەك. بىر جۈملە سۆز، قەرەللىك تەكشۈرۈشنى ، قىسقارتىۋېتىشكە بولمايدۇ !


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!





قول ھەرىكىتىگە قاراپ خاراكتېرىگە ھۆكۈم قىلىش، بەك توغرىكەن


ئادەمنىڭ مىجەز خاراكتېرى كۆپ خىل بولىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېزلىكتە بىر  ئادەمنىڭ مىجەزخاراكتېرىنى بىلىش ئىنتايىن قىيىن. پىسخولوگ بىزگە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بىر ئادەمنىڭ خاراكتېرىنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، بەزى ۋاقىتتا ئەرزىمەس ئۇششاق ھەرىكەتتىنمۇ باشقا ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي خىيالىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. 

ئۇنداقتا، قول ھەرىكىتىگە قاراپ خاراكتېرىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟

رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە، ئىككى خىل ھەرىكەتنى قىلىڭ. ھېچقانداق ئوي-خىيالدا بولماڭ، بىۋاسىتە رەسىمدىكى ھەرىكەتنى قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن قايسى خىل تۈرگە كىرىدىغانلىقىڭىزغا قاراڭ.
1-ھەرىكەت: ئىككى قول بارماقلىرىنى تەبىئىي كىرىشتۈرۈرگەندە: 
A  : سوڭ قول باش بارماق ئۈستىدە بولسا «  U» بولىدۇ؛
B   : ئوڭ قول باش بارماق ئۈستىدە بولسا « SA » بولىدۇ؛

2-ھەرىكەت : ئىككى قولنى كۆكرەك ئۈستىگە قويۇپ تەبىئىي گىرەلەشتۈرگەندە:
A : ئوڭ بىلىكى ئۈستىدە بولسا « U » بولىدۇ؛
B : سول بىلىكى ئۈستىدە بولسا « SA » بولىدۇ؛

رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە، ئىككى خىل ھەرىكەتنى قىلىڭ. ھېچقانداق ئوي-خىيالدا بولماڭ، بىۋاسىتە رەسىمدىكى ھەرىكەتنى قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن قايسى خىل تۈرگە كىرىدىغانلىقىڭىزغا قاراڭ

ئەلداۋا  سالونىغا 777 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋابىنى تاپشۇرۇۋېلىڭ



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章