يېڭى تەتىقىقات: %40 ئاز يەڭ 20 يىل ئۇزاق ياشايسىز

文摘   2024-12-01 20:02   新疆  


يېڭى تەتىقىقات: %40 ئاز يەڭ 20 يىل ئۇزاق ياشايسىز


 « ساغلاملىق » نىڭ بەلگىسى نېمە ؟
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە : ئىشتىھاسى ياخشى بولسا ، تاماقنى جىق يېسە ، ئاچچىق چۈچۈكنى يېيەلىسە ، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنى ناھايىتى ساغلام .


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسىدە ،  شەخسنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئۆمرىنىڭ % 15 ئىرسىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ،  % 10 ئىجتىمائىي ئامىلغا باغلىق ، %8 داۋالاش شارائىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، %7 كىلىماتنىڭ تەسىرىگە باغلىق ، % 60 ئۆزى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ .

كونىلار دائىم :« ئۆمۈر ئېغىزدىن تېجىلىدۇ ! » دېيىشىدۇ ، ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىقنىڭ كونىرىشى تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە : ئوزۇقلىنىش مىقدارىنى % 40 ئازايتىش ئارقىلىق ئۆمۈرنى 20 يىل  ئۇزارتىش مۇمكىنكەن . شۇڭا، ئەگەر ئاستىراق قېراي دېسىڭىز ، مۇۋاپىق ئاچلىقنى ساقلاڭ.

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئويلىسىڭىز ، ئازراق يەڭ !
ئامېرىكا دۆلەتلىك قېرىش تەتقىقات ئورنى (NIA)كۆپ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى يەكۈنلەپ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى : تاماق مىقدارىنى ئازايتىش ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق :
1980 - يىل، گانگ دەرياسى مايمۇنىغا 20 يىللىق تەتقىقاتنى سىجىل قانات يايدۇرغان ، ئىچىدىكى%93 گېن ئىنسانلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، ئوتتۇرىچە ئۆمرى تەخمىنەن 20 ياش . نەتىجىدە ھەر كۈنى تاماق مىقدارىنى % 30 كېمەيتكەن مايمۇنلار :

* ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىنى 43 ياشقا يەتكەن بولۇپ ، بۇ مايمۇن توپىنىڭ  ئوتتۇرىچە ئۆمرىدىن 20 ياش ئېشىپ كەتكەن ؛

* 30  ياشتىن كېيىن ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە ھەرىكىتىدە قېرىش ئىزناسى بولمىغان ؛

* راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %50 دىن ئارتۇقراق تۆۋەنلىگەن ، دىيابىېت كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى 0 ؛

ئۆلۈش نىسبىتى ئاران % 13 ، تەتقىقات مەزگىلىدە خالىغانچە يېگەن مايمۇنلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى % 37 كە يەتكەن ،( ئالدىنقىسىنىڭ3 ھەسسىگە يېقىن ) .


ئامېرىكا تافس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى سۇسان . روبېرتس ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى 218 نەپەر 21-50 ياشقىچە بولغان سىناققا قاتناشقۇچىلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە ، يېمەكلىك مىقدارىنى % 25 ئازايتقان ئادەملەر :

* قاندىكى ياخشى خولېستېرىن( 好胆固醇 ) كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىغان ؛

* ئۆسمىنى نېكروزلاشتۇرغۇچى(坏死因子) فاكتورى(TNFs)25% ئازايغان ؛

* ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىق % 40 تۆۋەنلىگەن ، ئومۇمىي قان بېسىمى تېخىمۇ تۆۋەن .

* بۇ تەتقىقات شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى ، « ئاز يېگەندە تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ» .

نېمە ئۈچۈن « ئاز يېسە » ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ ؟

1- ھۈجەيرە قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ
 ئامېرىكا گېئورگىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تومۇرلارنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە : يېمەكلىك قوبۇل قىلىش مىقدارىنى نىسبەتەن تۆۋەنلەتكەن ۋاقىتلاردا ، ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل β-ھىدروكسى بۇتىرىك كىسلاتا مولېكۇلاسى( β-羟丁酸的分子 )  دەپ ئاتىلىدىغان ، جىگەردە پەيدا بولىدىغان كېتون رادىكالى(酮基分子 ) ، قان تومۇر سىستېمىسىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى پەسەيتىدۇ .


2- ئاكتىپ ئوكسىگېننىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ
 تويغۇچە يېيىش ھۈجەيرىلەرنى زەخىملەندۈرۈپ ئادەمنى بالدۇر قېرىتىدۇ . كىشىلەر قوبۇل قىلغان ئوكسىگېننىڭ % 2  ئوكسىدلىغۇچى ئېنزىم تەرىپىدىن كاتالىزلىنىپ ئاكتىپ ئوكسىگېن( ھاسىل قىلىدۇ ) ، ئاكتىپ ئوكسىگېن ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن زىيانلىق ماددىلار بولۇپ ، ھۈجەيرە زەخىملەندۈرۈپ ، ئارتېرىيە قان تومۇرى قېتىشىش ، قېرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارى قانچە چوڭ بولسا ، پەيدا بولغان ئاكتىپ ئوكسىگېن شۇنچە كۆپ بولىدۇ ، ئادەمنىڭ قېرىش دەرىجىسىمۇ شۇنچە تېزلىشىدۇ.
تاماقنى ئاز يېيىش ئارقىلىق ئاكتىپ ئوكسىگېننىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىپ ، ھۈجەيرىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى ، قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ .


3- ئاشقازان تالنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش
 ئادەم بەدىنىنىڭ يېمەك - ئىچمەكنى ھەزىم قىلىش ، قوبۇل قىلىش ، چىقىرىشى ، ئاساسلىق تال ۋە ئاشقازان ئارقىلىق تاماملىنىدۇ ، ئوزۇقلىنىش جايىدا بولسا تال ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى نورمال ئىشلەيدۇ . ئەگەر يېمەكلىك قوبۇل قىلىش زىيادە كۆپ بولسا ، تال ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ، ئاشقازان ئارام ئالالمايلا قالماستىن يەنە زور مىقداردىكى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولسا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى بۇزۇپ ، ئاشقازان شەلۋەرەش ، ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ئەگەر كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە ماي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلغاندا ، ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ ، كۆپ مىقداردا زەھەرلىك ماددىلار ۋە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولىدۇ ، ھەتتا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


4- ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكتىن ساقلىنىش
ئادەم تولۇق تويۇنغاندىن كېيىن ، چوڭ مېڭىدىكى ماسسىسىنىڭ بىر خىل تالا بىخ ھۈجەيرىسى ئۆسۈش فاكتورىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ . بۇنداق تالا بىخ ھۈجەيرىسى ئۆسۈش فاكتورى ئارتېرىيە قېتىشىشنى تېزلىتىپ ، پوستلاق ماددا قاندىكى ئوكسىگېننىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، مېڭە يىگلەش ۋە مېڭە ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈپ ، ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتەلەيدۇ .


ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يەنە شۇنى بايقىدىكى ، تەخمىنەن %30 - %40 ياشانغان دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ، ياشلىق مەزگىلىدە ئۇزۇن مەزگىل تويۇنۇپ تاماق يېيىش ئادىتى بولغان . چۈنكى بەك تۇيۇپ تاماق يېگەندە ، ئاشقازان  يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە مۇھتاج بولىدۇ ، تېخىمۇ كۆپ قان ئاشقازان ، ئۈچەي يوللىرىغا يىغىلىپ قالىدۇ ، ئەمما چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى نىسپىي ھالدا يېتىشمەسلىكتىن ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ماددا ئالمىشىشى تەسىرگە ئۇچراپ ، چوڭ مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ .

5- يۈرەكنى قوغداش
بەك تۇيۇپ كەتكەندە ، ئاشقازان كېڭىيىپ  ئاسانلا يۇقىرىغا سىلجىپ ، يۈرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم ھەرخىل ئوزۇقلۇقى ماددىلارنى ھەزىم قىلىش ، قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مېتابولىزم ئېھتىياجلىق ئوكسىگېن مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ ، ئاسانلا ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولۇپ ، تۇيۇقسىز ئۆلۈشنى پەيدا قىلىدۇ .


6- بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش
يىمەكلىك قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش ئارقىلىق ، بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ ، ياخشى بولغان بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا ، يەنە سېمىزلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قاتار كېسەللىكلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ . ئۇزاق مەزگىل بەك تويۇنۇپ غىزالىنىش كىشىنى سەمىرىتىدۇ ، سېمىزلىك ئارتېرىيە قېتىشىش ، ئارتېرىيە قېتىشىش ، دىيابېت كېسىلى، راك كېسىلى قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


بەك تۇيۇنۇپ غىزالىنىش 7 چوڭ كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ


ئاشقازان كېسىلى :
بەك تۇيۇنۇپ غىزالىنىش بىۋاسىتە  ئاشقازان - ئۈچەي يولىغا زىيانلىق . ئۇندىن باشقا، ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىكى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ ، ھەر 2 - 3 كۈندە بىر قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك . ئەگەر ئاشقازان داۋاملىق بەك تويۇنۇش ھالىتىدە تۇرسا ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى  ئاسانلىقچە ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى كۆپ مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى بۇزىدۇ ، ئاشقازان كۆپۈش ، ئاشقازان ياللۇغى پەيدا بولۇپ ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ .


ئۈچەي يولى كېسىلى :
جۇڭگو تەيۋەن ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە ، ماينىڭ ئۈچەي ئىچىدە يىغىلىپ قېلىشىدىن ، ئۈچەي توسۇلۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، چوڭ تەرەت قارا ، قان ئارىلاش كېلىدۇ.


راك كېسىلى :
ياپونىيە ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە ، تاماقنى بەك تويۇپ يېيىشتىن راكنى تورمۇزلىغۇچى ھۈجەيرە فاكتورىنىڭ پائالىيەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ ، راك كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ .

سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش :
ئۇزاق مەزگىل قورساقنى بەك تويغۇزۇۋەتسە سۆڭەك ھەددىدىن زىيادە كالتسىيسىزلىشىپ ، سۆڭەك شالاڭشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ 

بۆرەك كېسىلى :
ھەددىدىن زىيادە غىزالىنىش ئادەملەرنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ ، بەدەندىكى ھەددىدىن زىيادە ئاقسىلسىز ئازوت بۆرەك ئارقىلىق چىقىرىلىدىغان بولغاچقا ، مۇقەررەر ھالدا بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ .


جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى :
كەچلىك تاماقتا زىيادە تويۇنۇپ غىزالىنىش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش،  ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


نېرۋا ئاجىزلىق :
كەچلىك تاماقتا بەك كۆپ يەۋېلىشتىن  ئاشقازان كۆپۈپ ئەتراپتىكى ئەزالارنى بېسىۋالىدۇ ، ئويغاتقۇچى « دولقۇن » تارقىتىدىغان چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ باشقا قىسىملىرىدا نېرۋا ئاجىزلىق پەيدا قىلىدۇ .


6 ئاددىي ئۇسۇلى ، سىزنىڭ تاماق مىقدارىنى كونترول قىلىپ ، 7 ئۈلۈش تويۇنۇشىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ !

1- كۆڭۈل قويۇپ تاماق
تاماق ۋاقتىدا كۆڭۈلنى بىراقلا بىرنەچچە ئىشقا بۆلمەڭ ، كونىلار « ئاۋۋال تائام ، ئاندىن كالام » دەپ بىكار ئېيتمىغان ، تاماق يېگەچ پاراڭلاشماسلىق ، ياكى بىر تەرەپتىن تاماق يەپ بىر تەرەپتىن تېلېۋىزور كۆرمەسلىك كېرەك ، بۇنداق قىلغاندا ئاڭسىز ھالدا كۆپرەك غىزالىنىش يۈز بېرىدۇ ، شۇڭلاشقا تاماق يېگەندە چوقۇم كۆڭۈل قويۇش كېرەك .


2- يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش
تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە ، ئوخشاش مىقداردىكى يېمەكلىكلەرنى ئاز چايناپ يېگەندە ، تاماقنى تېز يەپ بولىدۇ ، قورساق تېخىمۇ ئاسان ئاچىدۇ . شۇڭا، تاماقنى ئوبدان چايناپ ، ئاستا يۇتۇش ، ئىشتىھانى تىزگىنلەشتىكى كىچىك تاكتىكىلارنىڭ بىرى .

بەلكى، چايناش ۋاقتى بەك قىسقا بولغاندا ، ئاداشقان نېرۋا زىيادە ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرغان بولىدۇ ، ئىشتىھامۇ نىسپىي كۈچىيىپ كېتىدۇ . نەتىجىدە تاماق يېيىش سۈرئىتى تېز بولغان ئادەمنىڭ ، چوڭ مېڭىنىڭ تويغۇچە يېيىشنى توختىتىش سىگنالى بەرگىچە ، ئاللىقاچان بەك كۆپ يەۋالغان بولىدۇ .


مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى : بىر كاپام تاماقنى ئاز دېگەندە ھەر قېتىمدا 20 قېتىم چايناش ، تاماق ۋاقتى 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا ئەڭ ياخشى .

3- قارا ئاشلىقنى كۆپرەك يېيىش
كۆپرەك چايناش ئارقىلىق يۇتقىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش ، مەسىلەن ، قارا ئاشلىق ، مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتات، بۇنداق تاماقلارنى يېيىش سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا ، تويۇنۇش تۇيغۇسى بېرىدۇ.


4- سۇ تەركىبى كۆپ يېمەكلىكلەرنى يېيىش
سۇ تەركىبى كۆپ يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ، شۇنداقلا ئاشقازاننىڭ ناھايىتى تېزلا  « تۇيۇنۇش » ھىس قىلىشىغا پايدىلىق ، ئوخشاشلا تاماق مىقدارىنى كونترول قىلىپ سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىلىق .


5- تاماق ئاۋۋال شورپا ئىچىش
تاماق يېگەندە ئاۋۋال بىر قوشۇق شورپا ئىچكەندە ، قىزىلئۆڭگەچ ، يۇتقۇنچاقنى سىلىقلاشتۇرۇپلا قالماي ، يەنە تېز سۈرئەتتە تويۇنۇش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ ، ئاندىن كۆكتات يېگەن چاغدا تاماق مىقدارىنى كونترول قىلالايسىز .

6- تاماق قاچىسىنى كىچىككە ئالماشتۇرۇش
ئۆيدىكى قاچا - قۇچىلارنى بىر نومۇر كىچىكىگە ئالماشتۇرۇڭ ، ئۆزىڭىزگە بىر خىل يېمەكلىك يېتەرلىك بولغانلىقىدىن بېشارەت بېرىڭ ، بۇنىڭ ئاز يېيىشىڭىزگە ياردىمى بولىدۇ .


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟


سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...

سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章