قول بېغىشىدىكى تومۇرنى تۇتۇپ يۈرەكتىكى چاتاقنى بايقاش
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ھەر يىلى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئادەتتىكىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشلەرنى قىلىپ تۇرىمىز ، ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك دائىم ئۆيدە ئۆزى بىر قىسىم تەكشۈرۈشلەرنى قىلسا بولىدۇ . ئەنگلىيەدىكى بىر گېزىتتە 10 خىل ئاددىي بەلگە جىسىملار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرگىلى بولىدىغان بىر قەدەر ئاددىي تېببىي تەكشۈرۈشنى يەكۈنلەپ چىققان ، بۈگۈن بۇنىڭ 4-ۋە 9- بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز . ناھايىتى قىزىقارلىق سىناپ بېقىڭ
بەلنى ئېگىپ قولنى پۇت بارماقلىرىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئۆلچەش
ئىشلەش ئۇسۇلى
باش ۋە دۈمبىسىنى تامغا يۆلەپ ئولتۇرۇپ، ئاندىن بەلنى ئالدىغا ئېگىپ ، دۈمبىسىنى تۈزلەپ ، قول بارمىقى بىلەن پۇت بارمىقىنى سىلاش .
ئەگەر سىز 40 ياشتىن ئاشقاندا قولىڭىز پۇتىڭىزنىڭ ئۇچىغا يەتمىسە ، ئۇنداقتا سىزنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىڭىز ئاشقان بولىدۇ .
ياپونىيە ساغلام ئوزۇقلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ بايقىشىچە، بەدەننىڭ ئەۋرىشىملىكى ناچار بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئارتېرىيەسى بىر قەدەر چۈرۈك بولىدىكەن . ئارتېرىيە قېتىشىپ چۈرۈكلەشكە باشلىغاندا ، ئەتراپىدىكى قاننىڭ ئېقىشى ئازىيىدۇ ، بۇ يۈرەكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
پۇتنىڭ ئۇچى بىلەن يەرنى دەسسەش ئارقىلىق ، يۈرەك دالانچە تىترەشنى تەكشۈرۈش
ئىشلەش ئۇسۇلى
بويۇن ياكى قول بېغىشىدىكى تومۇر سوقۇشىنى تېپىپ ، ئاندىن پۇت ئۇچى بىلەن يەرنى دەسسەپ ، توپتوغرا بىر مىنۇت تۇرۇش. بۇ جەرياندا، تومۇر سوقۇشتىكى ھەرقانداق نورمال بولمىغان ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى بەلكىم يۈرەك رىتىمىڭىزنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
تومۇر سوقۇش ئاتلاپ ئۆتۈش ياكى تومۇر تېز سوقۇش ، يۈرەك دالانچە تىترەشنىڭ ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن ؛ ئەگەر ئۇنى داۋالاتمىسا ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى ۋە سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
دالانچە تىترەشتىن يۈرەك بىر خىل قالايمىقان ۋە تەرتىپسىزلىشىپ . يۈرەك ئورۇنسىز ھالدا تېز سوقۇپ كېتىشى مۇمكىن ، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال دائىم يۈز بەرسە ، يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يۈرەك دالانچىسى تىترەيدىغان بىمارلاردا يۈرەك سوقۇشى بەزىدە نامۇۋاپىق ئاستىلاپ ، تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
يۈرەك دالانچە تىترەيدىغان بىمارلاردىكى يەنە بىر ئاساسلىق خەتەر بولسا ، قان نۆكچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئەگەر سىزدە دالانچە تىترەش ئالامىتى بار بولسا ، تېزدىن دوختۇرنى تېپىپ مۇۋاپىق تەكشۈرۈش قىلىش ، مەسىلەن ئېلىكتروكاردىئوگراممىغا چۈشۈڭ ، ئاندىن كېيىنكى قەدەمدە داۋالاش قىلىڭ .
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
ئەنگىلىيە تالانت سىنىقى: پۇتىڭىز قانداق بولسا تالانتىڭىز شۇنداق
چىرايلىق پۇتىڭىزغا قاراڭ ، ئاندىن تۆۋەندىكى 4 خىل پۇت شەكلى بىلەن سېلىشتۇرۇڭ ، قايسىغا ئەڭ يېقىنكەن ؟ ئاندىن جاۋابىنى كۆرۈڭ ...
1: رىم پۇت شەكلى
2: چاسا پۇت شەكلى
3: گىرىك پۇت شەكلى
4: مىسىر پۇت شەكلى
سالونىمىزغا 132 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55